ماداغاسقار

ماداغاسقار

ماداغاسقار ھىندى ئوكياننىڭ غەربىگە، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شەرقىدىكى دېڭىزغا جايلاشقان دۇنيادىكى 4-چوڭ ئارال. ئارىلىقى 386 كىلومېتىر كېلىدىغان موزامبىك بوغۇزى ئارقىلىق ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ماداغاسقار جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى ماداغاسقار
ۋاقىت رايونى UCT+3
دۆلەت تىلى فىرانسوز تىلى، مالگاش تىلى
نوپۇسى 20 مىليون 653 مىڭ
خەنزۇچە ئاتىلىشى 马达加斯加共和国
قىتئە تەۋەلىكى ئافرىقا
پايتەختى تانانارىۋو
سىياسى تۈزۈلمىسى زۇڭتۇڭ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى
يەر مەيدانى 587,401 كۋادرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماداغاسقارماداغاسقار جۇمھۇرىيىتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 20 مىليون 653 مىڭ بولۇپ، يەتتە قەبىلىگە بۆلۈنگەن، يەرلىك ئاھالە مالگاشلار دۆلەت نوپۇسىنىڭ %95 نى تەشكىل قىلىدۇ، بۇلاردىن باشقا يەنە فرانسۇزلار، كومورولىقلار، سىۋاھلىلار، ھىندىلار، خەنزۇلار بار. دىنى : ماداگاسكار ئاساس قانۇنى ماداغاسقارنى دىندىن خالى جۇمھۇرىيەت دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ ئەمما يەرلىك ئىپتىدائى دىنلارغا ئىشىنىدىغانلار ماداغاسقار ئاھالىسىنىڭ %52 نى تەشكىل قىلىدۇ. خىرىستان دىنى ماداغاسقاردىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ دىن بولۇپ كاتولىكلار مادگاسكار نوپۇسىنىڭ %41 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئىسلام دىنى ماداغاسقاردىكى يەنە بىر مۇھىم دىن بولۇپ، ماداغاسقار ئارىلىنىڭ شەرقى-شىمالىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئانتانكارانا، ساكالاۋا قاتارلىق قەبىلىلەر 11-12-ئەسىردىلا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ شانلىق مەدەنىيەت بارلىققا كەلتۈرگەن، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدا يېزىق بەرپا قىلىپ شانلىق يازما يادىكارلىقلارنى قالدۇرغان.

 ماداغاسقار ئەسلىدە سىۋاھلى تىلىدىكى مىللەتلەرنىڭ زىمىنى بولۇپ مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدە بۇ يەرگە مالاي تاقىم ئاراللىرىدىكى دېڭىز بويلاپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان مالايلارنىڭ بىر قىسمى ھىندى ئوكياندىن ئۆتۈپ كۆچۈپ كېلىپ ئۇششاق بەگلىكلەرنى قۇرغان. مىلادى 10 - ئەسىردىلا ئەرەب دېڭىزچىلىرى بۇ چوڭ ئارالنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. 14- ئەسىردە ئىتالىيە ساياھەتچىسى ماركو . پولو ئەڭ بۇرۇن ماداگاسكار ئارىلىنى تىلغا ئالغان، لېكىن ئۇنىڭ ئۆزى بۇ ئارالغا ھەقىقىي كېلىپ باقمىغان بولۇپ، پەقەت تارقىلىپ يۈرگەن پاراڭلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ خاتىرە قالدۇرغان، 1500 - يىلى 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى پورتۇگالىيە دېڭىزچىسى دېئوك . دىئاس تۇنجى قېتىم بۇ ئارالغا يېتىپ كەلگەن، ئۇ كۈنى دەل سائىنىت لاۋرېنىس ئارىلى دەپ نام قويغان، دىئوك . دىئاس دۆلىتىگە قايتىپ پورتۇگالىيە پادىشاھىغا مەلۇم قىلغاندا، پادىشاھ بۇ ئارالنى ماركو . پولونىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە تىلغا ئېلىنغان، ئافرىقىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان موگادىشو پادىشاھلىقى « ھازىرقى سومالى » دەپ ئويلاپ قېلىپ، خاتا ئاھاڭ ئوقۇلۇشى ۋە يېزىلىشى سەۋەبىدىن بۇ ئارال « ساداغاسقار ئارىلى » دەپ ئاتىلىپ قالغان. بەزىلەر Malagasi سۆزىنىڭ خاتا تارقىلىشىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، نېگىر قەبىلىلېرىدىكى بىر خىل تىلدا بۇنىڭ مەنىسى « مالايلىقلار ( مالايسىيەلىكلەر ) » دېگەنلىك بولىدۇ دېيىشىدۇ. 14 - ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە مارنالار ئارالدا ئىمالنا دۆلىتىنى قۇرۇپ، 1794 - يىلىغا كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ، ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن فېئوداللىق پادىشاھلىق بولغان. 1896 - يىلى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان. فىرانسىيەلىكلەر كەلگەندىن كېيىن لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسدىكى ئېلىپبە بارلىققا كېلىپ مالگاش خەلقىنىڭ يېزىقى بىرلىككە كەلگەن. 1958 - يىلى 10 - ئايدا بۇ ئارال « فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى » قارمىقىدىكى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولۇپ، « مالاگاس جۇمھۇرىيىتى » دەپ ئاتالغان. 1960 - يىلى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق ئاتالغان. « مالاگاس سۆزى » فرانسۇزچە Malgacge سۆزىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، فرانسۇز تىلىدا ئۇ « ماداغاسقار » سۆزىنىڭ سۈپەت شەكلى. 1975 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى دۆلەت نامى « ماداغاسقار دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى » قىلىپ بېكىتىلگەن. 1995 - يىلى دۆلەت نامىنى ماداغاسقار جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتكەن.

 ماداغاسقارنىڭ دۆلەت تىلى مالاي پولىنىزىيە تىللىرى سېستىمىسى -مالاي تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە مالاگاش تىلى، ھۆكۈمەت تىلى فىرانسۇز تىلى ۋە ئەنگىلىز تىلى، ھەر قايسى قەبىلىلەر ئۆز تىلىنى ئىشلىتىدۇ. ئەنگىلىز تىلى ماداغاسقاردا فىرانسۇز تىلىدىن قالسىلا كەڭ ئۇمۇملاشقان چەتئەل تىلى ھىساپلىنىدۇ. 

ماداغاسقار ھىندى ئوكياننىڭ غەربىگە، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شەرقىدىكى دېڭىزغا جايلاشقان دۇنيادىكى 4-چوڭ ئارال. ئارىلىقى 386 كىلومېتىر كېلىدىغان موزامبىك بوغۇزى ئارقىلىق ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. پۈتۈن ئارالنى ۋولقان جىنسلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ، ئارالنىڭ ئوتتۇرا قىسمى تاغلىق بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1200-400 مېتىر كېلىدۇ. دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇب قىرغاقلىرىدا تۈزلەڭلىكلەر بار. ئەڭ ئېگىز چاراتانانا چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2880 مېتىر كېلىدۇ، دۆلەتنىڭ غەربىي قىسمىدىكى دېڭىز قىرغاق تۈزلەڭلىكلىرىنىڭ كەڭلىكى 10-20 كىلومېتىر كېلىدۇ. ماداغاسقارنىڭ كۆپ قىسمى تروپىك بەلباغقا جايلاشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ شەرقىي قىسمى بىلەن غەربىي قىسمىنىڭ ئىقلىمى پەرقلىنىدۇ. شەرقىي تەرىپى ھىندى ئوكيان يىللىق نەم ھاۋاسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىمى شەكىللەنگەن، بۇ جايلارنىڭ يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ. غەربىي قىسىمنىڭ ئىقلىمى تروپىك ساۋاننا ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، بۇ جايلارنىڭ قۇرغاق پەسلى بىلەن ھۆلچىلىك پەسلى ئېنىق بولىدۇ. دۆلەتنىڭ مەركىزىي قىسىملىرىدىكى تاغلىقلارنىڭ ئىقلىمى يىللىق نەم كېلىدۇ. ماداغاسقارنىڭ يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولۇپ، قىش پەسلى بولمايدۇ. پۈتۈن دۆلەتنىڭ 1/6 قىسىم يېرىنى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ.

ماداغاسقارماداغاسقار دۇنيادىكى ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ، ئاھالىنىڭ %90 ى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %26 نى، ئېكسپورتىنىڭ %80 نى ئىگىلەيدۇ، دېھقانچىلىقىدا شال، مانىخوت، كۆممىقوناق، كوفى، شېكەر قومۇشى، كېۋەز، قەلەمپۇر ۋە خانىدا پۇراقلىق ماتېرىيال بولۇپ، ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئاساسلىق كالا، چوشقا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. ماداغاسقارنىڭ سانائەت ئاساسى ئاجىز، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئاران %15 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاساسلىق ئىقتىسادى كىرىمى چەتئەللەرنىڭ ياردىمى ۋە ساياھەتچىلىكتىن ئىبارەت بولۇپ ساياھەتچىلىك ماداغاسقارنىڭ تۈرۈك كەسپى ھىساپلىنىدۇ، ماداغاسقار قەھۋە، گۆش، پۇراقلىق ماتېرىياللار، شېكەر ئېكسپورت قىلىدۇ، ماشىنا - ئۈسكۈنە، ئاپتوموبىل، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئاشلىق قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ. ماداگاسكارنىڭ 2008-يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتى20 مىلىيارد دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 1000 دوللار توغرا كېلىدۇ. ماداگاسكارنىڭ 2001-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش نىسبىتى ئىزچىل %7 ئەتراپىدا.

ماداغاسقارتەبىئىي بايلىقى مول. گرافىت زاپىسى ئافرىقا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، يەنە چىرىمتال، ئۇران، قوغۇشۇن، قىممەت باھالىق تاش، بارىت، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، نىكېل، بائۇكسىت توپىسى، خروملۇق پولات، كۆمۈر قاتارلىقلار بار. دەريا ئېقىنلىرى شىددەتلىك ئېقىن بولۇپ، سۇ كۈچى بىلەن توك چىقىرىش يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور. ئورمان كۆلىمى 1470 مىڭ گېكتار. ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن گۈرۈچ، مانىھوت، قوناق قاتارلىقلار، گۈرۈچ بىلەن ئۆز - ئۆزىنى تەمىنلەيدۇ. ئاساسلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن قەھۋە، سېرىنگۈ، تالالىق ئاگاۋى ، شېكەر قومۇش، خاسىڭ، كېۋەز قاتارلىقلار بار، ئۇنىڭ خۇش پۇراقلىق ۋانىلا مەھسۇلات مىقدارى ۋە ئېكسپورت مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ماداغاسقارنىڭ ساياھەت بايلىقى مول، ئەمما، مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى يېتەرلىك بولماسلىق، ھۆكۈمەت نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئېھتىياجلىق. ئاساسلىق ساياھەت نۇقتىلىرىدىن ئۈچۈن قۇلۇلە ئارال،  ۋە ئەۋۋام شەھىرى، ئانجېلا قۇلۇلە ئارامگاھى، ناژولار مافانا دۆلەت باغچىسى، « ئانتايمورولار قەغەز » زاۋۇتى، ئىساروگ دۆلەت باغچىسى قاتارلىقلار. 

نوشىنىڭ قۇلۇلە ئارال، سان مارى ئارىلى، تيەنجىن بازا ئۆسۈملۈك باغچىسى، ئانسىرابې، تاماتاۋ قاتارلىقلار. 

[0]

ماداغاسقار جۇمھۇرىيىتى

ماداغاسقار ئەسلىدە سىۋاھلى تىلىدىكى مىللەتلەرنىڭ زىمىنى بولۇپ مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدە بۇ يەرگە مالاي تاقىم ئاراللىرىدىكى دېڭىز بويلاپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان مالايلارنىڭ بىر قىسمى ھىندى ئوكياندىن ئۆتۈپ كۆچۈپ كېلىپ ئۇششاق بەگلىكلەرنى قۇرغان. مىلادى 10 - ئەسىردىلا ئەرەب دېڭىزچىلىرى بۇ چوڭ ئارالنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. 14- ئەسىردە ئىتالىيە ساياھەتچىسى ماركو . پولو ئەڭ بۇرۇن ماداگاسكار ئارىلىنى تىلغا ئالغان، لېكىن ئۇنىڭ ئۆزى بۇ ئارالغا ھەقىقىي كېلىپ باقمىغان بولۇپ، پەقەت تارقىلىپ يۈرگەن پاراڭلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ خاتىرە قالدۇرغان، 1500 - يىلى 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى پورتۇگالىيە دېڭىزچىسى دېئوك . دىئاس تۇنجى قېتىم بۇ ئارالغا يېتىپ كەلگەن، ئۇ كۈنى دەل سائىنىت لاۋرېنىس ئارىلى دەپ نام قويغان، دىئوك . دىئاس دۆلىتىگە قايتىپ پورتۇگالىيە پادىشاھىغا مەلۇم قىلغاندا، پادىشاھ بۇ ئارالنى ماركو . پولونىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە تىلغا ئېلىنغان، ئافرىقىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان موگادىشو پادىشاھلىقى « ھازىرقى سومالى » دەپ ئويلاپ قېلىپ، خاتا ئاھاڭ ئوقۇلۇشى ۋە يېزىلىشى سەۋەبىدىن بۇ ئارال « ساداغاسقار ئارىلى » دەپ ئاتىلىپ قالغان. بەزىلەر Malagasi سۆزىنىڭ خاتا تارقىلىشىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، نېگىر قەبىلىلېرىدىكى بىر خىل تىلدا بۇنىڭ مەنىسى « مالايلىقلار (مالايسىيەلىكلەر) » دېگەنلىك بولىدۇ دېيىشىدۇ. 14 - ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە مارنالار ئارالدا ئىمالنا دۆلىتىنى قۇرۇپ، 1794 - يىلىغا كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ، ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن فېئوداللىق پادىشاھلىق بولغان. 1896 - يىلى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان. فىرانسىيەلىكلەر كەلگەندىن كېيىن لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسدىكى ئېلىپبە بارلىققا كېلىپ مالگاش خەلقىنىڭ يېزىقى بىرلىككە كەلگەن. 1958 - يىلى 10 - ئايدا بۇ ئارال « فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى » قارمىقىدىكى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولۇپ، « مالاگاس جۇمھۇرىيىتى » دەپ ئاتالغان. 1960 - يىلى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق ئاتالغان. «مالاگاس سۆزى» فرانسۇزچە Malgacge سۆزىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، فرانسۇز تىلىدا ئۇ «ماداگاسكار » سۆزىنىڭ سۈپەت شەكلى. 1975 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى دۆلەت نامى « ماداغاسقار دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى » قىلىپ بېكىتىلگەن. 1995 - يىلى دۆلەت نامىنى ماداغاسقار جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتكەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#