ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى

 ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى (US Dollar Index) ئامېرىكا دوللىرىنىڭ خەلقئارا تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى پېرېۋوت ئەھۋالىنى ئۇنىۋېرسال ئەكس ئەتتۈرىدىغان كۆرسەتكۈچ بولۇپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ بىر يۈرۈش پۇللارغا قارىتا پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىش دەرىجىسىنى ئۆلچەشكە ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى دېگەن نېمە؟ ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى (US Dollar Index) ئامېرىكا دوللىرىنىڭ خەلقئارا تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى پېرېۋوت ئەھۋالىنى ئۇنىۋېرسال ئەكس ئەتتۈرىدىغان كۆرسەتكۈچ بولۇپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ بىر يۈرۈش پۇللارغا قارىتا پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىش دەرىجىسىنى ئۆلچەشكە ئىشلىتىلىدۇ. ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ تاللانغان بىر قاتار پۇللارغا قارىتا ئۇنىۋېرسال ئۆزگىرىش نىسبىتىنى ھېسابلاش ئارقىلىق ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىق دەرىجىسىنى ئۆلچەپ، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورتتىكى رىقابەت ئىقتىدارى ۋە ئىمپورت تەننەرخىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ۋاسىتىلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى ئەڭ دەسلەپتە نيۇيورك كېۋەز بېرژىسىدا ئېلان قىلىنغان. ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ تاللانغان بىر قاتار پۇللارغا قارىتا ئۇنىۋېرسال ئۆزگىرىش نىسبىتىنى ھېسابلاش ئارقىلىق ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىق دەرىجىسىنى ئۆلچەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەر بىر پۇلنىڭ ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئوخشاش بولمايدۇ : ياۋرو %57.6 نى، يىن %13.6 نى، فوندستېرلىڭ %11.9 نى، كانادا دوللىرى %9.1 نى، شۋېتسىيە كرونى %4.2 نى، شۋېتسارىيە فرانىكى %3.6 نى ئىگىلەيدۇ، ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ يۆنىلىشىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورتتىكى رىقابەت ئىقتىدارى ۋە ئىمپورت تەننەرخىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ۋاسىتىلىك ئەكس ئەتتۈرگىلى بولىدۇ.

ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى ئۆرلىسە، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ باشقا پۇللارغا قارىتا سېلىشتۇرما باھاسىنىڭ ئۆرلەيدىغانلىقى، يەنى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى ئۆرلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، خەلقئارادىكى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن قىممىتى ھېسابلىنىدىغان ئاساسلىق تاۋارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قىممىتى چۈشىدۇ. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى ئۆرلىسە ئۆز دۆلىتىدىكى پۈتۈن ئىقتىسادقا پايدىلىق، ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆرلەپ، سېتىۋېلىش كۈچى ئاشىدۇ. ئەمما بىر قىسىم كەسىپلەرگە زەربە بېرىدۇ. مەسىلەن ئېكسپورت كەسپى، پۇلنىڭ قىممىتى ئۆرلىسە ئېكسپورت قىلىنىدىغان تاۋارلارنىڭ باھاسى ئۆرلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ تاۋار ئېكسپورت قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلىسە، ئەھۋال بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#