Twitter شىركىتى

Twitter شىركىتى 2006-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىدىكى سان فىرانسىسكودا جېك دورسېي (Jack Dorsey)، نوئاھ گلاس (Noah Glass)، ئېۋان ۋىليامىس (Evan Williams)، بىز ستون (Biz Stone) قاتارلىقلارنىڭ ھەمكارلىقىدا قۇرۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى Twitter
شىركەت تىپى شەخسىي شىركەت
باش شىتابى ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتىدىكى سان فىرانسىسكو
قۇرۇلغان ۋاقتى 2006-يىلى 3-
چەتئەلچە نامى Twitter
خەنزۇچە ئاتىلىشى 推特(非官方)
كەسپ تەۋەلىكى پۈتۈن يەرشارى
قۇرغۇچىسى جېك دورسېي (Jack Dorsey)، نوئاھ گلاس (Noah Glass)، ئېۋان ۋىليامىس (Evan Williams)، بىز ستون (Biz Stone)
توربېكىتى twitter.com

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

Twitter شىركىتىTwitter شىركىتى 2006-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىدىكى سان فىرانسىسكودا جېك دورسېي (Jack Dorsey)، نوئاھ گلاس (Noah Glass)، ئېۋان ۋىليامىس (Evan Williams)، بىز ستون (Biz Stone) قاتارلىقلارنىڭ ھەمكارلىقىدا قۇرۇلغان. 

Twitter-ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ۋە مىكرو بىلوگ مۇلازىمىتى، ئۇ ئابونىتقا 140 خەتتىن ئېشىپ كەتمىگەن ئۇچۇرنى يوللاپ بېرەلەيدۇ، بۇ ئۇچۇرلار «(推文) Tweet» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مۇلازىمەتنى جېك دورسېي 2006-يىلى 3-ئايدا تەسس قىلىنىپ، شۇ يىلى 7-ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرگەن. Twitter پۈتۈن دۇنياغا كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، Twitter نىڭ ھازىرقى CEO سى دىك كوستولو (Dick Costolo) نىڭ ئېلان قىلىشىچە، 2012-يىلى 3- ئايغىچە، Twitter نىڭ ئاكتىپ ئەزاسىنىڭ سانى 140 مىليونغا يەتكەن، بۇ ئەزالارنىڭ ھەركۈنى ئېلان قىلغان Tweetتىنىڭ سانى تەخمىنەن 340 مىليونغا يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا Twitter ھەركۈنى تەخمىنەن 1 مىليارد 600 مىليون توردا ئىزدەش تەلىپىنى ھەل قىلىدۇ. Twitter باشقىلار تەرىپىدىن «ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ۋە قىسقا ئۇچۇر مۇلازىمىتى» دەپ تەسۋىرلەنگەن. تور بېكەتنىڭ تىزىملاتمىغان ئەزالىرى ئاشكارا Tweet لارنى ئوقىيالايدۇ، تىزىملاتقان ئەزالىرى بولسا Twitter تور بېكىتى، قىسقا ئۇچۇر ياكى ھەرخىل ئەپلەر ئارقىلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلالايدۇ. Twitter شىركىتى سان فىرانسىسكودا قۇرۇلغان بولۇپ، بىر قىسىم ئىشخانا ۋە مۇلازىمېتىرلىرى نيۇيوركقا جايلاشقان. Twitter بولسا ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى ئىچىدىكى زىيارەت قىلىنىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئون چوڭ تور بېكەتنىڭ بىرى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، Twitter«ئەرەب باھارى» ۋە باشقا سىياسىي ھەركەتلەرنىڭ مۇھىم رولچىسى دەپ قارىلىدۇ.

2013-يىلى 9-ئايدا، Twitter تۈنجى قېتىم ئوچۇق ئاشكارا پاي توپلاش ئېلىپ باردى. 11-ئاينىڭ 7- كۈنى،Twitter نىڭ پېيى نيۇيورك ئاكسىيە بىرژىسىدا 45.1 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن دەسلەپ قىلىپ، تارقىتىش باھاسىدىن %73.46 كۆتۈرۈلگەن.

قۇرۇلىشى

Twitterدەسلەپتە Twitter تەخمىنەن 2005-يىلىدىكى Odeo بىلوگ سۇپىسىدا قۇرۇلغان، قۇرغۇچىسى نوئاھ گلاس، ئېۋان ۋىليامىس بولسا بۇ شىركەتنىڭ دەسلەپكى مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ بىرى، ھەمدە كېيىن CEO سى غا ئايلاندى. ئۇزۇن ئۆتمەي Odeo تەرەققىي قىلىپ، جېك دورسېي، بىلائىنې كۇك  (Blaine Cook) قاتارلىقلار كىرگەن.

2005-يىلى كۈز پەسلىدە، ئالما ئىچىگە بىلوگ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئايتۇنېس (iTunes) نى ئېلان قىلدى، Odeo كەسپى زور تەسىرگە ئۇچرىدى. ۋىليامىس گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنگەن كەسىپكە ئۆزگەرتىپ، Odeo نىڭ خىزمەتچىلىرىنى بىر نەچچە كىچىك گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، ئوخشاش بولمىغان تۈرلەرنى تەرەققىي قىلدۇردى. گلاس بىلەن دورسېينىڭ «پۈتۈن كۈنلۈك ئاقىللار كېڭىشى» «Twttr» نامىدىكى تۈرنى باشلىدى. يېڭىلىقنى گلاس بىلەن دورسېي مەسئۇل بولۇپ باشقۇردى ھەم «Twttr» نامىنى بېكىتتى. بۇ Flickr ۋە ئامېرىكا قىسقا ئۇچۇر مۇلازىمىتىنىڭ كود نومىرى 5 خانىلىق سان بولۇشتەك ئادەتنىڭ ئىلھامىدىن بولغان ئىدى. تەسىس قىلغۇچىلار ئەڭ دەسلەپتە «10958» نى سىناق قىلىپ ئېچىشنىڭ قىسقا ئۇچۇر نومىرى قىلىپ ئىشلەتكەنىدى، كېيىن «قوللىنىش ۋە ئەستە تۇتۇشقا قولايلىق بولىشى ئۈچۈن» «40404» غا ئۆزگەرتكەن.

جېك دورسېي شەخىسنىڭ يان تېلېفون ئۇچۇرى بىلەن كىچىك گۇرپپىلار ئالاقە قىلىدىغان تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرغا قويدى، بۇ تەسەۋۋۇرنىڭ بىر قىسمى قىسقا ئۇچۇر توپى مۇلازىمىتى TXTMob نىڭ ئىلھامىدىن كەلگەنىدى.

2006-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، بۇ تۈر تاماملانغان چاغدا، دورسېي كەچ تېنچ ئوكيان ۋاقتى (PST) سائەت 9:50 دە بىر پارچە Twitter قىسقا ئۇچۇرى«(ھېلىلاtwttr رىمنى پۈتتۈرۈپ بولدۇم) just setting up my twttr»  نى ئېلان قىلغان.

Twitter ئەڭ دەسلەپتە پەقەت Odeo شىركىتىنىڭ ياللانما خىزمەتچىلىرى تەمىنلىگەن مەزمونلارغىلا مۇلازىمەت قىلاتتى، 2006-يىلى 7-ئايدا جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىدى. 2006-يىلى 10-ئايدا، بىز سيون، ئېۋان ۋىليامىس ۋە باشقا Odeo شىركىتىدىن كەلگەن خادىملار بىرلىكتە Obvious شىركىتىنى قۇردى ھەمدە Odeo شىركىتىگە ھەمدە ئۇنىڭ بارلىق كاپىتالىغا ئېرىشتى، بۇ Odeo.com ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار ھەمدە باشقا پايچېكلارنىڭ Twitter.com نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2007-يىلى Twitter ئەسلىدىكى شىركەتتىن مۇستەقىل بولۇپ ئايرىلىپ چىقىپ، ئۆز ئالدىغا شىركەت بولۇپ قۇرۇلغان.

ئىنكاسلار

Twitter نى قىزىتىۋەتكىنى 2007-يىلىدىكى SXSW پائالىيىتى، بۇ پائالىيەت مەزگىلىدە، Twitter نىڭ ئىشلىتىلىشى ھەر كۈنى 20000 ئىزدەشتىن 60000 ئىزدەشكە كۆتۈرۈلدى. «ھەپتىلىك خەۋەر» دە Steven Levy«Twitter دىن كەلگەن كىشىلەر  مەخسۇس Twitter كەلگەن ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئەپچىللىك بىلەن 60 ئىنگلىزچىسى كېلىدىغان ئىككى تەڭ ئىئونلۇق كۆرسەتكۈچ ئېكراننى بىرلەشتۈرۈپ، يىغىن زالىنىڭ كارىدورىغا قويۇپ قويغان ئىدى» دەپ خەۋەر بەردى. « يىغىن ئەھلى باشقىلارنىڭ Twitter دىكى ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق توختىماستىن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تۇراتتى، كىچىك گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرى ۋە نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ مۇلازىمەتنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى، ھەمدە نەق مەيداندىكى بىلوگلارمۇ بۇ خىل مۇلازىمەت تۈرىنى ماختاشتى. بۇنى ناھايىتى تېزلا سورۇندىكى ھەممە ئادەم بەس-مۇنازىرە قىلىشتى ھەم بۇ خىل يېڭىلىق توغرىسىدا ماقالىلەرنى ئېلان قىلىشتى. ئۇلار بۇ نەرسە تېز ئالاقىگىمۇ، مىكرو بىلوگقىمۇ ئوخشايدىكەن، ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى دېيىشكىمۇ بولىدىكەن دېيىشتى».  Twitterنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئېلىپ كەلگەن تەسىرى ئىنتايىن ئاكتىپ بولدى. Laughing Squid نىڭ بىلوگ مەسئولى Scott Beale نىڭ دېيىشىچە، Twitter  SXSWپائالىيىتىنى «شەكسىز كونتىرول قىلدى»، جەمئىيەت يۇمشاق دېتال تەتقىقاتچىسى Danah Boyd نىڭ دېيىشىچە Twitter بۇ قېتىمقى  پائالىيەتكە «ئىگە بولدى». Twitter نى پۈتكۈل خادىملىرى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ «we'd like to thank you in 140 characters or less. And we just did! (بىز ئازغىنە 140 ھەرپ ئارقىلىق سىزگە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز، ھەم بىز شۇنداق قىلالىدۇق)» دېگەن مۇكاپات سۆزى قوشۇمچە قىلىنغان تور بىلوگ تۈرىدىكى چوڭ مۇكاپاتنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىۋالغان.

Twitter2010-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، خەلقئارا بوشلۇق بېكىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە بوشلۇققا ئۇچۇش ئىدارىسى (National Aeronautics and Space Administration) نىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى تىموزى كرېئامېر (Timothy J. Creamer) Twitter دا تۈنجى سىرتتىن كەلگەن (Twitter) ئۇچۇرىنى يوللىدى. 2010-يىلى 11-ئايغا كەلگەندە، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالاقىسىنىڭ  Twitter ھېسابات نومىرى @NASA_Astronauts دا، ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن كۈنلۈك يوللانغان ئۇچۇرىنىڭ سانى مۇقىم بولغان.

2011-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى، Twitter رەسمىي تۈردە يېڭى باش بەت تىزىملىتىش يۈزىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن.

2011-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى، Twitter جۇڭگو تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش خىل يېڭى تىلنى كىرىشتۈرگەن.

رەھبەرلىك قوشۇنى

جېك دورسېي باش ئىجراچى بولۇش سۈپىتى بىلەن،  شىركەت تەرەققىياتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىككى قېتىملىق شىركەتنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىنى قوللايدىغان خەتەرلىك مەبلەغ سېلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان.

2008-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئېۋان ۋىليامىس شىركەتنىڭ باش ئىجراچىسى بولغان، دورسېي بولسا شىركەتنىڭ لېدىرى بولغان.

2010-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى، ۋىليامىس شىركەتنىڭ باش ئىجراچىلىق ئورنىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ئەينى چاغدىكى Twitter شىركىتىنىڭ باش تىجارەت مەسئۇلى دىك كوستولو (Dick Costolo) باش ئىجراچى بولغان. Twitter نىڭ 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېلان قىلغان بىر پارچە بىلوگىغا ئاساسلانغاندا، ۋىليامىس داۋاملىق شىركەتتە قالىدۇ ھەم «بارلىق زېھنىنى مەھسۇلات سىتىراتېگىيىسىگە مەركەزلەشتۈرىدۇ».

«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دورسېي كەتكەندىن كېيىن، كوستولو بىلەندورسېينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن يېقىن مۇناسىۋەت شەكىللەنگەن. PC Magazine نىڭ خەۋەر بېرىشىچە، ۋىليامىس ئەمدى شىركەتنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى باشقۇرمايدىكەن. ئۇ نۆۋەتتە يېڭى بىر باشلىنىشقا يۈزلەنگەن بولۇپ، يەنىلا مۇدىرىيەت ئەزاسى ئىكەن، ھەمدە ‹مۇمكىنچىلىقى بولغان ھەر قانداق تەرەپتىن يادەم بېرىدىغانلىقى› توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. سيون يەنىلا Twitter دا ئىشلەۋاتقان بولۇپ، يەنە AOLدا «پىدائىيلار ھەركىتى ۋە خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ مەسلىھەتچىسى» سالاھىتى بىلەن ئىشلەۋاتىدۇ.

دورسېي 2011-يىلى 3-ئايدا قايتىدىن Twitter غا كىرگەن، ھەمدە مەھسۇلات تەسىس قىلىش باش ئىجراچىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ئۇنىڭ خىزمەت ۋاقتىنىڭ ھەممىسى ئۇ باش ئىجراچىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان Square شىركىتى بىلەن بۇ شىركەتكە ئانچە يىراق بولمىغان Twitter شىركىتىگە سەرپ بولغان.

ئۆسۈپ يېتىلىشى

Twitter شىركىتى ئىنتايىن تېز بولغان تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەن. 2007-يىلى، ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ھەر پەسىلدە 400،000 نىڭ تال ئۇچۇر بارلىققا كەلدى، 2008-يىلى، بۇ رەقەم 100 مىليونغا ئۆسكەن. 2010-يىلى 2-ئايدا، Twitter نىڭ ئەزالىرى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن كۈنىگە 50 مىليون تال ئۇچۇر يوللىىغان. 2010-يىل 3-ئايغا كەلگەندە، Twitter تەرەپ خاتىرلىگەن ئۈچىنچى تەرەپنىڭ  ئەپ دېتالى 70 مىڭ تالدىن ئېشىپ كەتتى. 2010-يىلى 6-ئايغا كەلگەندە، Twitter تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 65 مىليون ئۇچۇر بارلىققا كەلگەن، يەنى سىكۇنىتىغا 750 تال ئۇچۇر توغرا كېلىدۇ. Compete.com تور بېكىتىدىن مەلۇم بولىشىچە، Twitter ئاللىقاچان 2009-يىلى 1-ئايدىلا 22 ئورۇندىن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى 3-ئورۇنغا كۆتۈرۈلگەن.

Twitter نىڭ ئۇچۇر سانى دائىم تۇيۇقسىز مۇھىم ۋەقەلەر يۈز بەرگەن چاغدا بىردىنلا ئېشىپ كېتىدۇ. مەسىلەن، 2010-يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، ياپونىيە كوماندىسى بىلەن كامېرون كوماندىسى رىقابەتلىشىپ نومۇرغا ئېرىشكەن 30 سىكونت ئىچىدە، ئەزالارنىڭ ھەر سىكۇنىتتا يوللىغان ئۇچۇرى 2940 تال بولغان. بۇ رېكوت 6-ئاينىڭ 17-كۈنى 2010-يىللىق NBA ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە لوس-ئانجىلىسلىقلار كوماندىسى غەلىبە قىلغان چاغدىكى ئۇچۇر سانى تەرپىدىن بۇزۇۋېتىلگەن، ئەينى چاغدىكى رېكوت سىكونىتىغا 3085 تال ئىدى، كېيىن بۇ رېكوت ياپونىيە كوماندىسى دۇنيا لۇڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە دانىيە كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان چاغدا يوللانغان مىنۇتىدا 3283 تال ئۇچۇر سانى تەرىپىدىن بۇزۇپ تاشلانغان. 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ئامېرىكا ناخشا چولپىنى  مايكىل جېكسون ئالەمدىن ئۆتكەندە، ئەزالارنىڭ ھە بىر سائەتتە يوللىغان مايكېل جېكسۇننىڭ ئىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇرى 100 مىڭ تالغا يېتىپ، Twitter مۇلازىمىتىرىنىڭ ۋەيران بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

2010-يىل 4-ئاينى 11-كۈنى، Twitter يۇمشاق دېتال تەتقىق قىلغۇچى Atebits نى قۇبۇل قىلغان، بۇ يۇمشاق دېتال تەتقىق قىلغۇچى ئالىقاچان Apple لاھىيىسى مۇكاپاتىنىڭ Twitter خېرىدارى Tweetie غا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ تارماقتىكى يۇمشاق دېتال iPhone نۇسخىسى ۋە Mac نۇسخىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كېيىن بۇ تارماقتىكى يۇمشاق دېتالنى نامى Twitter غا  ئۆزگەرتىلگەن ھەمدە باش پروگراممىسى ھەقسىز چۈشۈرۈشكە ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، iPhone،  iPadۋە Macسۇپىسىدا قوللىنىلغان.

2010-يىلى 9-ئايدىن 10-ئايغىچە، Twitter شىركىتى پۈتۈنلەي يېڭى بولغان «New Twitter» نى چىقارغان، بۇ Twitter تور بەت نۇسخىسىنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسى ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يېڭى لاھىيە ھەر بىر ئۇچۇردا، ئۇچۇردىكى ئۇلىنىشلارنى بېسىش ئارقىلىق Twitter تور بېكىتىدىن ئايرىلماي تۇرۇپمۇ كۆپ خىل مېدىئالارنى بىۋاستە كۆرگىلى بولاتتى، قوللايدىغان بېكەت ئۇلىنىشلىرى Flickr ۋە  YouTubeنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى لاھىيە يەنە ئەڭ يېڭى بەت ئورۇنلاشتۇرىشىنى، « @Mentions ۋە Retweets» تۈرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى Twitter ئۇچۇرىغا يۆتكەپ كەلدى، ھەر بىر بەتنىڭ ئۈستىدە بىر يۆتكىلىشچان رامكا بار بولۇپ، ئەزالارنى تىزىملىكتىن چىقىرىش قاتارلىق ئىقتىداردىكى ئۇلىنىشلار بىلەن تەمىنلەپ بېرەلەيدۇ. 2010-يىلى 11-ئايدا، باشقۇرۇش مەركىزى يېڭى نەشرىدىكى Twitter نىڭ ئاللىقاچان بارلىق ئەزالارغا تەمىنلەپ بېرىلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

2011-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، Twitter ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى باش بەتنى چىقارغان، ھەمدە كونا نۇسخىدىكىTwitter لاھىيسىنى ئاستا-ئاستا ئەمەلدىن قالدۇردى. بىراق يېڭى نۇسخىدىكى باش بەت قوزغىتىلغاندىن كېيىن بىر قىسىم ئۇششاق خاتالىقلار كۆرۈلۈپ، Twitter نىڭ ئامالسىز كونا نۇسخىغا قايتىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 2011-يىل 4-ئاينىڭ 20-كۈنى، يېڭى نۇسخىدىكى باش بەت يەنە قوللىنىلدى، بىراق كونا بەت بىلەن ئالماشتۇۇرشقا بولىدىغان ئىقتىدارى ساقلاپ قېلىندى.

2011-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى،  Twitter تور بېكەتكە قارىتا يەنە بىر قېتىم لاھىيلەش ئېلىپ بېرىپ، «پەرۋار قىلىش» ئارزۇسىنى گەۋدىلەندۈرۈدى، بۇ لاھىيە ئەزالارنى ئەڭ ياخشى تەسىراتقا ئىگە قىلىش ھەم سودىگەرلەرگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئېلاندىن پايدىلىنىپ تەشۋىقات ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ لاھىيەگە «باش بەت»، «ئالاقىلىشىش» ۋە «بايقاش» تىن ئىبارەت ئۈچ كونۇپكىنى كىرگۈزدى. بۇ لاھىيە ئىلگىرى Facebook نى يېڭى لاھىيىسى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا ئىشلىتىلگەن.

2012-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، Twitterئاتلىق ئۇچۇر روسىيە ئىزدەش موتورى Yandex نىڭ ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلانغان، YandexTwitter نىڭ ئەمىلىي ۋاقىتتىكى ئۇچۇرىنىڭ يېڭىلىنىشى ئىنتايىن قىممىتى بار ئىقتىدار دەپ قارىغان، Twitter نىڭ بازا ئېچىش بۆلىمىنىڭ مەسئۇل خادىمى Twitter ئۇچۇرلىرىنىڭ ئەزالار رايونىدا پەيدا بولالىشى ئىنتايىن مۇھىم بىرتۈرلۈك ھەركىتى دەپ قارىدى.

2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى،Twitter ئۆزىنىڭ ئالتە ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەندە، 140 مىليون ئاكتىپ ئەزاغا ئىگە ئىكەنلىكى ھەمدە كۈندىلىك Twttr نىڭ 340 مىليون تالدىن ئىبارەت يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئەزالارنىڭ سانى 2011-يىلىدىكى 100 مىليون ئەزاغا سېلىشتۇرغاندا، %40 ئاشقان.

2012-يىل 4-ئايدا، Twitter دېترويت (Detroit) دا ئىشخانا تەسىس قىلغانلىقى ھەم ماشىنا ماركىسى ۋە ئېلاننى ۋاكالىتەن بېجىرىش شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا Twitter يەنە دۇبلىن (Dublin) دا ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىنى تەسىس قىلغان.

2013-يىلى 9-ئاينى 10-كۈنى، Twitter Inc350 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن يۆتكىلىشچان ئېلاننى ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى تىجارىتى MoPub Inc نى سېتىۋالغان.

2013-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى Twitter Inc نيۇيورك ئاكسىيە سودىسى ئورنىغا تىزىملاتقان، IPO نىڭ تارقىتىش باھاسى 26 ئامېرىكا دوللىرى قىلىپ بېكىتىلگەن، 70 مىليون ئادەتتىكى پاي سېتىلىپ، 1 مىليارد 820 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ يىغىلغان، سودا كود نومىرى «TWTR».

Twitter شىركىتى«Twitter bird» بەلگىسى بىر كۆك رەڭلىك كىچىك قۇش بولۇپ، ئاللىقاچان Twitter ماركىسىنىڭ بەلگە خاراكتىردىكى نەقىشىگە ئايلانغان.

ئەسلىدىكى بەلگىسى، 2006-يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە ئىشلىتىلگەن.

ئىككىنچى بەلگىسى، 2010-يىل 9-ئاينى 14-كۈنىدىن 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە ئىشلىتىلگەن. Twitter دا خىزمەت قىلىدىغان تەكشىلىك ۋە API نىڭ بىر ياللانما خادىمى شىركەتنىڭ ئىجادىيەت باشقۇرغۇچىسى بىلەن بىرلىكتە «Larry the Bird» بەلگىسىنىڭ ئىجاد قىلىنىش جەريانىنى تالاش-تارتىش قىلغان. ھەمدە «Larry Bird» نامىنىڭ قوللىنىشى NBAنىڭ  بوستون كوماندىسىنىڭ شۆھرىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارلىغان.

ئۈچىنچى بەلگىسى، ھازىر ئىشلىتىۋاتقان بەلگە، 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى باشلاپ ئىشلىتىلگەن. تور بېكەت بەلگىسىدىكى Twitter خېتى چىقىرۋېتىلىپ، مۇلازىمەت بىلەن ئەڭ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاددىيلاشتۇرۇلغان كۆك قۇشنىڭ نەقىشىنى قوللاندى ھەم نامىنى «TwitterBird» قا ئۆزگەرتتى. Twitter، بۇ كىچىك قۇش بولسا Twitter، ھەر قانداق ھەرپ ئارقىلىق بۇ مۇلازىمەتنى تەسۋىرلەپ بەرگىلى بولمايدۇ، دېگەن.

Twitter دائىم تور بەت نۇسخىسىنىڭ IRC خېرىدار تۈرى تەرىپىدىن سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئەزالارنىڭ ئۇچۇر مەزمونى بارلىق كىشىلەرگە ئاشكارا بولاتتى، بىراق ئەزالار ئۆزى تاللاپ بېكىتكەن كىشىلەرگىلا ئاشكارىلايدىغان قىلىپمۇ تەڭشىيەلەتتى. ئەزالار Twitter تور بېكىتى ئارقىلىق ئۇچۇر يوللىيالايدۇ، ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ھەرخىل يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتەلەيدۇ ياكى بىرقىسىم دۆلەتلەرنىڭ رايونلىرىدا قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئۇچۇر يوللىيالايدۇ. گەرچە قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاش ھەقسىز بولسىمۇ، بىراق مۇلازىمەت تەمىنلىگەن تىجارەت بەلگىلىك قىسقا ئۇچۇر ھەققىنى ئالىدۇ.

 ئەزالار باشقا ئەزالارنىڭ ئۇچۇرىغا مۇشتەرى بولالايدۇ، بۇ خىل مۇشتەرى بولۇش ھەركىتى قارشى تەرەپ تەرىپىدىن «ئەگەشكۈچىلەر(Follower)» دەپ ئاتىلىدۇ. مۇشتەرى بولغۇچىلار دائىم «ئەگەشكۈچىلەر(Follower)» ياكى «Tweeps»(Twitter ۋە  peepsنىڭ قىسقارتىلمىسى) دىيىلىدۇ.

Twitter يەنە ئەزالارنىڭ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شەخسىي تور بېتىنى يېڭىلىشىغا يول قويىدۇ.

Alexa دا Twitter زىيارەت قىلىنىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر تور بېكەت دەپ قارىلىدۇ. ھەركۈنى ئىشلىتىدىغان ئادەم سانى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ، باشقۇرۇغۇچى تەرەپمۇ بۇ توغۇرلۇق سىتاتىستىكىنى ئېلان قىلىپ باقمىدى. Compete.com تور بېكىتىدىن مەلۇم بولىشىچە، Twitter 2009-يىلى 1-ئايدىلا 22 ئورۇندىن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئۈچىنچى ئورۇنغا كۆتۈرۈلگەن. 2009-يىلى 3-ئايدا، بىر پارچە AC نىلسېندىن كەلگەن مەلۇماتتىن مەلۇم بولىشىچە Twitter 2009-يىلى 2-ئايلىق تەرەققىي قىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان ئالاقە تور بېكىتى (Member Communities) بولۇپ باھالانغان. %Twitter 1383 بىلەن مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، Zimbio نىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى بولسا ئاران %240. كېيىنكى ئورۇندا تۇرىدىغىنى %228 سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان Facebook. سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، Twitter ئەزالىرىنىڭ قايتا زىيارەت قىلىش نىسبىتى %40.

Twitter نىڭ مۇلازىمەت ئاساسىدىكى نۇرغۇنلىغان يۇمشاق دېتال ۋە سايمانلارنى ئۇچۇر ئېلان قىلىش، مەزموننى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولىدۇ، بۇ Twitvid، TweetDeckSalesforce.com، HootSuite ۋە Twitterfeed لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەقەت يېرىمىغا يەتمىگەن ئۇچۇرلارلا تور بېكەت ئارقىلىق تارقىتىلىدۇ، كۆپ قىسىم ئەزالار ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئەپ دېتالى ئارقىلىق ئۇچۇر ئېلان قىلىش دېگەندەك مەشغۇلاتلارنى قىلىشقا ئادەتلەنگەن.

يۈزلىنىشى

 Twitterدا بىر بەلگە (بىر قۇدۇق خېتى بەلگىسى#) قويۇلغان سۆز، سۆز بىرىكمىسى ياكى بىر تېما بار بولۇپ، ئەگەر ئۇنىڭ تىلغا ئېلىنىش قېتىم سانى باشقا بەلگىلەرنىڭكىدىن خېلى يوقىرىراق بولسا، قىززىق نۇقتا سۆزىگە ئايلىنىپ، يۆلىنىش جەدىۋىلىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئادەتتە بىر خىل يۆلىنىش ئەزالارنىڭ ئورتاق ھەركەتكە كېلىشى ياكى بىر خىل پائالىيەتنىڭ ئەزالارنى ئورتاق بىرخىل مۇنازىرە تېمىسىغا باشلاپ كىرىشى بىلەن شەكىللىنىدۇ. بۇ قىززىق نۇقتا تېمىسى ئەزالارنىڭ دۇنيادا نېمە ئىش يۈز بېرىۋاتقىنىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

قىززىق نۇقتا تېمىسى بەزىدە چولپانلار ياكى ئالاھىدە بىر مەدەنىيەت ھادىسىسىنىڭ قىزىققۇچىلىرىنىڭ ئورتاق ھەركەتكە كېلىشى ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. Twitter تەرەپ 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى بىلوگ ماقالىسىدىكى ئەڭ قىزىق تېمىنى Twitter نى باش بېتىدە يۆتكىلىشچان كۆرسىتىلدىغان قىلىپ ئېلان قىلدى. تور بېكەتنىڭ ئەزالىرىمۇ بىر ئالاھىدە تېمىنىڭ قانداق قىلىپ قىززىق نۇقتا تېمىسىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالالايدۇ.

ئىلگىرى Twitter غا مۇناسىۋەتلىك قىزىق نۇقتا تېمىلىرىنىڭ تالاش-تارتىشلىرىدىن باشقىلارنىڭ چىشىغا تېگىدىغان مەزمونلارنى Twitter كۆرۈنمەيدىغان قىلىپ تەڭشەپ قوياتتى.

دەلىللەش

2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى بارلىق Twitter ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ دېتالىنىڭ OAuth دەلىللەش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلىندى، بۇ خىل دەلىللەش ئۇسۇلى ئەزالار ئۈچىنچى تەرەپنىڭئەپ دېتالىنى ئىشلەتكەندە سېستىمىغا  ئۆزىنىڭ ھېساۋات نومىرى ئۇچۇرىنى تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلمايدۇ.ئىلگىرى OAuth دەللىلەش ئۇسۇلىنى تاللاشقا بولاتتى، بىراق ھازىر مەجبۇرىي تەلەپ قىلىدىغان بولدى، ئىلگىرىكى ئەزالىق نامى ۋە مەخپى نومۇرنىلا دەللىلەيدىغان ئۇسۇل ئەمدى ئىشلىتىلمەيتتى.  Twitter تەرەپ بايانات ئېلان قىلىپ OAuth نىڭ ئىشلىتىلىشىنى چۈشەندۈرۈپ: «بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش ۋە ئەزالارنىڭ ھېس قىلىشىنى ياخشىلاش» دېگەن.

Twitter-iPhone، iPad، Android، Windows Phone، BlackBerry، Firefox OS،  NokiaS40 قاتارلىق كۆچمە ئۈسكىنە نۇسخىلىرىدا چىقىرىلىدۇ. Twitter ئۈچىنچى تەرەپنىڭ قوللىنىشى ئەڭ كۆپ بولغاندا 100 مىڭ ئادەم بىلەن چەكلەش سىياسىتىنى يۈرگۈزىدۇ.

ئەزالار ۋە بازار ئىسىتاتىسكىسى

ئىجتىمائىيلىشىش ۋاستىسى ئىگىلىكىنى تەھلىل قىلغۇچى Jeremiah Owyang ئىلگىرى Twitter نىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى ئەزەلدىن ئىجتىمائىيلىشىش ۋاستىسى مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىپ باقمىغان يېشى بىر قەدەر چوڭ بولغان ئەزالار دەپ قارىدى، comScore نىڭ ئىسىتاتىسكا نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، پەقەت %11 Twitter ئەزاسىنىڭ يېشىلا 12-17 ياشقىچە ئىكەن، comScore نىڭ قارىشىچە، بۇ Twitter نىڭ تەرەققياتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئىجتىمائىي ئالاقىگە مۇناسىۋەتلىك تور ئۇچۇرلىرىنىڭ سودا ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىغا ئېرىشكەنلىكى، مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنىڭمۇ پەقەت چوڭلارنىڭلا دىققىتىنى تارتقانلىقى سەۋەبىدىن ئىكەن. بىراق شاكۇئىللې راشا ئونىئېل (Shaquille Rashaun O'Neal)، برىتنېي جىن سپىئېرس (Britney Jean Spears)، ئاشتون كۇتچېر (Ashton Kutcher) لار Twitter نىڭ مۇنازىرە مەيدانىغا كىرگەندىن كېيىن، comScor باھا بېرىپ، Twitter ئاستا-ئاستا ئاساسىي ئېقىمغا كىرىپ، نۇرغۇنلىغان داڭلىق شەخىسلەرنى باشلاپ كەلدى، دېدى.

2009-يىلى 6-ئايدىكى Sysomos نى بىر تەتقىقات دوكىلاتىدىن مەلۇم بولىشىچە، Twitter نىڭ قىز ئەزالىرى ئوغۇل ئەزالىرىدىن كۆپ بولۇپ، ئوغۇل قىزلارنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتى %53 نىڭ %47 كە ئىكەن. دوكىلاتتا يەنە %5 ئەزانىڭ تۆھپە قوشقان ئۇچۇرىنىڭ بارلىق ئۇچۇرنىڭ %75 تىنى ئىگەللەيدىغانلىقى، نىيۇيوركتا Twitter نى ئىشلىتىدىغان ئەزالارنىڭ ئەڭ كۆپلىكى كۆرسىتىلگەن. Quancast نىڭ دوكىلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكىدا 27 مىليون ئادەم Twitter نى ئىشلەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە %63 ئەزانىڭ يېشى 35 ياشتىن تۆۋەن؛ %60 ئەزا ئاق تەنلىك، باشقا كۆپ ساننى ئىگەللەيدىغان كىشىلەر ئامېرىكىدىكى ئافرىقىلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى (%16) ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكىلەر (%11)؛ %58 Twitter ئەزاسىنىڭ يىللىق كىرىمى 60 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن يوقىرى.

2011-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى، Twitter ئۆزىنىڭ 100 مىليون ئاكتىپ ئەزاغا ئىگە بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان، بۇ ئەزالار ئايدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم Twitter تور بېكىتىگە كىرىدۇ، ھەمدە 50 مىليون ئەزا كۈندە دېگۈدەك Twitter مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىدۇ.

2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا تىلغا ئېلىنىشىچە، Twitter ئاللىقاچان ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا ئايلانغان، ھەمدە Facebook بىلەن ئازلا پەرق قىلىپ 2-ئورۇندا تۇرغان. comScore بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن، ھەمدە ياپونىيە بىردىنبىر Twitter نى ئىشىلتىلىشى Facebook دىن ئېشىپ كەتكەن دۆلەت دەپ باھا بەرگەن.

قۇرۇلمىسى

Twitter-Web نى ئاساس قىلغان خېرىدارلارنىڭ پاراڭلىشىش لىنىيىسى (IRC) دەپ تەسۋىرلەنگەن. Twitter تور بېكىتى دەسلىپىدە Ruby on Rails رامكىسىنى قوللىنىپ تەھرىرلەش ئېلىپ بارغان ئىدى، Ruby نىڭ كارخانا نۇسخىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان، ئىجرا قىلىش ئۈنىمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، Vanilla نىڭ Ruby سىنى قوللانمىغان.

2007-يىلى باھار پەسلىدىن 2008-يىلىغىچە، بۇ بىر مەزگىلدە Twitter نىڭ ئەسلى ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەممىسى Starling دەپ ئاتىلىدىغان ئىزچىللىق سانلىق مەلۇمات قۇرۇلمىسى مۇلازىمېتىرى ئارقىلىق بىرتەرەپ قىلىندى، بىراق 2009-يىلىدىن باشلاپ، Twitter ئاستا-ئاستا Scala نى ئىشلىتىپ تۈزەتكەن پروگراممىلار ئارقىلىق ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا باشلىغان.

2011-يىلى، Twitter-Ruby on Rails دىن  Javaغا ئالماشتى، MySQL دىن Lucene غا ئالماشتى؛ يېڭى ئۈزەك رامكىسى Twitter نىڭ ئىقتىدارىنى ئۈچ ھەسسىلىگەن.

ئەزالار رايونى

2009-يىلى 4-ئاينىڭ 30 كۈنى Twitter تور بەت يۈزىنى ئۆزگەرتىپ، بىر ئىزدەش رامكىسى ۋە «دۇنياغا يۈزلىنىش» نامىدىكى ئىستوننى قوشتى، بۇ ئىستون كۈندىلىك ئىزدەش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان سۆرلەرنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. بىز ئىستون Twitter دا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇچۇرلارنى تېز سۈرئەتتە ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ، بۇ خىل ئىقتىدار Twitter نى ھەقىقىي بىر ئىزدەش ماتورىغا ئايلاندۇرۇپ، ئەزالارنى ھازىر دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلاردىن خەۋەردار قىلغان.

2012-يىلى 3-ئايدا، Twitter ئەرەب تىلى، پارس تىلى، ئىبرانىي تىلى ۋە ئوردو تىلى نۇسخىسىنى چىقاردى. Twitter نىڭ تۈنجى قېتىم ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان خەت شەكلىدىكى نۇسخىسىنى چىقىرىشى. تەخمىنەن 13 مىڭدىن ئارتۇق پىدائىيلار  تىزىملىكنىڭ تەرجىمە خىزمىتىگە قاتناشقان.

قېتىۋېلىش

Twitter قېتىۋېلىش ئەھۋالىغا يولۇققان چاغدا، ئەزالار سەككىز قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئۇچار قۇشنىڭ چوڭ بىر كىتنى تور بىلەن سۈزىۋاتقان كۆرىنىشتىكى رەسىمىنى كۆرەلەيدۇ، ھەمدە «Twttr بەك كۆپ بولۇپ كەتتى، بىر ئازدىن كېيىن قايتا سىناڭ» دېگەن ئۇچۇرنى چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇ رەسىمنى Yiying Lu ئىجاد قىلغان.

2007-يىلى Twitterنى خىزمەت قىلىش نىسبىتى %98 كە يەتتى، بىر قىسىم چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەردە، مەسىلەن 2008-يىلىدىكى MacWorld يىغىنى، Twitter نىڭ قېتىۋېلىش ئەھۋالى بەك گەۋدىلىك بولغان.

تۆۋەندە بىر قانچە قېتىملىق قېتىۋېلىش ئەھۋالى:

2008-يىلى 5-ئاي:  Twitterنىڭ يېڭى ئىنژىنىرلار كوللىكتىۋى قۇرۇلمىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، تور بەت دائىرىسىنى كېڭەيتتى. سىستېمىنىڭ مۇقىم بولماسلىقى قېتىۋېلىش ۋە ۋاقىتلىق ئىقتىدارىنى يوقىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2008-يىلى 8-ئاي:  Twitter ئەنگلىيىلىك ئەزالارغا قاراتقان ھەقسىز قىسقا ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى توختاتتى، كېيىنكى بەش ئايدا، XMPP ماشىنا ئادىمى ئارقىلىق مۇلازىمەت قىلىدىغان نەق ۋاقىتلىق قىسقا ئۇچۇر مۇلازىمىتىمۇ ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.

2008-يىلى 10-ئاي: Twitter نىڭ خىزمەت ئەھۋالى بىلوگى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، Twitter نىڭ دەل ۋاقىتىدىكى ئالاقە مۇلازىمىتى ۋاقىتلىق قېتىۋېلىشقا تەۋە ئەمەس، بەلكى ئوڭشاشقا ئېھتىياجلىق، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە Twitter نىڭ نۇرغۇنلىغان ئاساسلىق خىزمەتلەرنى توختىتىپ قويۇپ، دەل ۋاقتىدىكى ئالاقە مۇلازىمىتىنى قايتا باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

2009-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى: Twitter ئاتالمىش «Twitpocalypse» مەسىلىسىگە دۈچ كەلدى. ھەر بىر Twttr بىر ID رەقىمىگە ماس كەلگەچكە، ئەينى چاغدىكى Twttr نىڭ ID رەقىمى كۆپىيىپ 32 بىت كومپيۇتېر ھېسالىغۇچىغا يېقىنلىشىپ قالغاندا ئەڭ چوڭ مۇسبەت قىممەت (جەمئىي 2،147،483،647 تال ئۇچۇر) بولغان. گەرچە Twitter تور بېكىتىنىڭ ئۆزىدە ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچراش ئەھۋالى كۆرىلمىدى دىيىلسىمۇ، بىراق نۇغۇنلىغان ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئەپلىرى يېقىندا ئېلان قىلىنغان Twttr لارنى قايتا زىيارەت قىلىشقا ئامالسىز قالدى. كېيىن Twitterتولۇقلىما ئېلان قىلىپ بۇ كەمتۈكلىكنى تۈزىدى، بىراق بىر قىسىم iPhone ئەپلىرى ئالما App Store رىدا تەكشۈرۈرپ بېكىتىلىشى زۆرۈر بولغاچقا بۇ تۈزەش ۋاقتىنىڭ ئۇزارتىلىشى تەرپىدىن قىستاپ قويۇلغان.

2009-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى: Twitter بۇ كۈنى ئاز دېگەندە بىر قېتىم قېتىپ قالدى، تور بېكەتنىڭ سۈرئىتىمۇ ئاستا بولدى. بۇ بىر بۆلەك ۋاقىت ئىچىدە خاتىرلەنگەن مەزمونلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مايكىل جېكسوننىڭ ئۆلۈم خەۋىرى توغرىسىدا يوللانغان بىر سائەت ئىچىدىكى ئۇچۇر 50 مىڭ تالدىن ئېشىپ كەتكەن، شۇ چاغدا مايكىل جېكسون قىززىق نۇقتا تېمىسىدا يەتتىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.

2009-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى: Twitterبىلەن acebook«كەلكۈن زەربىسى (Distributed Denial of Service)» گە ئۇچرىدى، بۇ قېتىمقى تور ھۇجۇمى Twitter نىڭ نەچچە سائەت خىزمەتتىن توختىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. كېيىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ تىغ ئۇچى 2008-يىلىدىكى رۇسىيە-گروزىيە ئۇرۇشى (Russia–Georgia War) نىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرلىگەن چاغدىكى بىر نەپەر گروزىيەنى قوللىغۇچى Twitter ئەزاسىغا قارىتىلغان بولۇپ، تور بەتنىڭ ئۆزىگە قارىتىلمىغان.

2009-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى: Twitter تور بېكىتىنىڭ ئومومىي ئۇچۇر مىقتارى 32 بىتلىق كومپىيوتۇر ھېساپلىغۇچىدىن ئېشىپ كەتكەن ۋاقىتتا ئەڭ چوڭ بەلگىسىز مۇسبەت قىممىتى (جەمئىي 4 مىليارد 294 مىليون 967 مىڭ 296 تال ئوچۇر) بولۇپ، بىر قىسىم ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئەپلىرى نورمال خىزمەت قىلىشقا ئامالسىز قالغان.

2009-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى: Twitter تور بېكىتى خاككىرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، توربەتنىڭ كۈتىۋېلىش يۈزى بىر پارچە يېشىل رەڭلىك بايراقنىڭ رەسىمىگە ئالماشتۇرۇپ قويۇلغان، ھەمدە «بۇ تور بېكەت ئىران تور ئارمىيىسى تەرىپىدىن زەربىگە ئۇچرىدى» دەپ يېزىپ قويۇلغان. بىراق خاككىر بىلەن ئىراننىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ئالاقە بولمىغان.

2010-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى: Twitter نىڭ بۇ مەزگىلدىكى 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە بىر قەدەر يۇقىرى بولغان مۇلازىمەتنى رەت قىلىش نىسبىتى %10-%20 گىچە بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇلازىمەتكە تەسىر يەتكۈزىدىغان كېچىكتۈرۈشمۇ يۇقىرىلاپ كەتكەن.

2010-يىلى 11-ئايدا: بىر قىسىم ئەزالار مۇلازىمەت خاتالىقىغا دۈچ كەلگەن، ئۇلار ئۆزىنىڭ ھېسابات نومىرىنى تىزىملاتقان چاغدا، چوڭ كىتلىك خاتالىق بەت يۈزى چىقىۋالدى. بۇ ھېسابات نومۇرلىرى تاقاپ قويۇلغان ھېسابات نومۇرلىرىمۇ ئەمەس بولۇپ، ئەزالار ئۆزىگە قايتۇرۇلغان ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيتتى ھەم مەزمونلارنى ئېلان قىلالايتتى، بىراق ۋاقىت سىزىقى ۋە باشقا ئىقتىدارلىرىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن.

2013-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى: Twitter ئىشلىمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، خاككىرلار تەشكىلاتى «سۇرىيە ئېلېكتىرون ئارمىيىسى» نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىدىن گۇمانلاندى، بۇ تەشكىلات بۇ ئىشقا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا، نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى، (The Huffington Post) قاتارلىق بىر قانچە مېدىيا تور بېكەتلىرىمۇ بۇ تەشكىلاتنىڭ ھۇجىمىغا ئۇچرىغان.

TwitterTwitter دا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشكارلىناتتى، بىراق ئەزالار باشقا ئەزالارغا شەخسىي ئۇچۇر يوللىسا بولاتتى. Twitter ئىمزاسىز شەكىلدە ئەزالارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يىغىپ، ھەمكارلاشقۇچىلىرى بىلەن ئورتاق بەھىرلىنەتتى، ھەمدە ئەگەر شىركەت رەھبەرلىك قاتلىمىنى ئالماشتۇرسا، شىركەت ئەزالارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى سېتىپ چىقىرىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالاتتى. گەرچە Twitter دا ئېلان كۆرسىتىلمەيدۇ دېيىلسىمۇ، بىراق ئېلان سودىگەرلىرى ئەزالار ئىلگىرى يوللىغان ئۇچۇرلارنى يىغىپ، ئۇنى ئېلان ئىچىدە ئىشلەتسە بولاتتى، ئەزالارنىڭ ئىسمىنى ئەسكەرتىپ قويۇشقىمۇ بولاتتى.

2007-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى،  Nitesh Dhanjani بىلەن RujithTwitter بىخەتەرلىكىدە يوشۇرۇن ئاپەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى، بۇ يوشۇرۇن ئاپەتنى قىسقا ئۇچۇر مۇلازىمىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. Twitter نى ئىشلىتىۋاتقان ئەزالارنىڭ كۆچمە تېلېفون نومۇرى تەكشۈرۈش ۋاستىسى بولغانلىقتىن، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ قىسقا ئۇچۇر ئالدامچىلىقى ئۇسۇلىنى قوللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، قىسقا ئۇچۇرنىڭ كېلىش مەنبەسى يالغاندىن ئەزالارنىڭ يانفۇن نومىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى، بۇ ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنى خالىغانچە يېڭىلىيالايتتى. بۇ بىخەتەرلىكنىڭ يوشۇرۇرن ئاپىتى ئاشكارلىنىپ بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن، TwitterPIN نومۇرى ئارقىلىق تەكشۈرەيدىغان تاللاش شەكلىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق قىسقا ئۇچۇرنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

2009-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، Twitter نىڭ بىر باشقۇرغۇچىسىنىڭ مەخپىي نومۇرى بۇزىۋېتىلگەندىن كېيىن، 33 نامدار ئەزانىڭ ھېسابات نومۇرى ئۆزگەرتىۋېتىلدى ۋە ساختىلىق قىلىشقا ئىشلىتىلدى، ھەمدە بىر قىسىم جىنسىيەت ۋە زەھەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار تارقىتىۋېتىلگەن.

2009-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، TwitterBeta نۇسخىدىكى (يۇمشاق دېتالنىڭ ئەڭ دەسلەپتە سىرتقا ئاشكارلىنىدىغان نۇسخىسى-تەرجىماندىن) «تەكشۈرۈش ھېسابات نومۇرى» ئىقتىدارىنى ئېلان قىلدى. بۇ خىل ئىقتىدار ئارقىلىق نامدار كىشىلەر ئۆزى بۇ ھېساۋات نومىرىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەچكە ساختىلىق قىلىش كۆرۈلمەيتتى، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ئەزانىڭ بەت يۈزىدە مۇناسىپ بەلگە كۆرۈلەتتى.

2010-يىلى 5-ئايدا، تۈركىيە İnci Sözlük تور بېكىتىTwitter تور بېكىتىنىڭ بىر يوچۇقىنى بايقىدى، بۇ يوچۇق ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغۇچى ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچى ئەھۋالنى پۈتۈنلەي بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئەزا دىققەت قىلغان كىشىلەرنىڭ جەدىۋىلىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزەلەيتتى. مەسىلەن، كومىدىيە ئارتىسى كونان ئوبرىيېن (Conan Christopher O'Brien)  نىڭ ھېساۋات نومىرى مۇشۇ يوچۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. ئۇنىڭ ھېسابات نومىرى ئەسلى بىرلا ئادەمگە دىققەت قىلىدىغان قىلىپ تەڭشەلگەن بولۇپ، ھۇجۇم قىلغۇچىلار تەرىپىدىن يامان نىيەت بىلەن 200 نەچچە قوشۇپ قويۇلغان.

Twitter دا تەكرار بىخەتەرلىك مەسىلىسى كۆرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە سودا كوممىتېتى 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى Twitter نى ئەرز قىلدى، بۇ كوممىتېتنىڭ تۈنجى قېتىم ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىنىڭ بىخەتەرلىك يوچۇقىنى قوللىنىشىغا تىغ ئۇچىنى قارىتىشى ئىدى. بۇ كوممىتېت Twitter نىڭ كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئەزالارنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلدى، بۇ «ئۇنۋېرسال خاراكتىردىكى ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداش پروگراممىسى» ئارقىلىق ئەزالارنىڭ ئۇچۇرلىرىغا قارىتا قوغداش ئېلىپ بېرىش، ھەمدە ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى، XXS پارازىت قۇرىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان «مائۇس توختاپ قېلىش» بىخەتەرلىك مەسىلىسى Twitter دا تارقىلىپ كەتتى. ئەزالار مائۇسنىڭ نۇر بەلگىسىنى رامكىغا ئېلىنغان ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئۇچۇرغا يۆتكىگەن چاغدا، بۇ خاتالىق كۆرۈلۈپ، ئاپتوماتىك ھالدا بىر ئۇلىنىش ئېچىلىدۇ ھەمدە ئەزانىڭ ھېسابات نومۇرى ئارقىلىق ئوخشاش بىر مەزموننى ئۆز ئىچىگە ئالغان يامان نىيەتلىك ئۇچۇر تارقىلىدۇ، بۇ خىل يوچۇق ئىلگىرى ئېلاننى چېكىش ۋە بىر قىسىم سېرىق مەزموندىكى تور بېكەت ئۇلىنىشلىرىدا قوللىنىلغانىدى. بۇ خىلدىكى پارازىت قۇرۇتنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنى ئەمەس ئىدى، بىراق Pearce H. Delphin (Twitterدىكى ئەزا نامى @zzap) بىلەن بىر ناۋىيە پروگراممىرى Magnus Holm ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى رەڭلىك Twttr نىڭ ئاپتورى Masato Kinugawa بايقىغان بىر يوچۇقتىن پايدىلانغانلىقنى ئېلان قىلدى. 8-ئاينى 14-كۈنى، Masato Kinugawa-Twitter غا XXS مۇناسىۋەتلىك يوشۇرۇن ئاپەتنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرغانىدى، كېيىن ئۇ بۇ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن ئاپىتىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن، RainbowTwtr»» نامىدىكى ھېسابات نومۇرىنى تەسىس قىلىپ بىر قىسىم رەڭلىك خەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى. Delphin ئۆزىنىڭ  بۇ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن ئاپىتىدىن پايدىلىنىپ، onMouseOver»» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان مائۇس قېتىپ قېلىش مەسىلىسىدىكى JavaScript ئورگىنالىنى ئىجاد قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. Magnus Holm ئۆز-ئۆزگە ReTweet قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىكىدىن كۆپىيىدىغان XXS پارازىت قۇرۇتىنى تۈزۈپ تارقاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. بىخەتەرلىك شىركىتى Sophos، بۇ خىل ۋىرۇسنى بىر توپ پۈتۈنلەي كۆڭۈل ئېچىشقا تەۋە كىشىلەرلا تۈزۈپ چىقالايدۇ، بىراق بۇنى يەنە تور جىنايىتىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ، دېدى. كېيىن Twitter تەرەپ پوزىتسىيە بىلدۈرۈش بىلوگى UTC ۋاقتى سائەت 13:50 دە ئۇچۇر ئېلان قىلىپ «بۇ يوچۇق پۈتۈنلەي تۈزەپ بولۇندى» دېدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىركەت ۋەكىلى Carolyn Penner-بۇ ئىشقا قارىتا ھېچقانداق ئەيىپلەشنى تەشەببۇس قىلىشقا بولمايدۇ، دېدى.

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستېرلىكى بىر پارچە چاقىرىقنامە يوللاپ، Twitter نىڭ  WikiLeaks غا كىرگەن ئەزانىڭ ماتىرىيالى بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلدى. Twitter بۇ ئەزاغا خەۋەر قىلدى، ھەمدە ئېلان قىلغان بىر پارچە باياناتىدا «بىزنىڭ

سىياسىتى

ئەزالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا قانۇننىڭ مەجبۇرلاش ۋاستىسى ياكى ھۆكۈمەتنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن باشقىلار تەرىپىدىن ئېرىشىلمەكچى بولغاندا، بىزنىڭ ئۇ ئەزاغا ئۇقتۇرۇپ قويىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ، قانۇن چەكلىگەندىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىز مۇشۇنداق قىلىمىز.» دېدى.

2011-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، TwitterDasient ناملىق بىر شىركەتنى سېتىۋالدى، بۇ شىركەت ئاساسلىقى يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتاللارغا قارىتا مۇھاپىزەت بىلەن تەمىنلەيتتى. Twitter بۇ شىركەت ئارقىلىق Twitter تور بېكىتىدىكى يامان نىيەتلىك ئېلان تارقاتقۇچىلارنى تازىلاپ چىقىرىۋېتىشنى ئۈمىد قىلدى.

2012-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى، Twitter«Do Not Track» مەخپىيەتلىكنى قوغداش تۈرى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇ Firefox كۆز يۈگۈرتكۈچنىڭ بىر ئىقتىدارى بولۇپ، تور بېكەتنىڭ كومپىيۇتېردا Cookie قالدۇرۇپ قويىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلدى.

2012-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، Twitter«يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنىڭ پاتنېت كېلىشىمى» نامىدىكى كېلىشىمنى ئېلان قىلدى، بۇ تۈردىكى كېلىشىم Twitter نىڭ مەخسۇس ئۆز-ئۆزىنى قوغدىشىنى مەقسەت قىلغانىدى. بۇ كېلىشىم 2012-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغان.

تور ئادرىسىنى قىسقارتىش مۇلازىمىتى

Twitter ئۆزى t.co»» نامىدىكى تور ئادرىسىنى قىسقارتىش مۇلازىمىتى تەسىس قىلغان، بۇ تۈردىكى مۇلازىمەت پەقەت Twitter دىكى ئۇلىنىش تور ئادىرىسلىرىنى قىسقارتىپ ئېلان قىلىش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ، سىرتقى قىسىمدا ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ. Twitter بۇ تور ئادرىسىنى قىسقارتىش مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ ئەزالارنىڭ يامان نىيەتلىك تور بەتلەردىن يىراق تۇرىشىغا ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئەزالارنىڭ تور بەت ئادرىسىنى چېكىش قېتىم سانى دېگەندەك ئەھۋاللارنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ.

ئەڭ دەسلەپتە Twitter دىكى تور بەت ئادىرسىنى قىسقارتىش مۇلازىمىتى ئۈچىنچى بىر تور بېكەت  (مەسىلەن، bit.ly ۋە TinyURL قاتارلىقلار) تەرىپىدىن تەمىنلەنگەنىدى، كېيىن Twitter 2010-يىلى 3-ئايدا شەخسىي ئۇچۇر مۇلازىمىتىدە تور بەت ئادىرسىنى قىسقارتىش مۇلازىمىتىنى سىناق قىلدى، ئەينى چاغدا Twitter نىڭ ئىشلەتكىنى «twt.t» دېگەن تور نامى ئىدى، كېيىن كولۇمبىيە تور نامىنى تەسىس قىلىش ئورگىنى Twitter غا t.co»» دېگەن تور نامىنى ھەدىيە قىلدى. بۇ تۈردىكى مۇلازىمەت كېيىن @TwitterAPI، @rsarver ۋە @raffi دىن ئىبارەت 3 ھېسابات نومۇرىدا سىناق قىلىندى. 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى، Twitter بارلىق ئەزالارغا بىر پارچە ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنى ئەۋەتىپ، بۇ تۈردىكى مۇلازىمەتنى بارلىق ئەزالارغا ئومۇملاشتۇرغان. 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى، Twitter بۇ تۈردىكى مۇلازىمەتنىڭ ئىشقا كىرىشكەنلىكىنى رەسمىي تۈردە ئېلان قىلغان.

سۈرەت ھەمبەھىرلەش مۇلازىمىتى

2011-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، Twitterسۈرەت ھەمبەھىرلەش مۇلازىمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، ئەزالار تور بېكەتنىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىق، سۈرەتنى ھەمبەھىرلىيەلەيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەزالار سۈرەت ئۇلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇرلارنى خەتكۈچكە كىرىشتۈرۈپ، ئۇچۇرنى ئىزدەش سېستىمىسى تەرىپىدىن ئىزدەپ تاپقىلى بولىدىغان قىلاتتى. Twitter يەنە سۈرەت ئامبىرى ئىقتىدارىنى تەسىس قىلىشنى پىلانلىغان.

Twitter ئەڭ تېز ۋە ئەڭ قولايلىق ئۇچۇر تارقىتىش ۋاستىسى بولغاچقا، ئۇنىڭ تەسىر كۈچى 2008-يىلىدىكى ئامېرىكا پرېزدېنت سايلىمى، ئىران يېشىل ئىنقىلابى، دېنۋېر ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش يولىدىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسى، ھىندىستان بومبايدىكى زەنجىرسىمان تېرورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى، مايكول جېكسوننىڭ ئالەمدىن ئۆتىشىدىن تارتىپ، جۇڭگودىكى مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ يېڭى ئورنىدىكى ئوت ئاپىتى، شى شوۋ ۋەقەسى، شىنجاڭدىكى پاراكەندىچىلىكلەرنىڭ ھەممىسىدە تەسىرى كۆرىنەرلىك بولغان. ئىران پرېزدېنت سايلىمىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى Twitter غا كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان، ئاللىقاچان ئىران ۋاقتى سەھەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان رېمونت خىزمىتىنى كېيىنگە سۈرۈش، تور بېكەتنىڭ كۈندۈزى نورمال خىزمەت قىلىشىنى ئەمىلىيلەشتۈرۈش تەلىپىنى قويغان. بىراق بۇ ھەرىكەت، ئىراننىڭ ئىچىكى سىياسىتىگە يامان نىيەتتە ئارىلاشقانلىق، دەپ تەنقىد قىلىنغان. ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسى چۈشەندۈرۈپ،  Twitterئىران خەلقىنىڭ پرېزدېنت سايلىمىدىكى مۇھىم ئالاقە قورالى، شۇڭا مۇشۇ تەلەپنى قويدۇق، دېگەن. Twitter بۇ قارارنىڭ تور مۇلازىمىتىنىڭ تەمىنلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مەجبۇرلىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نامايىشلاردىكى تەسىرى

2009-يىلى 6-ئايدا، ئىران پرېزدېنت سايلىمىدىكى كۆز بويامچىلىق ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نامايىشچىلار Twitter نىڭ سىرت بىلەن ئالاقە قىلىدىغان قوراللىقىدىن پايدىلاندى. 6-ئاينىڭ 15-كۈنى، بىر نەچچە ئەزا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن، Twitter 90 مىنۇتلۇق خىزمەتتىن توختاپ رېمۇنت قىلىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. CNNنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدىكى خەۋىرى تەنقىدلەنگەن.

2009-يىلى 8-ئايدا، ئامېرىكا پرېزدېنتى ئوبامانىڭ داۋالاش ئىسلاھاتى پىلانىغا قارشى تۇرغۇچىلار ئەنگلىيەنىڭ پۈتۈن دۆلەتنىڭ داۋالاش سېستىتمىسى (NHS) غا ھۇجۇم قىلغان چاغدا، مىڭلىغان NHS نىڭ ئەزالىرى Twitter نىڭ #welovetheNHS بەلگىسىدىن پايدىلىنىپ NHS نى قوللىدى ۋە ئامېرىكا ئوڭچىللار ھەركىتىگە قارشى تۇردى، ھەمدە ئەنگىلىيە باش ۋەزىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

2009-يىلى G-20 چوققىسى يىغىنى بىستبۇرگدا ئېچىلغاندا، نيۇيوركتىكى قارشى پىكىردىكى شەخس ئېلليوت مادىسون (Elliot Madison) Twitterخەۋەرلىرىدىن پايدىلىنىپ نامايىشچىلارنى ساقچىلارنى توسقۇنلىقىدىن قۇتۇلۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان. ساقچىلار مادىسوننىڭ مېھمانخانىدىكى ياتىقىغا ھۇجۇم قىلغان، بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇنىڭ نيۇيوركتىكى ئۆيىمۇ FBI لار تەرپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىدى ھەم 16 سائەت تەكشۈرۈلگەن. مادىسون كومپىيۇتېر ۋە ئېلىكتىر ئەسۋاپلىرىدىن پايدىلىنىپ يىغىن ئېچىلغان كۈندىكى ساقچىلارنىڭ ھەركىتىنى ئىز قوغلىدى ھەمدە يانفون ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورى Twitter دىن پايدىلىنىپ نامايىشچىلارغا خەۋەر يەتكۈزگەن؛ ئۇ دۆلەت ئىشىغا توسقۇنلىق قىلدى، ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ ئەيىپلەنگەن. ئاختۇرۇش بۇيرىقىدا FBI تەكشۈرگىچىلىرىنىڭ پەقەت قارشى ھەركەت قىلغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ توپىلاڭ كۆتۈرۈپ قانۇنغا قارشى تۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ھوقۇقى بولسىمۇ، ئۇلار توڭلاتقۇنىڭ ماگىنىتى، ئويۇنچۇق مايمۇن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئالمىغان.

داڭلىق شەخىسلەر ساھەسىدىكى تەسىرى

ھازىر، ئامېرىكا پرېزدېنتى ئوباما، NBA پۇتبول چولپىنى ئونىل، Google، ئاقساراي ۋە نۇرغۇنلىغان ئاخبارات ۋاستىلىرى Twitter دا ھېسابات نومىرى ئاچتى. Google نىڭ جۇڭگو دائىرىسىدىكى سابىق باش لېدىرى لى كەيشانىڭ ئاچقان ھېسابات نومىرى Twitter نىڭ جۇڭگودىكى شۆھرىتىنى ئاشۇردى. بىراق Twitter دا كۆپلىگەن ھەرخىل شەكىلدىكى يالغان داڭدار شەخس ئەزالار بولۇپ، داڭلىق شەخىسلەرنىڭ نامىدا يالغان ھەم مۇۋاپىق بولمىغان پىكىرلەرنى تارقىتىدۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن ئېۋان مگرېگور، برىنتېي (Britney)، ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزدېنتى بۇش ۋە ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى قاتارلىقلار بار. لى كەيشانىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى «Kaifulee» باشقىلار تەرپىدىن تىزىملىتىۋېلىنغان بولۇپ، Twitter دا بىر ھېسابات نومىرى ئېچىپ، ئۇنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ ئېلان قىلغان ئۇچۇرلىرى كۆپلىگەن مېدىيالار تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن. كېيىن لى كەيشا Twitter بىلەن ئالاقىلىشىپ ھېسابات نومىرىنى قايتۇرۋالغان. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا Twitter مەيلىگە قويۇپ بېرىپ كارى بولماسلىقتەك پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىغان. نۆۋەتتە شىركەت بىر يېڭى سىستېمىنى سىناق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئەزالارنىڭ قايسىلارنىڭ ھەقىقىي داڭلىق شەخس ئىكەنلىكنى پەرقلەندۈرىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئامېرىكا «سودا ھەپتىلىكى» نىڭ 2009-يىلى 5-ئايدىكى ئىستاتىكىسىغا ئاساسلانغاندا، Twitter نى ئىشلىتىدىغان ئامېرىكىدىكى چوڭ شىركەتلەرنىڭ CEO لىرى 2008-يىلى 8-ئايدىكى 18 ئادەمدىن 48 ئادەمگە كۆپەيگەن.

2009-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، Twitter  كوللىنىس ئىنگلىزچە لۇغىتى (Collins English Dictionary) نىڭ 30 يىللىق تومىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، «Twitter» نىڭ يەشمىسى «كىشىلەرگە شەخسلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان قىسقا ئۇچۇر تو بېكىتى»، ھەرىكەت «Twttr» نىڭ يەشمىسى بولسا  Twitter»تور بېكىتىدە قىسقا ئۇچۇر يېزىش» دەپ بېرىلگەن.    

مەبلىغى

Twitterئۇمۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، Twitter ئامېرىكىنىڭ «خەۋپ-خەتەرلىك مەبلەغ سېلىش» ساھەسىدىن 57 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغكە ئېرىشكەن، كونكرىت مەبلىغىنى بۈگۈنگە قەدەر ئاشكارلىمىغان، Twitter ئېرىشكەن بىرىنچى تۈركۈمدىكى مەبلىغىنى ئەزەلدىن ئاشكارىلاپ باقمىغان. مىش-مىش گەپلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ بىر تۈركۈم مەبلەغ 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغىچە ئىكەن، ئۇنىڭ 2008-يىلىدىكى B نۆۋەتلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرىشى 22 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان، Twitter نىڭ C نۆۋەتلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرىشى  Institutional Venture Partners ۋە  Benchmark Capitalدىن كەلگەن 35 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنەUnion Square Ventures  شىركىتى، Spark Capital شىركىتى ۋە Insight Venture Partners شىركىتىدىكى سوممىسى ئېنىق بولمىغان مەبلەغنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. Twitter نى Union Square Ventures، Digital Garage،Spark Capital ۋە Bezos Expeditions قاتارلىق شىركەتلەر تىكلىگەن دېيىشكىمۇ بولىدۇ.

The Industry Standard تور بېكىتى ئىلگىرى Twitter نىڭ ئۇزۇن مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى مەبلەغ يېتىشمەسلىكنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. Twitter مۇدىرىيەت يىغىنىنىڭ ئەزاسى Tood Chaffee ئالدىن پەرەز قىلىپ، شىركەتنىڭ ئېلىكتىرونلۇق سودىدىن پايدىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئۇ ئەزالارنىڭ تونۇشتۇرۇلغان ۋە ئېلان قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى بىۋاستە سېتىۋېلىشنى ئازۇ قىلىشىنىڭ مۇمكىنلىقىنى تىلغا ئالغان.

2010-يىلى 12-ئايدا Twitter 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خەتەرلىك مەبلەغ سوممىسىغا ئېرىشىپ، شىركەتنىڭ قىممىتىنى 3 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزگەن. 2011-يىلى 3-ئايدا،  Twitter پاي ھوقۇقى سودىسى تور بېكىتى SharesPost دا 35 مىڭ ئۈلۈش پاينى ھەر بىر ئۈلىشى 34.5 ئامېرىكا دوللىرى باھاسىدا سېتىپ چىقارغان. بۇ ۋاقىتتىكى شىركەتنى قىممىتى 7 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان. شۇ يىلى 8-ئايدا، Twitter سېفىرلىق بوشلۇق پەن تېخنىكىسى (Digital Sky Technologies) دىن 800 مىليون «خەتەرلىك مەبلەغ» كە ئېرىشكەن.

Twitter شىركىتى ئاللىقاچان 2013-يىللىق «تۈنجى قېتىملىق ئاشكارا پاي توپلاش» نىڭ نامزاتلىرىنىڭ بىرى بولىشنى بېكىتىپ بولغان.

2011-يىلى 12-ئايدا، سەئۇدى ئەرەبىستاننى شاھزادىسى ئەل-ۋەلىد بىن تالال Twitterغا 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالدى، بۇ ۋاقىتتىكى شىركەتنىڭ قىممىتى 8 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

كىرىمنىڭ كېلىش مەنبەسى

خاككېرلار Twitter نىڭ كىرىمى ۋە ئەزالارنىڭ كۆپىيىشىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ھۆججەتلەرنى ئوغرىلىۋالغاندىن كېيىن، بۇ ھۆججەتلەر TechCrunch ئارقىلىق ئاشكارلىۋېتىلگەن. بۇ ھۆججەتلەر Twitter نىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ مالىيەسىنىڭ ئالدىن مۆلچەرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى، ئۈچىنچى پەسىلدىكى 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق كىرىم مۆلچەرىنى، ھەمدە تۆتىنچى پەسىلدىكى ئەمىلىيلەشتۈرۈلىدىغان 4 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق كىرىم ۋە 25 مىليون ئەزا سانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھۆججەتتە يەنە 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا Twitter نىڭ يىللىق كىرىمىنى  1 مىليارد 540 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈش، ساپ كىرىمنى 111 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈش، شۇنىڭ بىلەن  بىللە ئەزالارنىڭ سانىنى 1 مىلياردقا يەتكۈزۈش مۆلچەرلەنگەنىدى. بىراق بۇ نىشانلارنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ئاشكارلانمىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز سيون ئۆزىنىڭ بىلوگىدا، بۇ سودا تەپسىلاتىنىڭ ئاشكارلىنىشى قانۇنىي ۋاستىلەرنىڭ ھەركەتكە كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكىنى تىلغا ئالغان.

2010-يىل 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، Twitter كارخانا شىركەتلىرىنى ھەقلىق ئېلان كەسپى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، بۇ ئېلانلار ئەزالار Tweet غا قارىتا ئىزدەش ئېلىپ بارغاندا مەخسۇس Tweet شەكلىدە نامايان بولىدۇ، بەزىلىرى Google شەكلىدىكى AdWords ئېلان نۇسخىلىرىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، Twitter ئېيتىشىچە، سونىي فىلىم ۋە تېلىۋىزىيە تاماشىسى (Sony Pictures Entertainment, Inc)، قىزىل كالا (Red Bull GmbH)، ئەڭ ياخشى سېتىش (Best Buy) ۋە ستار بۇكس (Starbucks) قاتارلىق شىركەتلەر بۇ كەسىپنى ئىشلىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئېلان كەسپىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى يەنە بىر قەدەم كېڭەيتىش ئۈچۈن، 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى Twitter ھەرىكەتچان ئۈسكىنىدە ئېلان Tweet نى كۆرسىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان قىلغان. 2011-يىلى Twitter ئېلان كەسپى ئارقىلىق تەخمىنەن 140 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىرىمگە ئېرىشىپ، 2012-يىللىق مۇشۇ تۈر بويىچە كىرىدىغان كىرىم %86.3 ئېشىپ 260 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئەتىراپىدا بولىشىنى مۆلچەرلىگەن.

گەرچە Twitter شىركىتى 2010-يىلى باھار پەسلىنى ئاخىرىدىن باشلاپ ئېلان كەسپى بىلەن شوغۇللانغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا 45 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى يىللىق كىرىمنى ياراتقان. شىركەت 2010-يىلىنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقىتلىرىدا زىيان تارتقان بولسىمۇ، يەنىلا 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خەتەرلىك مەبلەغنى جەلپ قىلغان. 2011-يىلى 5-ئايداTwitter خەلقئارالىق كۆڭۈل ئېچىش خەۋەرلىرى تورى (WENN) بىلەن Twitter ئەزالار يوللىغان رەسىملەردىن باج كەچۈرۈم قىلىنغان كىرىمگە ئېرىشەلەيدىغان بىر تۈرلۈك كېلىشىمنى ئىمزالىغان.

مىسىر

ھۆكۈمەتنىڭ نامايىشچىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىنى توسۇش ئۈچۈن، مىسىر دائىرلىرى Twitter نى قىسقا ۋاقىتلىق تاقىغان.

تېھران ۋاقتى 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 15 دە Twitter تاقالغان.

جۇڭگو

2009-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگونىڭ تور مۇداپىئە دېتالى (جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتىرنېتنىڭ ئىچكى قىسمىنى كونتىرول قىلىش ئۈچۈن تەسىس قىلغان تور تەكشۈرۈش سېستىمىسىنىڭ نامى-تەرجىماندىن) Twitter نى تاقىدى. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى تورنى تاقاش پىلانى 1989-يىلىدىكى تىيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 12 يىللىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. جۇڭگونىڭ Twitter تور ئەھلى بۇنىڭغا كەسكىن ئىنكاس قايتۇرۇپ، يېڭىلاشقا كەينى-كەينىدىن «#FuckGFW» نى كىرگۈزۈپ، نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن، «#FuckGFW» ناھايىتى تېزلا Twitter نىڭ قىزىق نۇقتا ھالقىلىق سۆزىدە چىقىپ ئىلگىرىكى «فرانسىيە ئاۋىئاتسىيە 447 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلانى» ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق سۆز «#Air France» دىن ئېشىپ ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، كېيىن ئۇنىڭ ئورنىنى «#China Blocks Twitter» ئالغان. 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتە ئېچىۋېتىلگەن.

2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئۈرۈمچىدە 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەردى. ئەتىسى چۈشتىن كېيىن Twitter يەنە بىر قېتىم تاقالغان. Facebook مۇ 7-ئاينىڭ 7-كۈنى تاقىلىپ، تېخىچە ئېچىلمىدى. 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، «جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە گېزىتى» ماقالە ئېلان قىلىپ، Twitter، Facebook، Flickr ۋە YouTube لارنىڭ «جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر» تەرىپىدىن تەشۋىقات ۋە ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش قورالى قىلىندىغانلىقى ئەسكەرتىلدى، ھەمدە «تورنىڭ ئاجرىتىش، توساش، تاقاش ۋە توردىكى ھۇجۇملارغا قايتۇرما زەربە بېرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىنى تېزلىتىش» دېدى. گەرچە تاقىۋېتىلگەن بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم جۇڭگولۇق ئەزالار ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ Twitter نى ئىشلەتكەن.

2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى، بىر تورداش بوشۈن ئاخبارات تورىدا «جۇڭگو يەسىمەن گۈلى ئىنقىلابى» نىڭ چاقىرىقىنى يوللىغان، چاقىرىق قىلىنغان توداشلار شۇ كۈنى (2-ئاينىڭ 20-كۈنى) كوچىغا چىقىپ يىغىلىپ، يىغىن ئاچتى. شۇ كۈنى ئاخشىمى جۇڭگودىكى تورداشلار  SSL ئارقىلىق بىۋاسىتە Twitter ۋە Facebook ئۇلىغىلى بولىدىغانلىقىنى، ھەمدە مۇداپىئە تېمىنى بۇزۇشنىڭ زۆرۈر ئەمەسلىكىنى ئىنكاس قىلدى. 2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ  Googleنىڭ كۆپلىگەن IPلىرى تاقىۋېتىلىپ، جۇڭگو تور ئەھلىنىڭ ئۆزلىرى قۇرغان API نى ئىشلىتىپ Twitter نى زىيارەت قىلىشىنى توسقان.

نۆۋەتتە، جۇڭگو دائىرىسىدە بىۋاسىتە Twitter غا تىزىملاتقىلى بولمايدۇ، بىراق VPN قاتارلىق ئۇلىنىش مۇلازىمىتى ئارقىلىق Twitter تور بېكىتىنى زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ.

تاقاشقا قارشى تۇرۇش

Twitter ئەپنى ئېچىۋەتكەچكە، كۆپلىگەن ئەزالار زور مىقتاردىكى ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ دېتالىنى قۇرالايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسمى ئېتىلمەيدۇ. ئەزالار بۇ ئېتىلمىگەن ئەپ ئارقىلىق مۇداپىئە تېمىنى بۇزمايلا Twitter مۇلازىمىتىنى ئىشلىتەلەيدۇ. Twitter ئۈچىنچى تەرەپ دېتالىنى ئىشلەتكەندە مەخپى نومۇرنىڭ ئاشكارلىنىپ كېتىش خەۋىپى بولغاچقا، 2010-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ Twitter ئاستا-ئاستا OAuth نىڭ دەلىللىشىدىن ئۆتمىگەن ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئەپ دېتالىنى ئىشلىتىلىشىنى توختاتتى، بىراق بەزى ئەزالار ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ دېتالىنىڭ ئۆزىنىڭ ھېسابات نومىرىغا ئېلان ۋە يامان نىيەتلىك ئۇلىنىشلارنى ئەۋەتىش ئەھۋاللىرىدىن ساقلىنالمىغان.

2010-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى، Twitter يېڭى بىر تېخنىكىنى تەتقىقى قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ تۈردىكى تېخنىكا Twitter ئەزالىرىنى جۇڭگو ۋە ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ تور تەكشۈرىشىدىن قوغداشقا ئىشلىتىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#