گۆكخان ئۆزەن

گۆكخان ئۆزەن 1979-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى تۈركىيە ئەنقەرە دە تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى گۆكخان ئۆزەن
تۇغۇلغان ۋاقتى 1979-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى
دۆلەت تەۋەلىكى تۈركىيە
كەسپى ئاكتىيور

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گۆكخان ئۆزەن 1979-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى تۈركىيە ئەنقەرە دە تۇغۇلغان. گۆكخان ئۆزەن ئالتە يېشىدا دۆلەت ئوپېرا بالىس بالىلار كۇرسىنىڭ ئىمتىھانىدا تەبىئىي تالانتى بىلەن قوبۇل قىلىنغان ھەمدە بۇ جايدا مۇزىكا ھاياتىغا ئاساس سالغان.

كېيىن 8 يېشىدا ئەنقەرە رادىئوسى ت س م بالىلار كۇرسىغا كىرىش ئۈچۈن ئىمتىھانغا قاتناشقان ھەمدە بۇ ئىمتىھاندىمۇ بىرىنجىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن.شۇنداق قىلىپ كىچىك گۆكخان بۇجايدا ئەڭ ئۇستا مۇئەللىملەر تەربىيىسىدە سەككىز يىل تۈرك سەنئەت مۇزىكا مائارىپى قوبۇل قىلغان.

ئارلىقتا باشلانغۇچ،ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن تۈرك مائارىپ دەرنىكى ئەنقەرە كوللېگىيىسىدە بىلىم ئالغان.

گۆكخان ئۆزەن  2008-يىلى تۇنجى پىلاستىنكىسىنى چىقارغان.

گۆكخان ئىككىنجى پىلاستىنكىسى«ئارامازسىن ئاراما» (ئىزدىمەسسەن، ئىزدىمە) بىلەن رەسمىي تۈرك خەلقى ئارىسىدا تونۇلۇشقا باشلىغان.

2001-يىلى «دۇمان گۆزلۈم» ناملىق پىلاستىنكىسىنى چىقارغان.

2003-يىلىدا بولسا «چىۋ چىۋ» ناملىق پىلاستىنكىسى بىلەن ئۆز ئىسمى ۋە مۇزىكىسىنى تېخىمۇ كۆپلىگەن ئادەملەرگە تونۇتقان.

كۆپلىگەن كېچىلىكلەرگە تەكلىپ قىلىنغان گۆكخان جەمئىي ئالتە پىلاستىنكا چىقارغان بولۇپ بۇنىڭ ئارىسىدا ئىككى پىلاستىنكىسى  Mü-yap تەرىپىدىن ئالتۇن مۇكاپاتقا، 2003-يىلى «چىۋ چىۋ» ناملىق پىلاستىنكىسى مەرۋايىت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2006-يىلى «سەۋدا چېچىكى» ناملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئېلىپ ئاكتىيورلۇققا تۇنجى قەدەم باسقان گۆكخان ئىككىنجى تېلىۋىزىيە تىياتىرى «يالغان دۇنيا» دىمۇ رول ئالغان.

ئوخشاش ۋاقىتتا دەرىجىدىن تاشقىرى ئائىلە مۇسابىقىسىگە جۈرى گۇرۇپپىسى ئەزاسى نامىدا قاتناشقان گۆكخان ھەم تېلىۋىزىيە تىياتىرىغا چىقىش ھەم ناخشا پىلاستىنكىسى چىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ مۇسابىقىدىن چېكىنىپ چىققان.

2011-يىلى ئۆزى قۇرغان خان مېدىيا شىركىتىدە «يىلتىز ھېكايىسى» ناملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرىنى ئىشلىگەن.

بۇنىڭدىن سىرت ئۆز پىلاستىنكىسىنىڭ ناخشا تېكىستى، مۇزىكىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى مۇستەقىل ئىشلىگەن، ھەتتا باشقا ناخشىچىلارنى ئۆزى يازغان يېڭى سەنئەت ئەسەرلىرى بىلەن تەمىن ئەتكەن.

گۆكخان ئۆزەن 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى سەلەن سەۋىگەن بىلەن توي قىلغان ھەمدە بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#