زىچلىق
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
زىچلىقئادەم بەدىنىنىڭ زىچلىقى ئاران 1.02، سۇنىڭ زىچلىقى ئادەم بەدىنىڭ زىچلىقىغا قارىغاندا بىر قەدەرچوڭ. بېنزىننىڭ زىچلىقى سۇنىڭ زىچلىقىدىن كىچىك، شۇڭا يولدىكى ماي تامچىلىرى سۇ يۈزدە لەيلەپ قالىدۇ. دېڭىز سۈيىنىڭ زىچلىقى چوڭ بولغاچقا، شۇڭا ئادەم بەدىنى دېڭىز سۈيىدە بىر قەدەر ئاسان لەيلەيدۇ. ئۆلۈك دېڭىز سۈيىنىڭ زىچلىقى 1.3، ئادەم بەدىنىنىڭ زىچلىقىدىن چوڭ، شۇڭا ئادەم ئۆلۈك دېڭىز ئىچىدە لەيلەپ قالىدۇ.
ئىلىم-پەن جەھەتتە
1. جىسىمنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلدۇ.
2. جىسىمنىڭ تەركىبىدىكى ھەر خىل ماددىلارنىڭ تەركىبى ھېسابلىنىدۇ.
3. ھېسابلاپ ئۆلچەش تەس بولغان جىسىمنىڭ ماسسىسى ۋە شەكلى بىر قەدەر مۇرەككەپ جىسىملارنىڭ ھەجىمىنى ئۆلچەشكە ئىشلىتىلدۇ.
4. جىسىملارنىڭ ئۇيۇل ياكى كاۋاك ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بۇلىدۇ.
5. سۇيۇقلۇقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بېسىم ۋە لەيلىتىش كۈچى قاتارلىقلارنى ھېسابلاشقا بۇلىدۇ.
6. نامەلۇم ماددىلارنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلدۇ.
يېزا ئىگىلىك جەھەتتە
زىچلىق بىر مۇھىم ئاساس. يېزا ئىگىلىكىدە تۇپراقنىڭ مۇنبەتلىكىنى ھۆكۈم قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ، تەركىبىدە چىرىندى ماددىلار كۆپرەك بولغان تۇپراق مۇنبەت تۇپراق بولۇپ، زىچلىقى ئادەتتە 2.3*10 كىلوگرام / كۋادرات مېتىر. بىز ئاساسەن ئۇرۇق تاللاش جەريانىدا سۇدا چۆكتۈرۈپ، لەيلىمە ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇرۇق تاللاش ئېلىپ بارىمىز. ساغلام ئۇرۇقنىڭ زىچلىقى چوڭ، شاكىلى ماكچىيىپ كەتكەن ۋە باشقا ئوت - چۆپ ئۇرۇقلىرىنىىڭ زىچلىقى تۆۋەن بولغاچقا سۇ ئۈستىدە لەيلەپ تۇرىدۇ. سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى جەھەتتە مەسىلەن: كىراخمال ئىشلەپچىقىرىشتا بەرەڭگە خام ئەشيا قىلىندۇ، ئادەتتە تەركىبىدە كراخمال كۆپ بولغان بەرەڭگنىڭ زىچلىقى بىر قەدەر چوڭ.
سېلىشتۇرما ئېغىرلىق ئىستاكان ئۇسۇلى؛
ئارخىمېد قانۇنى؛
لەيلىتىش ئۇسۇلى 1؛
لەيلىتىش ئۇسۇلى 2؛
زىچلىق ھېسابلاش ئۇسۇلى؛[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.