ھامىلىدارلىقتىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك قانبېسىم يىغىندى كېسەللىكلىرى

قان بېسىمى يېنىك دەرىجىلىك ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىمدىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقىرىلايدىغان، قان بېسىمنىڭ يۇقىرىلىشى 100/mmHg 160دىن تۆۋەن بولغان، سۈيدۈكتىكى ئاقسىل «+» بولۇپ، 24 سائەتلىك مىقدارى 0.5g دىن يۇقىرى بولغان ياكى سۇلۇق ئىششىق قوشۇلۇپ كېلىدىغان كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى ھامىلىدارلىقتىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك قانبېسىم يىغىندى كېسەللىكلىرى
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس
تەۋە بۆلۈم ئاياللار بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قان بېسىمىنىڭ يۇقىرىلىشى 160/100mmHg دىن تۆۋەن بولىدۇ. سۈيدۈكتە ئاقسىل «+» بولىدۇ. سۈيدۈكتىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى 42 سائەت ئىچىدە 0.5g دىن يۇقىرى بولىدۇ ياكى سۇلۇق ئىششىق قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

تىپىك ئالامىتى ۋە سۈيدۈكتىكى ئاقسىل مىقدارىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ.

ئېغىر دەرىجىدىكى سۇلۇق ئىششىق كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. ئەمما ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا تېزلا ساقىيىپ كېتىدۇ.

سپازمىنى بوشىتىش، تىنچلاندۇرۇش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، سۈيدۈك ھەيدەش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

1.تىنچلاندۇرۇش، ئۇخلىتىش ئۈچۈن مەجۈنى بەرىششا، ھەببى شىپا، شەربىتى خەشخاش، سۈت شەربىتى، مۇفەررىھى ھارسەغىيىر، ھەببى مۇسكىير، داۋايى مۇسكىير، سۇفۇپى مۇنەۋۋىم، خېمىرى گاۋزىبان، لوئوقى بادام قاتارلىقلار ئەھۋالغا قاراپ ئىشلىتىلىدۇ.

2. ئىششىق ياندۇرۇپ مېڭىنى تازىلاش ئۈچۈن( ھەببى مورمەككى) تەركىبى: شەھمەنزەل، سەبىرى 2g دىن، زەپەر، سۇمبۇل، دارچىن، ھەببى بىلسان، ئاسارۇن، مەستىكى، ئەفسەنتىن، سوقمۇنىيا، تۇربۇت 3g دىن، سەلىخە 2g دىن، دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناقسۇدا يۇغۇرۇپ، قائىدە بويىچە ھەب تەييارلىنىپ بېرىلىدۇ. 

3.سپازما بوشىتىش ئۈچۈن ھەببى تەشەننۇج، بادام يېغى، قاپاق يېغى، سىيادان يېغى، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، سۈيدۈك ھەيدەش مەقسىتىدە ئەرقى گۈل، ئەرقى سەندەل، چىلان شەربىتى، بىنەپشە شەربىتى، نىلۇپەر شەربىتى، ئەرقى بەدىيان، تەمرى ھىندى شەربىتى، ئىتتىرفىل كەشنىر، خېمىرى سەندەل، ئىسكەنجىۋىل بۇزۇرى، زىخ شەربىتى قاتارلىق دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سپازمىنى بوشىتىش، تىنچلاندۇرۇش ۋە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ماگنىي سۇلفات ئىشلىتىلىدۇ. 4. قان بېسىمنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھىدرالازدىن(Hydralazinom) نى ئىشلىتىلىدۇ. پۈتۈن بەدەندە جۈملىدىن ئۆپكە، مېڭىدە سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلگەندە ياكى سۈيدۈك ئازىيىپ كەتكەندە، سۈيدۈك ھەيدەش ئۈچۈن ھىدرو خلورتئازىد (Hydrochorofhidzidlm) ۋە فوروزېمىد (Farosemidim) ھەم 20% لىك مانتول قاتارلىق دورىلار ئىشلىتىلىدۇ ۋە كېسەللىكنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇناسىپ داۋالاش ئۇسۇللىرى قوللىنىلىدۇ.

 قان بېسىمنى چۈشۈرگۈچى دورىلارنى ئىشلەتكەندە كىچىك قان تومۇرلار كېڭىيىپ مۇھىم ئەزالاردىكى قان ئېقىم مىقدارى ئازىيىدۇ. بولۇپمۇ بالىياتقۇ ۋە بالا ھەمرىيىدىكى قان ئېقىم مىقدارى ئازىيىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ھامىلە ئۈچۈن پايدىسىز. سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار بولسا قاننى قويۇلدۇرۇپ، تۆۋەن ناترىيلىق ۋە تۆۋەن كالتسىيلىق قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بۇ دورىلار قائىدىلىك دورىلار قاتارىدا كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ. ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم يىغىندى ئالامىتى بولسا ھامىلىدارلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك بولغاچقا، ئەڭ ياخشىسى ھامىلىدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش لازىم. دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: تولۇق دەم ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، پەرۋىشنى كۈچەيتىش، ھامىلىدارلىق، تۇتقاقلىقى پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىش ھەم ھامىلىنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىش لازىم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1210

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1210

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#