- سەۋزە (كۆكتاتنىڭ بىر تۈرى)
- سەۋزە (خام دورا)
سەۋزە
سەۋزە ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى سۈپەتلىك كۆكتات، شۇنداقلا غەربچە تائاملاردا كەم بولسا بولمايدىغان ئېسىل يېمەكلىك دەپ قارىلىدۇ. ياپونىيىدە بولسا «مېھرىگىياھ» قا ئوخشاش قەدىرلىنىپ ھەممە ئادەم بەس-بەستە سېتىۋالىدۇ. سەۋزىدىكى كاروتىن ئادەم تېنىدە ۋىتامىن A غا ئۆزگىرىپ، راكقا قارشى تۇرىدىغان ۋە ساقلىقنى ساقلايدىغان رولى بولغاچقا «ئۆمۈرگە شىپا كۆكتات» دەپ نام ئالغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەۋزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىغا بولغان شەرت ۋە تەلەپلىرى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، تېمپېراتۇرا بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇش، تۇپراق بەك قۇرغاق ياكى بەك نەم بولۇش قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى سەۋزىدىكى كاروتىن مىقدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
ئىشلىتىلىش قىممىتى
100گىرام سەۋزە تەركىبىدە ئاقسىل 0.6گىرام،ياغ0.3گىرام،قەنىت تۈرىدىكىلەر7.6-8.3گىرام،تۆمۈر0.6مىللى گىرام،ۋىتامىن A1.35-17.25 ئۇنىڭ تەركىبىدە مول كاروتىن ھەمدە زور مىقداردا قەنت، كراخمال، ۋىتامىن B ۋە ۋىتامىن C قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بولىدۇ. كاروتىن ھەزىم قىلىنىپ پارچىلانغاندىن كېيىن ھەسسىلەپ ۋىتامىن A غا ئۆزگىرىپ، بەدەننىڭ يېتىلىشى، سۆڭەكلەرنىڭ ئۆسۈشى، مايلارنىڭ پارچىلىنىشى قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئانالىز قىلىنىشىچە، سەۋزىنىڭ رەڭگى قانچە قىزىل بولسا، تەركىبىدىكى كاروتىن مىقدارىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدىكەن.
سەۋزىنىڭ ئەسلىي ماكانى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىسمى بولۇپ، تېرىپ ئۆستۈرۈلۈش تارىخى خېلى ئۇزۇن. ئۇ 13-ئەسىرلەردە كىچىك ئاسىيادىن ئېلىمىزگە كىرگەن. قەدىمكى دەۋرلەردە غەربىي رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ياشايدىغان رايونلار «خۇ» دەپ ئاتىلىدىغان، شۇنداقلا شەكلىمۇ تۇرۇپ(لوبو) غا ئوخشاپ كېتىدىغان بولغاچقا، خەنزۇلار» خۇلوبو «دەپ ئاتىغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.