مارالبېشى بازىرى

مارالبېشى ناھىيەسى

مارالبېشى بازىرى مارالبېشى ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئورگانلارنىڭ تۇرۇشلۇق جايى، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى، قەدىمكى «يىپەك يولى» نىڭ شىمالىي يولىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم يول. ئومۇمىي كۆلىمى 22.4 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى مارالبېشى بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 22.4 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 巴楚镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسى
نوپۇسى 33374 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مارالبېشى بازىرى مارالبېشى ناھىيە بازىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، شەرقتە دۆلەتباغ يېزىسى جەنۇبتا ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانى، باغۋەنچىلىك مەيدانى بىلەن قوشنا، غەربتە ئاناركۆل يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يول لىنىيىسىگە يانداش، باشام تاشيول، باتۇر تاشيولى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى ناھىيە ئىچىدە گىرەلىشىپ كەتكەن. پۈتۈن بازاردا ئاساسلىق سودا، ﻗﻮﻝ-ﻫﯜﻧﻪﺭﯞﻩﻧﻠﯩﻚ، بىناكارلىق ئاساس قىلىدۇ، بىر قىسىم يېزا ئىگىلىك ۋە باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

بازارغا قاراشلىق ئالتە مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى، بازاردا دېھقانچىلىق مەيدانىدىن بىرسى بار. نوپۇس 33374 ئادەم، ئاساسلىقى ئۇيغۇر، خەنزۇلار قاتارلىق مىللەتلەر بار، بۇلار ئىچىدە  ئۇيغۇر 24875 ئادەم، %74.5 نى ئىگىلەيدۇ، خەنزۇلار 8376 ئادەم، %25.1 نى ئىگەللەيدۇ، خۇيزۇ، مانجۇ، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەر بار. 

ھازىر ھەر خىل سودا تىجارەت تور-نۇقتىلىرى 2914 دانە، كەسىپكارلار 4125 ئادەم، پۈتكۈل ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 16834 مىڭ يۈەن، 3-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 30654 يۈەن. ئەمەلىي پايدىلانغان چەتئەل مەبلەغ سېلىش ئومۇمىي سوممىسى 150 مىليون يۈەنگە يەتكەن. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىقتىساد كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، يەككە سودا-سانائەتچىلەر ۋە خۇسۇسىي كارخانىلار تەرەققىي قىلىپ 5446 گە، رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى 8504 مىڭ يۈەن، مەھسۇلات قىممىتى 2051 يۈەنگە يەتكەن. 

مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ مارالبېشى بازىرى، بۇ يەردە نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان تەبىئىي قۇم تاغلىقلار قۇيۇق، دائىرىسىدە ئىپتىدائىي توغراق ئورمىنى، سۈنئىي تېز ئۆسىدىغان تېرەك ۋە تەبىئىي ئوتلاق، دېڭىز قولتۇقى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى، يېنىدا بار يېزا ئىگىلىك 3-شىسىنىڭ تۈەن-مەيدانىغا تۇتىشىدىغان چېگرا تاشيولى. قۇم تاغنى ياخشى قوغداش پىلانى، توغراق ئورمىنىنى ئاساس قىلغان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#