ئىنەكپىتى ئۇرۇقى

ئىنەكپىتى ئۇرۇقى

بۇ سۈتلۈك ئوتلار ئائىلىسىدىكى بىرى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئىنەكپىتى ئۇرۇقى بولۇپ، خەلق ئارىسىدا بۇ «ئىنەكپىتى»، «ئىلمەك پۇشتى» ياكى «ئىنەكپوشتى» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى «بەرگى بىدەنجىر»، ئۇرۇقى «تۇخۇمى بەدەنجىر»، يېغى «رەۋغەنى بەدەنجىر» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئىنەكپىتى ئۇرۇقى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 蓖麻子

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ سۈتلۈك ئوتلار ئائىلىسىدىكى بىرى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئىنەكپىتى ئۇرۇقى بولۇپ، خەلق ئارىسىدا بۇ «ئىنەكپىتى»، «ئىلمەك پۇشتى» ياكى «ئىنەكپوشتى» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى «بەرگى بىدەنجىر»، ئۇرۇقى «تۇخۇمى بەدەنجىر»، يېغى «رەۋغەنى بەدەنجىر» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. قۇرۇتۇلغان ئۇرۇقى ياپىلاق شەكىللىك بولىدۇ، ئۇرۇق پوستىدا سىلىق پارقىراق، قىزىلغا مايىل قوڭۇر رەڭدىكى، ئالىتاغىل سىزىقچىلار بار. ئۆزى قاتتىق ھەم چۈرۈك، پۇرىقى ئاز، رەڭگى قىزىلغا مايىل بېغىر رەڭلىك، پارقىراق بولغانلىرى ياخشى ھېسابلىنىدۇ. 

ئىنەكپىتى مېيىدىن ئىبارەت بولۇپ، تەخمىنەن %50 ~ 30 گىچە ماي چىقىدۇ، كۈنجۈرسىدە رېتسېن ناملىق ئىنەكپىتى ئىشقارى، رېتسېن ناملىق ئىنەكپىتى زەھەرلىك ئاقسىلى (Ricine) ياكى ياغ فېرمېنتى، لىفازا قاتارلىقلار بار. يوپۇرمىقىدا كېمپفرول (Kaemp ferol)، كېپىفېرول 3- روتىنوزىد (Kaemferol _ 3 _ rutinoside)، رۇتىن (Rutin)، ئاستراگالىن (Astragalin)، زەھەرلىك ئالكولوئىدتېسىن 275 مىللىگىرام، ۋىتامىن C قاتارلىقلار بار. يوپۇرماق يېغىنىڭ ماي كىسلاتاسى تەركىبىدە %25 ~ 7 گىرامغىچە ئاتسىدوم لىنولېنوكوم (Lino lenic acid)، يەنە %44 ياغ كىسلاتاسى ئاتسىدوم ئولىكوم (oleic acid) ۋە باشقا تويۇنغان ماي كىسلاتالىرى ھەم %12.25 زىغىر كىسلاتالىرى بار.

ئۇرۇقىنىڭ تېڭلمىسى تېرە كالا ئازار كېسەللىك يارىلارغا، قاپاق ياللۇغىغا ئىشلىتىلىدۇ، كۆزگە كىرىپ قالغان غىدىقلىغۇچى ماددىلارنى چىقىرىشقا ئېرىتكۈچى قىلىنىدۇ، يەنە جىنسى يول ۋە بالىياتقۇ بوينىنىڭ كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

تۆتىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

تىنچلاندۇرۇش، پەي، مۇسكۇللارنى يۇمشىتىش، ئىچىنى سۈرۈش، ماددىلارنى تارقىتىش، غەيرى تەبىئىي بەلغەم ۋە سەۋدانى سۈرۈش.

غەيرى تەبىئىي بەلغەم ۋە سەۋدادىن بولغان كېسەللىكلەردە سۈرگە ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. شۇنداقلا لەقۋا (يۈز نېرىپ پالچى)، پالەچ، يۆتەل، زىققا، قەۋزىيەت، ئۈچەي مەنبەلىك قۇرساق ئاغرىقى، باش ئاغرىقى، بوغۇم ئاغرىقى، ئىستىسقا، سەكتە قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ، مېغىزى قەۋزىيەت، ھەيز تۇتۇلۇش، بالا ھەمراھى چۈشمەسلىك، سۆگەل قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. ئىنەكپىتى يوپۇرمىقىنى ياغ بىلەن ياغلاپ ياكى دۈملەپ پىشۇرۇپ بەدەن كۆيمىگۈدەك قىزىق ھالدا تېڭىلسا، بوغۇم ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. ئۇبھەل، خىيارشەنبەر، سانا ھەر بىرى 10 گىرامدىن، ئىنەكپىتى ئۇرۇقى 1.2 گىرام، زاراڭزا يېغى 10 مىللىلىتىر، قايناتما تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز ماڭدۇرۇپ، بالا ھەمراھىنى چۈشۈرىدۇ.

3. سۆرۈنجان، قۇستە، ئاقىرقەرھا 10 گىرامدىن، ئىنەكپىتى ئۇرۇقى 2 گىرامدىن ئېلىپ مەلھەم تەييارلاپ، يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، بوغۇم ئاغرىقى، مۇپاسىل، پالەچكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

125 مىللىگىرام.

ئازراق زەھەرلىك بولۇپ، ئىشتىھانى، ئاشقازاننى سۇسلاشتۇرىدۇ، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش پەيدا قىلىدۇ.

كەتىرا، مەستىكى، پىننە.

دەند (ھەببۈلمۈلۈك).

ئېلىمىز ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىن ھەم ئافرىقا ۋە ھىندىستان قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.

تېبابىتىمىزدە سۈرگە ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەرەبچە ھەببۇلمىلىك يەنى «دەند» ياكى «ھەببى سالاتىن» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل دورا بار، قەدىمكى ۋاقىتلاردا كىشىلەر بۇ ئىككى ئۇرۇقنىڭ نامىنى خاتا ھالدا بۇ ئۇرۇقنى «ئابدىمىلىك ئۇرۇقى» بىلەن ئالماشتۇرۇپ قويغان، شۇڭا بۇ ئۇرۇقنى «ئابدىمىلىك ئۇرۇقى» دەپ ئاتاش توغرا ئەمەس.

ئەنقەرويائى سەغىر، ئەنقەرويائى كەبىر.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#