ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى

ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى

ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى-ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان، بەدەندىكى ھەرخىل غەيرىي نورمال ئاناتومىيەلىك ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان، ساغرا ۋە پۇتنىڭ ئارقا تەرىپى تۇراقلىق ھالدا ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.

غەرب تېبابىتى نامى ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى
خەنزۇچە نامى 坐骨神经痛
تەۋە بۆلۈم سۆڭەك بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى پاچاق ئارقا تەرىپى
ئاساسلىق ئالامىتى پۇتنىڭ ئارقا تەرىپى ئاغرىش
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئىنگلىزچە نامى Sciatica,ischialgia

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان، رېماتىزم ۋە باشقا كېسەللىك مىكروبلىرىنىڭ، شۇنداقلا بەدەندىكى ھەرخىل غەيرىي نورمال ئاناتومىيەلىك ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: ساغرا ۋە پۇتنىڭ ئارقا تەرىپى تۇراقلىق ھالدا ئاغرىش ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: سېرىق ھېلىلە پوستى، سەبرە سۇقۇترى، سۆرۈنجان مىسىرى 20 گىرامدىن، پوستى ئاقلانغان تاتلىق بادام مېغىزى 32 گىرام، سانا، مەستىكى رۇمى، زەپەر تۆت گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەرىقى بەدىيان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى 5 ~ 9 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقىتەركىبى: سانا 40 گىرام، سۆرۈنجان، شاترەنج ھىندى 15 گىرامدىن، زەپەر ئۈچ گىرام، شېكەر تەڭ نىسبەتتە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تالقان تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن، قايناق سۇ بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: ئاچچىقتاۋۇز 75 گىرام، تاغ پىيىزى، غارىقۇن، سوقمونىيا، قارا خەربەق، ئۇشەق، ئۈسىقۇدىرىيۇن 12 گىرامدىن، سېرىق ئوت، مۇقەل، سەبرە سۇقۇترى، كامازىرىيۇس 5. 7 گىرامدىن، ھاشا (تاغ يالپۇزى) ، رۇمبەدىيان، سازەج ھىندى، ياۋا تاغ كۈدىسى ئۇرۇقى، پەرپىيون، ھۇماما، زەنجىۋىل، جوئدە، سەلىخە، ئاقمۇچ، جاۋاشىر، قۇندۇز قەھرى، سۇمبۇل، پەتەر ئاساليۇن، ئۇزۇن زىراۋەندە، ئەمەن ئوسارىسى ئالتە گىرامدىن، جېنتىيانا، ئۈستقۇددۇس ئۈچ گىرامدىن، ھەسەل 840 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ھاۋاسى ساپ ئورۇندا قىرىق كۈن قويۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يەتتە گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#