مېۋە سۈتى ۋە كالا سۈتى

مېۋە سۈتى ۋە كالا سۈتى

سۈت ئۇ ئەڭ قەدىمكى تەبىئىي ئىچىملىكنىڭ بىرى، ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە، سۈتنى دەرىجىگە بۆلۈشمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. نۆۋەتتە ئەڭ ئومۇميۈزلۈك بولغان ياغ،  ياغسىز ۋە ياغلىق سۈت. نۆۋەتتە بازاردىكى سۈت ئارىلاشتۇرۇلغان ماددىلار ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن، يۇقىرى كالتسىيلىق ياغسىز سۈت، بۇلارنىڭ ئىچىگە كالتسىي قوشىدۇ. مېۋە سۈتى، تۈرلۈك مىۋە - چىۋە ۋە سۈت ئارلاشمىسىدىن ياسىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى مېۋە سۈتى ۋە كالا سۈتى
خەنزۇچە نەمى 果奶和牛奶

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مېۋە سۈتى ۋە كالا سۈتى  كالا سۈتى تەركىبىدە مول بولغان مىنېرال، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، سىنك، مىس، مانگان، مولىبدېن قاتارلىق مىتال ئېلىمىنىتلار بار. كالا سۈتى بولسا بەدەندىكى كالتسىينىڭ ئەڭ ياخشى كېلىش مەنبەسى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، كالتسىي - فوسفور نىسبىتى ناھايىتى مۇۋاپىق، ئۇنىڭ ئۇستىگە كالتسىي قوبۇل قىلىشى ئىقتىدارى ياخشى. تۈرى مۇرەككەپ، ئاز دېگەندە 100 نەچچە خىلغا يىتىدۇ. ئاساسلىق تەركىبى سۇ، ياغلار، فوسفاتىد، ئاقسىل، لاكتوزا، ئانئورگانىك تۇز قاتارلىقلار .

مېۋە سۈتى ۋە كالا سۈتىھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان مېۋە سۈتلىرى ئەمەلىيەتتە سۈت تۈرلىرىگە كىرمەيدۇ، ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى پەقەت سۇ ۋە شېكەر. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر قىسىم ئوزۇقلۇق ماددىلار مەسىلەن: كالتسىي، ۋىتامىن A، ۋىتامىن D قاتارلىقلار قوشۇلغان بولۇپ، ھەقىقىي مەنىدىكى «سۈت» ئەمەس.

 كالا سۈتى 

كالا سۈتىسۈت تەركىبىدىكى سۇنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى سۈتنىڭ قاتتىق جىسىم ماددىسىدىكى ئېغىرلىقى ئومۇمىي ئېغىرلىقىنىڭ 11.2% ىدىن يۇقىرى بولسا، مايدىكى ئىگىلىگەن مىقدارى 3% تىن يۇقىرى بولسا، ساپ سۈتتىكى ئاقسىل مىقدارى 3% تىن يۇقىرى بولسا بولىدۇ.

مېۋە سۈتى

مېۋە سۈتى مېۋە سۈتى سۈتلۈك ئىچىملىككە تەۋە بولۇپ، كالا سۈتىگە ئىككى ھەسسە سۇ قوشۇلىدۇ. يەنە شېكەر، مۇئەتتەر ۋە باشقا تېتىتقۇلارنى قوشۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە، ئاقسىل مىقدارى 1% تىن تۆۋەن بولمىسلا بولىدۇ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ھەقىقىي كالا سۈتىدىن خېلى تۆۋەن تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى كالا سۈتى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەزى مېۋە سۈتلىرىنىڭ تەمىمۇ ھەقىقىي مېۋە تەمى ئەمەس بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت بالىغا بۇنى بەرسە، بالىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق. شۇنداقلا بۇ خىل ئىچىملىكنىڭ تەركىبىدە شېكەر مىقدارى بىر ئاز كۆپ، دائىم ئىستېمال قىلسا، بالىنىڭ ئىشتىھاسىنى تۇتۇۋالىدۇ. ھەتتا تاماقتىن چىقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.[0] 

كالا سۈتىشېكەرنى چوقۇم بەلگىلىك مىقداردا قوشۇش، ئادەتتە 001 مىللىلىتىر سۈتكە بەشگىرامدىن سەككىز گرامغىچە شېكەر قوشۇلسا مۇۋاپىق. ئەگەر شېكەرنى بەك كۆپ قوشۇۋەتسە بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە قىلچىلىك پايدىسى يوق. بوۋاق قەنتنى كۆپ قوبۇل قىلىشتىن مۇسكۇل ۋە تېرە ئاستى توقۇلمىسى بوشاپ جانسىز بولۇپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بوۋاق ئىنتايىن سېمىز كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بەدەننىڭ قارشى تۇرۇش كۈچى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ئاسانلا كېسەللىك باكتېرىيىسى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ ۋە ئوزۇقلۇق ناچار بولۇشنى ھەمدە شېكەرنىڭ بەدەندە ساقلىنىش مىقدارىنىڭ كۆپىيىشىدىن بوۋاقتا ئاسانلا ئىشتىھاسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي يەنە ئىچى سۈرۈش، چىش چىرىش، يىراقنى كۆرەلمەسلىك قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ خەتەرلىك ئامىلىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا بوۋاقلارغا كالا سۈتى بەرگەندە شېكەرنى بەك كۆپ سېلىپ بەرمەسلىك كېرەك. 

كالا سۈتىكالا سۈتى ئادەتتىكى يېمەكلىكلەرگە قارىغاندا ، ئاشقازان كىسلاتاسىنى ئاجرىتىپ چىقىرىشنى تېزلىۋىتىدۇ ھەم ھەزىم قىلىش يوللىرى كېسەللىكلىرىنى قوزغايدۇ . ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى ، ئاشقازان يارىسى خارەكتىرلىك بوغما ئۈچەي ياللۇغى ، ئۆت خالتىسى ياللوغى قاتارلىق كېسىلى بارلار ئەڭ ياخشىسى سۈت ئىچمەسلىكى كېرەك . 

ئۇنىڭدىن باشقا بۆرەكتە تاش بارلار ، تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بولغان دورىلارنى ئىچىۋاتقانلار ، ئەمدىلا قورسقىنى ئوپىراتسىيە قىلدۇرغانلارمۇ كالا سۈتى ئىچسە بولمايدۇ .


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#