بېنېدىكت كامبېربەچ

 بېنېدىكت كامبېربەچ ئەنگلىيە لىك داڭلىق ئاكتىيور، ئاۋاز ئارتىسى. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «شېرلوك» يۈرۈشلۈك فىلىملىرى بار.

ئۇيغۇرچە ئىسمى بېنېدىكت كامبېربەچ
باشقا نامى Benedict Cumberbatch
يۇرتى لوندون
يۇلتۇز تۈركۈمى سەرەتان يۇلتۇز تۈركۈمى
كەسپى ئاكتىيور، فىلىم ئىشلىگۈچى، ئاۋاز ئارتىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 本尼迪克特·康伯巴奇
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1976-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 184 سانتىمىتېر
پۈتتۈرگەن مەكتىپى مانچىستىر ئۇنۋېرستىتى، لوندون مۇزىكا ۋە تىياتىر سەنئىتى ئىنىستىتۇتى(ماگىستىر)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بېنېدىكت كامبېربەچ باشلانغۇچ مەكتەپنى غەربىي ساسكىستا، تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرىنى خاروۋ جامائەت مەكتىپىدە تاماملىغان. ئۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا رول ئېلىشقا باشلىغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم «ياز كېچىسىدىكى چۈش» دا تىتاينىيانىڭ رولىغا چىققان (بۇ شېكىسپىرنىڭ دراممىسى). كېيىنچە ئۇ يەنە «مال ساتقۇچىنىڭ ئۆلۈمى» دە ۋېلى روماننىڭ رولىغا چىققان (بۇ ئارتۇر مىلىننىڭ دراممىسى).

تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مانچىستىر ئۇنۋېرستىتىدا تىياتىر كەسپىدە ئوقۇغان. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بېنىدىكت كامبىربەچ لوندون مۇزىكا ۋە تىياتىر سەنئىتى ئىنىستىتۇتىدا ئىچكىرىلەپ ئوقۇپ، كىلاسسىك ئورۇنداش كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان.

1999-يىلىدا لوندون مۇزىكا ۋە سەنئەت تىياتىرى ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن بىر مەزگىلگىچە رول ئېلىش پۇرسىتى بولمىغاچقا ئاشخانىدا كۈتكۈچى بولغان. 2000-يىلى «يۈرەك سوقۇش» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا چارلىسنىڭ رولىغا چىققان.

2001-يىلى شىكىسپىرنىڭ كومېدىيەسى«مۇھەببەتنىڭ ئاۋارىچىلىقى» دا فېردىناندنىڭ رولىغا چىققان.

2002-يىلى ئۇ «ئالتۇن رەڭ ئېتىز» ۋە «نەنسىنىڭ مۇھەببىتى(Tipping the Velvet)»، «سۈكۈتتىكى گۇۋاھچى (Silent Witness)» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا يانداش رول ئالغان. شۇ يىلى يەنە «رومىيو بىلەن جۇلىيا (Romeo and Juliet)»، «يېقىملىق ئۇرۇش»،«خۇشاللىققا جۆر بولماق» ناملىق داراممىلارغا قاتناشقان.

2003-يىلى «40ياشتىكى ئەر»، «كامبىرىجلىق جاسۇس (Cambridge Spies)»، «ئەرۋاھلار» ناملىق فىلىملەردە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا ۋە «ئاسىي ۋەقەھرىمان(To Kill a King)» ناملىق كىنودا رولغا قاتناشقان.

2004-يىلى داڭلىق فىزىكاشۇناس سىتىفىن خاۋكىڭنىڭ ھاياتى تەسۋىرلىنىپ ئىشلەنگەن فىلىم «خاۋكىڭ (Hawking)» ناملىق فىلىمدە خاۋكىڭنىڭ رولىغا چىققان ۋە «دانكىركتىن چېكىنىش» فىلىمىگە قاتناشقان.

2005-يىلى «دۇنيانىڭ ئۇ چېتى» ناملىق مىكرو تىياتىرغا، «ناسان بېرلى»، «ئۇشتۇمتۇت خەۋەر (Broken News)» قاتارلىق فىلىملەرگە قاتناشقان.

2006-يىلى « قالتىس ئىلتىپات (Amazing Grace)»، «مۇھەببەتنومۇرى» قاتارلىق فىلىملەرگە قاتناشقان.

2007-يىلى «بۆلۈنمەسلىك (Inseparable)» ناملىق قىسقا فىلىمگە، ھەقىقىي ۋەقەلىككە ئاساسەن ئىشلەنگەن فىلىم «ستۇرت : تۇرمۇشنىڭ چېكىنشى (Stuart: A Life Backwards)» گە قاتنىشىدۇ.

2008-يىلى «ئاخىرقى دۈشمەن» ناملىق كومىدىيەگە ۋە «بولىن ئىسىملىك قىز»، «ساتىرىك چۆچەكلەر» قاتارلىق فىلىملەرگە قاتناشقان

2009-يىلى «ئۈچىنچى يۇلتۇز(Third Star)»، «يارىتىش»قاتارلىق فىلىملەرگە ۋە «كىچىك ئارال» ناملىق تېلېۋىيە تىياتىرىغا  قاتناشقان. ئۇنىڭدىن سىرت، BBC نىڭ «تىنىچ ئوكيان (2009  South Pacific)» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمىگە ياندىن چۈشەندۈرگۈچى بولغان.

2010-يىلى «شېرلوك (Sherlock)» فىلىمىدە شېرلوك ھولمىسنىڭ رولىغا چىققان ۋە «تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ 20 ھولمىس» نىڭ ئىچىدە تۇنجى ئورۇنغا تىزىلغان ۋە دىجىتال سىپاينىڭ ئوقۇرمەنلىرى تاللاپ چىققان «ئەڭ ياخشى ھولمىس» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى يەنە «ۋانگوك : رەسىمدىكى سۆزلەر»فىلمىدە ۋىنسىنت ۋانگوكنىڭ رولىغا چىققان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە «تۆت شىر»،«ئاشكارىلىغۇچى»، «ئۈچىنچى شەخىس» قاتارلىق فىلىملىرىمۇ بار. ئۇ يەنە باشقاشقانىلىنىڭ «خاۋكىڭ بىلەن بىرگە ئالەمنى چۈشىنەيلى (Into the Universe with Stephen Hawking)» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە ياندىن چۈشەندۈرگۈچى ۋە ئاۋاز ئارتىسى بولغان.

2011-يىلى ئۇ «فرانكستېيىن(National Theatre Live: Frankenstein)» ناملىق سەھنە تىياتىرىغا قاتناشقان. شۇ يىلى يەنە «جەڭ ئېتى»، «قازانچى، تىككۈچى، ئەسكەر، جاسۇس (Tinker,Tailor,Soldier,Spy)» قاتارلىق فىلىملەرگە قاتناشقان.

2012-يىلى «شېرلوك» فىلىمىدە داۋاملىق چىققاندىن سىرت يەنە «سەييارىلەرگە سەپەر: زۇلمەتكە كىرىش (Star Trek Into Darkness)» فىلىمىگە قاتنىشىدۇ. شۇ يىلى يەنە «خوبىتلار : كۈتۈلمىگەن سەپەر (The Hobbit: An Unexpected Journey)» فىلىمدە سىماگقا ۋە پېرىخونلارغا ئاۋاز بېرىدۇ ۋە ھەرىكەت تەقلىدى قىلىپ بېرىدۇ. ئۇ يەنە BBC بىلەن HBO بىرلىشىپ ئىشلىگەن «سەپنىڭ ئاخىرى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا قاتنىشىدۇ.

2013-يىلى ئۇنىڭ «12 يىللىق قۇللۇق (12 Years a Slave)»،«خوبىتلار : دەشتى سىماگ (The Hobbit: The Desolation of Smaug)»، «ئاۋغۇست : ئوسىج دۆلىتى(August: Osage County)» «بەشىنچى قاتلام» قاتارلىق فىلىملىرى ئېلان قىلىندى. ئۇ يەنە دوستى بىلەن SunnyMarch فىلىم ئىشلەش شىركىتىنى قۇرۇپ، تۇنجى قىسقا فىلىمى «كىچىككىنە ياخشىلىق» نى ئېلان قىلغان ۋە iTunes قىسقا فىلىم سېتىلىش تەرتىپىدە ئەڭ ئۈستۈنكى ئورۇندا تۇرغان.

2014-يىلى بېنىدىكتنىڭ «تەقلىد ئويۇنى (The Imitation Game)» ناملىق فىلىمى بىلەن ئاۋاز بەرگەن فىلىمى «ماداغاسقاردىكى پىنگىۋىنلار»، «خوبىتلار: بەش قوشۇن جېڭى» قاتارلىقلار ئېلان قىلىندى. شۇ يىلى ئۇ قاتناشقان فىلىم «ئون ئىككى يىللىق قۇللۇق» فىلىمى ئوسكار مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. «تەقلىد ئويۇنى» فىلىمى سەۋەبلىك ئوسكار مۇكاپاتى، ئالتۇن شار مۇكاپاتى، ئەنگىلىيەكىنو ئىنىستىتۇتى مۇكاپاتى قاتارلىق كۆپلىگەن مۇكاپاتلارنىڭ ئەر باش رولچى نامزاتلىقىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ «شېرلوك» فىلىمىنىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمى 9 مىليون 200 مىڭ كىشىلىك كۆرۈلۈش نىسبىتى ياراتتى.

2015-يىلى ئۇنىڭ «خامىلىت» ۋە «قارامىسسا» ناملىق فىلىملىرىمۇ ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. 2016-يىلى«شېرلوك» فىلىمىنىڭ ئالاھىدە پىلاستىنكىسى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى تارقىتىلدى. 4-ئايدا«شېرلوك»نىڭ 4-بۆلۈمى سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىنىپ 2017-يىلى بىرىنچى ئايدا قويۇلدى. 5-ئايدا ئۇ رول ئالغان «مۇئەللەق شاھى تاجى : ئەتىرگۈل ئۇرۇشى» فىلىمى قويۇلدى. 11-ئايدا مارۋېل فىلىمى «غەلىتە دوكتور(Doctor Strange)» قويۇلدى. 12-ئايدا ئۇ قاتناشقان «ئېلىكتىر ئۇرۇشى (The Current War)» فىلىمى سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلانغان بولۇپ، بېنىدىكت بۇ فىلىمدە ئېلىكتىر ئاتىسى ئېدىسوننىڭ رولىغا چىقىدۇ.

ئۇنىڭ بىز بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغان كېيىنكى فىلىملىرىدىن «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3 : چەكسىز ئۇرۇش» ۋە «چاقماق ئىلاھى 3» قاتارلىق فىلىملەر  بار

ئۇنىڭ يەنە كۆپلىگەن ساخاۋەت پائالىيەتلىرىگىمۇ قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئەنگلىيەنىڭ «شاھزادە ھاۋالە فوندى» نىڭ ئەلچىسى. ئۇ يەنە ئۆسمۈر راك بىمارلىرى ئۈمىدى ۋە «Myeloma UK»نىڭ ئالاھىدە قوللىغۇچىسى بولۇپ كۆپلىگەن خەير-ساخاۋەت پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئىئانە قىلىش  ۋە مەبلەغ توپلاش ئىشلىرىنى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

2003-يىلى ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقىغا كىرىپ ئىراق ئۇرۇشىغا قارشى تۇرغان.

2010-يىلى بېنېدىكت «بالىلاردىكى مونولوگ» تېمىسىدا ساخاۋەت لېكسىيەسىگە قاتنىشىپ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى نامرات بالىلارغا ئىئانە توپلىغان. شۇ يىلى يەنە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋېستمىنستېردا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سەنئەت چىقىمىنى ئازايتىش قارشى ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى.

2012- يىلى لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن بىر تەشۋىقات فىلىمى سۈرەتكە ئالغان، بۇ قىسقا فىلىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن قويۇلدى. چارلىز شاھزادە فوندى جەمئىيىتى ئوبراز ئەلچىلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ ، ئەنگىلىيەلىك مېيىپ ياش-ئۆسمۈرلەرگە 20 مىڭ فوندسىتىرلىڭ مەبلەغ يىغقان.

2015-يىلى 8-ئايدىن 11-ئايغىچە بېنىدىكت سەھنە تىياتىرى «خاملېت» نىڭ ھەر بىر مەيدان ئويۇنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن نەق مەيداندىكى ئاممىدىن سۈرىيە مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن خەير-ساخاۋەت ئورۇنلىرىغا پۇل ئىئانە قىلىشنى مۇراجەت قىلىپ، جەمئىي 150 مىڭ فوندستېرلىڭ ئىئانە توپلىدى. 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، پادىشاھ ئېلزابىتنىڭ ، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابىت ئىككىنچى ئۇنىڭغا بۈيۈك ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسى قوماندانى (CBE)ئوردېنى بېرىپ، ئۇنىڭ ئويۇن قويۇش ئىشلىرى ۋە خەير-ساخاۋەت ساھەسىدىكى تۆھپىلىرىنى تەقدىرلىدى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#