شاپتۇل دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. شاپتۇل (مېۋە)
  2. شاپتۇل (خام دورا)
مېۋە
شاپتۇل

جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال ئېگىزلىكى شاپتۇلنىڭ يۇرتى بولۇپ، ئاز دېگەندىمۇ 3000 يىلدىن ئارتۇق ئۆستۈرۈش تارىخىغا ئىگە. شاپتۇل خەلق ئىچىدە ئەزەلدىنلا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەشنىڭ سىمۋولى قىلىنغان. كىچىكلەر ھەر نۆۋەت چوڭلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەندە، دائىم ئۆمۈر تىلەش شاپتۇلىنى سوۋغا قىلىدۇ. كونىنى ئۇزىتىپ يېڭىنى كۈتۈۋالىدىغان چاغان بايرىمىدا، ئۆي-ئۆيلەردە شاپتۇلغا ئوخشىتىلغان باھار بايرىمى مەسنەۋىسى ئېسىپ، تىنچ-ئامانلىقنى تىلەيدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى شاپتۇل
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئەتىگۈل ئائىلىسى
خەنزۇچە ئىسمى
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى ئەتىرگۈل تۈركۈمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شاپتۇل ( Amygdalus Persica L ) ئەتىرگۈل ئائىلىسى ( Rosaceae ) ئالوچا ئۇرۇقدىشى ( Prunus L ) غا تەۋە مېۋىلىك دەرەخ ، خەلىقىمىز ئۇزاقتىن بۇيان ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىپ كېلىۋاتقان مېۋىلەرنىڭ بىرى . ئۇنىڭ سىرىتقى كۆرۇنىشى كۆركەم ، سۇلۇق شىرنىلىك ، تەملىك بولغاچقا ، كىشىلەر تەرىپىدىن «ئەۋلىيا مېۋىسى » ، « ئۆمۈر ئۇزارتقۇچى مېۋە » دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە . 

شاپتۇلنىڭ رەسىملىرىشاپتۇل ئەتىرگۈل ئائىلىسىگە كىرىدىغان، يوپۇرماق تاشلايدىغان كىچىك دەرەخ. گۈلى يالغۇز ئۆسىدۇ، كۆپلىرىنىڭ رەڭگى ھال رەڭ بولىدۇ. توق قىزىل، قىپقىزىل، ئاپئاق ۋە ئاق-قىزىل ئارىلاش كەلگەن قاتارلىق رەڭلەردىكى ئۆزگەرگەن سورتلىرىمۇ بار. مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدىغان شاپتۇل، مەسىلەن، قات تاجلىق شاپتۇلگۈلدىن باشقا شاپتۇل دەرەخلىرى ئومۇمەن ئۆز گۈلىدىن چاڭلىشىپ ئۈچكىلىك مېۋە تۇتىدۇ. مېۋىلەش نىسبىتى %80 − %90 كە يېتىدۇ.

شاپتۇلنىڭ پۈتۈن دۇنيادا 3000 دىن ئارتۇق سورتى، مەملىكىتىمىزدە 800 دىن ئارتۇق سورتى بار، ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى سورتلىرىنىڭ پىششىش مەزگىلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، مەملىكىتىمىزدە ھەر يىلى ئاپرېلدىن باشلاپ ھەر ئايدا يېڭى شاپتۇللار بازارغا سېلىنىدۇ.

مېۋىسى ئەڭ يوغانلىرى شەندۇڭنىڭ «فېيچىڭ فوتاۋ» شاپتۇلى ۋە «شېنجۇ شۈي مىتاۋ» شاپتۇلى بولۇپ، چوڭلىرى 500 گرامدىن ئاشىدۇ. رىۋايەتلەردىكى «سېھىرلىك شاپتۇل» − سېرىق شاپتۇل ھازىر سېرىق گۆشلۈك شاپتۇل دەپ ئاتىلىدۇ، غەربىي جەنۇب، غەربىي شىمال رايونلىرىدا ناھايىتى كەڭ ئۆستۈرۈلىدۇ، كونسېرۋالىق يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەشكە باب كېلىدۇ.

مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدىغان گۈللۈك شاپتۇللار ئىچىدە قات تاجلىق شاپتۇلگۈل ئەڭ ئېسىل سورتى ھېسابلىنىدۇ. قات تاجلىق شاپتۇلگۈللەر ئىچىدە يەنە قىزىل گۈللۈك(قىپقىزىل گۈللۈك) قات تاجلىق شاپتۇلگۈل ۋە چوڭ گۈللۈك قات تاجلىق شاپتۇلگۈل دەرەخلىرى ئەڭ كۆركەم ھېسابلىنىدۇ. يەنە پاكار ئۆسىدىغان، تەشتەكلەردە ئۆستۈرۈلىدىغان «ئۆمۈر چولپىنى شاپتۇلى» ، رىۋايەتلەردە تىلغا ئېلىنىدىغان «پەرىزات شاپتۇلى» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدىغان ئاتاقلىق سورتلىرىدۇر.

شاپتۇل دەرىخى قۇرغاقچىلىققا ئەڭ چىداملىق بولۇپ ، سۇنى كەمرەك خالايدۇ . مېۋىسى كاۋاكشىغان مەزگىلدە كۆپىرەك سۇغىرىپ تۇرسا مېۋە سۈپىتى ياخشى بولىدۇ . شاپتۇل دەرىخى ئانچە يەر تاللىمايدۇ . ھەرخىل تۇپىراقتا ئۆسىۋىرىدۇ . ياخشى پەرۋىش قىلىنسا 20 -25 يىلغىچە ياشايدۇ ، كۆچىتى 3 - 4 يىلدا مېۋىگە كىرىدۇ .

شاپتۇل بالدۇر پىشىدىغان مېۋىگە كىرىدۇ ، مېۋىسىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى سورتلارنىڭ خاسلىقىغا ئاساسەن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ، 80 -90 كۈن داۋاملىشىدۇ.

شاپتۇل ئىسسىق رايۇنلاردا قىشتا كۆمۈلمەيدۇ ، قاتتىق سوغۇق بولىدىغان رايۇنلاردا چوقۇم قىشتا كۆمۈپ ، پەرۋىشنى كۈچەيتىش ، كۆمۈشكە ئاسان بولۇش ئۈچۈن يەر بېغىرلىتىپ ئۆستۈرۈش كېرەك . 

 ئېسىل شاپتۇل مېۋىلىرى قاتاردىكى جېجياڭ فىڭخۇا رايونىنىڭ «يۈلۇتاۋ» شاپتۇلىنىڭ تەمى تاتلىق، خۇشبۇي پۇرىقى ئۆتكۈر، سۈپىتى ناھايىتى ياخشى، شىنجاڭدىمۇ ئەششاپتۇل، ياما شاپتۇل، توقاچ شاپتۇل قاتارلىق داڭلىق سورتلىرى بار بولۇپ، ناھايىتى سۇلۇق ھەم مەززىلىك. شاپتۇل مېۋىنىڭ بەزىللىرى ئۇرۇقىدىن ئاجرايدۇ ، بەزىلىرى ئاجرىمايدۇ ، تاتلىق مېغىزلىق ئايرىم سورتلىرىمۇ بار . 

چىلگە شاپتۇل

چىلگە شاپتۇلئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ، بولۇپمۇ قەشقەر رايۇنىدا كۆپلەپ ئۆستۈرۈلىدۇ . مېۋىسى يۇمىلاق ، يەككە ئېغىرلىقى 24.5 گرام ، تۇمشۇقى ئۇچلۇقراق ، رەڭگى قىزىل ، قىسقا - قىسقا سىزىقچىلار تۇمشۇقىغا قارپ سوزۇلغان ، پىشقاندا سېرىق رەڭگە ئايلىنىدۇ ؛ شۆپىكى ئاسان سويۇلىدۇ ، مېۋە ئېتى ئۇرۇقچىسىغا يىپىشىپ تۇرىدۇ ، پىشقاندا ئۇرۇقچىسىدىن ئايرىلىدۇ ؛ ئېتى كۆكۆچ ، يۇمشاق ، سۇلۇق ، دەسلەپتە چۈچۈمەل تاتلىق ، پىشقاندا تاتلىق بولىدۇ ؛ شىرنىلىك خۇشبۇي پۇرىقى بار . قەنىت مىقدارى % 16.5 ئەتراپىدا ، سۈپىتى ياخشى ، بۇ سورت 6 - ئاينىڭ ئاخىرى ، 7 - ئاينىڭ باشلىرىدا پىشىدۇ ، مېۋىسى ئاسان تۆكۈلمەيدۇ ، ئۇرۇقى ئاچچىق . 

مىياڭسال شاپتۇل

مىياڭسال شاپتۇلخوتەن رايۇنىدا كۆپرەك ئۆستۈرۈلىدۇ . بۇ خىل شاپتۇل پىشىش ۋاقتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ، چىلگە ، جاغدا ، كەنجى سورت دەپ ئايرىلىدۇ . مېۋىسى يۇمىلاق ، ئۇچى ئۇچلۇق ، يەككە ئېغىرلىقى 175 گرام ، مېۋىسنىڭ يارما سىزىقچىسى ئېنىق ، ساپاق تەرىپى ئويمان ھالەتتە ، مېۋە پوستى تېگى رەڭگى ئاق يىشىل ، تۈكچىلرى ئاز ھەم قىسقا ، شۆپىكى ئاسان سويۇلىدۇ . مېۋە ئېتى ئاق يىشىل ، ئۇرۇقچىسىغا يىقىن قىسمى قىزىل ، شىرنىلىك ، چىڭ ، قەنىت مىقدارى % 14.5 ، ئېتى ئۇرۇقچىسىدىن ئايرىلغان . ئۇرۇقچىسى تۇخۇم شەكىللىك ، يۈزىدە داغ ئىزلىرى بولىدۇ ، مېغىز ئېغىرلىقى 0.8 گرام ، ئاچچىق . 

كۆك مىياڭسال شاپتۇل

كۆك مىياڭسال شاپتۇلئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ئاقسۇ ، خوتەن رايۇنلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ . مېۋە شەكلى يۇمىلاق ياكى ئېللىپىسمان ، يەككە ئېغىرلىقى 150 گرام ، يارما سىزىقچىسى روشەن ، تۇمشۇقى سەل تومپىيىپ چىققان ، ساپاق ئورنى تىيىز ، كەڭرەك ، مېۋە پوستى رەڭگى سېرىق ، كۈن نۇرى تەگكەن تەرىپى قىزىل ، تۈكچىلىرى كۆپ ، ئېتى ئاق سېرىق ، شىرنىلىك ، ئازراق چۈرۈك ، تالاسى ئاز ، تاتلىق ، قەنىت مىقدارى % 15 . سۈپىتى ئوتتۇراھال ، 10 - ئاينىڭ باشلىرى پىشىدۇ . ئېتى ئۈچكىسىگە يىپىشىپ تۇرىدۇ . ئۈچكىسى ئېللىپىسىمان ، مېغىز ئېغىرلىقى 0.5 گرام ، ئاچچىق .

سېرىق شاپتۇل

سېرىق شاپتۇلقەشقەر ،قاغىلىق ،گۇما ، خوتەن ناھىيىسى ، كېرىيە ، چەرچەن ، پىچان قاتارلىق رايۇنلاردا ئۆستۈرۈلىدۇ . 

مېۋىسى يۇمىلاق ، كىچىك ، يەككە مېۋە ئېغىرلىقى 36 گرام ، يارما سىزىقچىسى ئېنىق ئەمەس ، تۇمشۇقى تەرەپ ئويۇقى تېيىز ، ساپاق تەرەپ ئويۇقى چوڭقۇر ، رەڭگى سۇس سېرىق ، تۈكچىلىرى كۆپ ، قىسقا، شۆپىكى نېپىز ، ئاسان ئاجرايدۇ ، ئېتى سۇس سېرىق ، ئۇرۇقچىىسىغا يىقىن قىسمى قىزىل ، شىرنىسى كۆپ ، تەملىك ، قەنىت مىقدارى % 21 ، سۈپىتى ياخشى ، 7 - ئاينىڭ باشلىرىدا پىشىدۇ . ئۇرۇق ئېغىرلىقى 0.5 گرام ، تەمى ئاچچىق ، دەرىخىنىڭ ئۆسۈشى ئوتتۇراھال . 

كۆك ئەششاپتۇل

كۆك ئەششاپتۇلكۇچار ، قەشقەر ، يەكەن ، خوتەن رايۇنلىرىدا كۆپرەك ئۆستۈرۈلىدۇ . مېۋە شەكلى يۇمىلاق ياكى ئېللىپىسسىمان ، يەككە مېۋە ئېغىرلىقى 148 گرام ، ساپاق تەرىپى ئىچىگە سەل پاتقان ، تۇمشۇقىدا ئىنچىكە كىندىكى بار ، سىرتى يىشىل ، شۆپىكى ئوتتۇرا ھال قېلىن ، تۈكچىلىرى كۆپ ، قىسقا ، شۆپىكى ئاسان ئاجرايدۇ ، ئېتى ئاق يېشىل ، شىرنىلىك ، سۇلۇق ، تەمى تاتلىق ، قەنىت مىقدارى % 15.5 ، سۈپىتى ياخشى ، بۇ سورت 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى پىشىدۇ . ئېتى ئۈچكىسىدىن ئايرىلمايدۇ . مېغىزىنىڭ ئېغىرلىقى 0.5 گرام ، تەمى ئاچچىق ، دەرىخىنىڭ ئۆسۈشى ئوتتۇراھال . 

تاش شاپتۇل

تاش شاپتۇلئۈرۈمچى ، سانجى قاتارلىق رايۇنلاردا كۆپرەك ئۆستۈرۈلىدۇ . مېۋىسىنىڭ شەكلى يۇمىلاق ، ئوتتۇراھال چوڭلۇقتا ، ساپاق تەرىپىنىڭ ئايرىم جايلىرى قىزغۇچ ھالەتتە ، يارمىسى ساپىقىدىن تۇمشۇقىغىچە سوزۇلغان ، تۇمشۇق تەرىپى ئۇچلۇق ، شۆپىكى ئېتىدىن ئاجرىمايدۇ . ئېتىنىڭ ساپاق تەرىپى قىزغۇچ جىگەر رەڭ ، باشقا جايلىرى ئاق يېشىل رەڭدە بولىدۇ . ئېتى قاتتىق ، بۇ سورت 9 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى پىشىدۇ ، ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاپ يىيشكە بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، يارما قاق شاپتۇل ، مىسىر شاپتۇلى ، سېرىق شاپتۇل ، قارا توغاچ ، سېرىق توغاچ ، چوڭ قىزىل بۇرۇن ، ئاق ئەنجۇر شاپتۇل قاتارلىق 120 خىلدىن ئارتۇق شاپتۇل سورتلىرى بار .[0]

شاپتۇلنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى مول بولۇپ ، 100 گرام شاپتۇل ئېتى تەركىبىدە 7 - 15 تال قەنىت ، 1.2 - 0.9 گرام ئورگانىك كىسلاتا ، 0.4 -0.8 گرام ئاقسىل ، 0.5 گرام ياغ ، 10.7 گرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ، 3 - 6 مىللىگىرام ۋىتامىن C، ۋىتامىن B1 0.01 مىللىگىرام . 0.02 مىللىگىرام ۋىتامىن B2 ، 0.7 مىللىگىرام نىكوتىن كىسلاتا ، 0.06 مىللىگرام كاروتىن ، 8 مىللىگىرام كالىتسى ، 20 مىللىگىرام فوسفۇر ، 12 مىللىگىرام تۆمۈر بولىدۇ ، شاپتۇل مېۋىسىنى ھۆل پىتى ئىستىمال قىلغاندىن تاشقىرى ، ۋارىنا ، مۇراببا ياساشقىمۇ ، شاپتۇل قىقى قۇرۇتۇشقىمۇ ، شاپتۇل شەربىتى ياساشقىمۇ بولىدۇ . شاپتۇل دەرىخى كۆركەم ، يوپۇرماقلىرى باراقسان ، چېچىكى چىرايلىق بولۇپ ، ھويلا- ئارامنى گۈزەللەشتۇرۇشكە بولىدۇ . ئۇنىڭ غولى قاسرىقى ، يوپۇرمىقى ، چېچىكى ، مېۋىسى ، مېغىزى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دورىغا قوشۇلىدۇ . 

شاپتۇل تىبابەتتە ئىسسىق ئۆتۈپ قىلىش ، قاننى تازلاش ، قاننى سۇيۇلدۇرۇش ، ئۈچەينى سىلىقلاش ، يەل ھەيدەش قەۋزىيەتنى داۋالاشتا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ .

«شەرقىي دېڭىز مۇقەددەس دەرىخى» دەپ ئاتالغان ئەنجۈر شاپتۇل ئاساسلىقى جياڭسۇ، جېجياڭ ئەتراپلىرىغا تارالغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#