ئاۋىئاتسىيە مودېلى تەنھەرىكىتى

ئاۋىئاتسىيە مودىل تەنھەرىكىتى

ئاۋىئاتسىيە مودېلى تەنھەرىكىتى ئۇچۇشقا قويۇپ بېرىدىغان، ئۆزى ياسىغان مودېل ئايروپىلاننى باشقۇرۇپ مەشىق مۇسابىقىسى ئېلىپ بارىدىغان ھەم رېكورت يارىتىپ ئۇچۇرىدىغان بىر تۈرلۈك تەنھەرىكەتتۇر. ئامېرىكا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، فرانسىيىلەر بۇ ھەرىكەتنى نىسبەتەن بالدۇر قانات يايدۇرغان دۆلەتلەردۇر.

ئۇيغۇرچە نامى ئاۋىئاتسىيە مودېلى تەنھەرىكىتى
خەنزۇچە نامى 航空模型运动

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاۋىئاتسىيە مودىلىبۇ خىل تەنھەرىكەتكە قاتنىشىشقا بەلگىلەنگەن ئاۋىئاتسىيە مودېلىنى چوقۇم تەنھەرىكەتچى ئۆزى ياسىغان ۋە قۇراشتۇرغان بولۇشى كېرەك. شۇڭا، بىر مۇنەۋۋەر ئاۋىئاتسىيە مودېلى تەنھەرىكەتچىسى بولۇش ئۈچۈن، پەللىگە يەتكەن ئاۋىئاتسىيە مودېلىنى ئۇچۇرۇش تېخنىكىسى بولۇشى ھەم چوقۇم بىر ھۈنەر-سەنئەت ئۇستىسى بولۇشى لازىم.

ئاۋىئاتسىيە مودىلى مۇسابىقىسىئاۋىئاتسىيە مودېلى تەنھەرىكىتىنىڭ ئۈچ چوڭ دۇنيا مۇسابىقىسى بار، يەنى دۇنيا ئەركىن ئۇچۇرۇش ئاۋىئاتسىيە مودېلى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى(ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدۇ) ، دۇنيا ئاۋىئاتسىيە مودېلىنى لىنىيىلىك باشقۇرۇش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بىلەن دۇنيا يەككە تۈرلەر ئاۋىئاتسىيە مودېلى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى(يىل ئاتلاپ ئۆتكۈزۈلىدۇ) ، بۇلارنى خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە بىرلەشمىسى ئۆتكۈزىدۇ. ئاۋىئاتسىيە مودېلىنىڭ خەلقئارا دەرىجىلىك مۇسابىقە تۈرلىرىدىن ئەركىن ئۇچۇرۇش تۈرلىرى، لىنىيىلىك باشقۇرۇش تۈرلىرى، رادىئو ئارقىلىق يىراقتىن كونترول قىلىش تۈرلىرى، مودېل پلانېر ۋە راستقا ئوخشىتىش تۈرلىرى بولۇپ، تۆت چوڭ تۈرگە، 30 نەچچە خىلغا ئايرىلىدۇ.

ئاۋىئاتسىيە مودىلى تەنھەرىكىتىئېلىمىز 1956-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى مەملىكەتلىك ئاۋىئاتسىيە مودېلى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. 1983-يىل10-ئايدا ئاۋسترالىيىنىڭ مېلبورن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن21-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەركىن ئۇچۇرۇش ئاۋىئاتسىيە مودېلى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسىدىن لۈي جىفا، جاڭ ۋېنيى، ۋاڭ گوسەيلەر B1F دەرىجىلىكتە كوللېكتىپ چېمپىيون بولغان. بۇ، ئېلىمىز ماھىرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاۋىئاتسىيە مودېلىدا دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ بۇ تۈردە دۇنيادىكى ئىلغار دۆلەتلەر قاتارىغا ئۆتكەنلىكىنى نامايان قىلغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#