قورغاس بازىرى

قورغاس بازىرى

قورغاس بازىرى شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى قارمىقىدىكى بازار.

ئۇيغۇرچە نامى قورغاس بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 240 كۋادرات كىلومېتىر
پىنيىنچە يېزىلىشى jīn gōu hé zhèn
خەنزۇچە ئاتىلىشى 金沟河镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ
تەۋە رايون تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى
نوپۇسى 14840 دىن ئارتۇق ئادەم
ماشىنا كودى 新G

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قورغاس بازىرىقورغاس بازىرى تەڭرىتاغ نىڭ شىمالىي ئېتىكىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە، ساۋەن ناھىيەسى بازىرىنىڭ شەرقىگە بەش كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. ساۋەن ناھىيەسى نىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى بازار، قورغاس دەرياسى بويىدىكى يەلپۈگۈچسىمان تىنما تۈزلەڭلىك، «312» دۆلەت يولى، شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى، ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بازارنىڭ چېگرىسىدىن كېسىپ ئۆتكەن. قۇملۇق تاشيولى جەنۇبىدىن شىمالىغا كېسىپ ئۆتكەن.

شەرقىي بىلەن شىخەنزە شەھىرى نىڭ ئارىلىقى 200 كىلومېتىر، غەربىي بىلەن  كۈيتۈن، مايتاغ، ئۈرۈمچى «ئالتۇن ئۈچبۇرجەك»نىڭ ئارلىقى 70 كىلومېتىر. قورغاس بازىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 240 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 5533.33 گېكتار.

قورغاس بازىرىقورغاس بازىرى قارمىقىدا: سۇڭشېڭگۇڭ كەنتى، قورغاس كەنتى، نەن ۋۇگۇڭ كەنتى، ئەرداۋان كەنتى، شىڭفېن كەنتى، جەنۇبىي تۇداۋخوزا كەنتى، دۇڭگېبىي كەنتى، ساۋجياپۇ كەنتى، چۇەنشۇيگۇ كەنتى، ساخوزا كەنتى، شىمالىي تۇدوخوزا كەنتى، سەنداۋان كەنتى، خۇڭگۇ كەنتى، نەنگەنچۈي كەنتى، لىيۇۋشۇگوۋ كەنتى قاتارلىق 15 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.

قورغاس بازىرىقورغاس بازىرىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 14840 دىن ئارتۇق ئادەم، خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇر، خۇيزۇ قاتارلىق 10 مىللەتتىن تەركىب تاپقان. بۇنىڭ ئىچىدە : شەھەر-بازار نوپۇسى 800 ئادەم، يېزا نوپۇسى 13917 ئادەم، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 5690 ئادەم. نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ‰10.09، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ‰22.9.

2006-يىلى، قورغاس بازارلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت ئاپتونوم رايون، يەرلىك، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك پارتكوم كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناھىيەلىك پارتكوم بويىچە، ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە كونكرېت تەلىپى بويىنچە، چارۋىچىلىق ۋە 2-، 3-كەسىپلەرنى زورايتىپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك سانائەتنى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن بازار خىزمىتىدە، پائال يۇقىرى ئۆرلەش ۋەزىيىتى بارلىققا كىلىپ، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقى ئاساستا ھەممىسى بىر قەدەر تېز ئاشقان.

قورغاس بازىرى2006-يىلى، سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 4 مىليارد يۈەنگە يەتكەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 6635 يۈەن بولغان، 2006-يىلى، بازار بويىچە تېمىتىپ سۇغىرىشنى يولغا قويغان، كۆلىمى 6 مىڭ موغا يەتكەن. چارۋىچىلىق قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، سۈتچىلىك پونكىتى قۇرۇلۇشى نۆلدىن باشلاپ، شۇ يىلى يېڭىدىن 11 سۈت پونكىتى قۇرغان، كۈنلۈك يېڭى سۈت يىغىۋېلىش مىقدارى 15 توننا بولغان.

قورغاس بازىرى بويىچە ھەر خىل كەسپىي تېخنىكا خادىمى جەمئىي 227 ئادەم، بىر ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، 2 باشلانغۇچ مەكتەپ بار، ئوقۇغۇچىسى 1728 ئادەم، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 189 ئادەم. زامانىۋى يىراقتىن ئوقۇتۇش تورى 2 مەكتەپتە قۇرۇلغان. قارىمىقىدا بىر شىپاخانا، ئۈچ بازارلىق شىپاخانا، 12 يېزا-كەنت شىپاخانىسى بار، يېزا-كەنت دوختۇرى 11 ئادەم، كەسپىي سەھىيە تېخنىكا خادىمى 32 ئادەم. بازارلىق ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا 9454 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان، قاتنىشىش نىسبىتى %98.41 كە يەتكەن. داۋالاش مۇھىتى، باشقۇرۇش سەۋىيىسى، مۇلازىمەت سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆسكەن.

قورغاس بازىرىيېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش جەھەتتە، 2006-يىلى، يېڭى سېتىۋالغان چوڭ چاقلىق ئات كۈچى تراكتور 29 دانە، يەر تۈزلەش ماشىنىسى 17 دانە، ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى تراكتور 176 دانە، يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنى 45 دانە، چارۋىچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى ئومۇمىي قۇۋۋىتى 2579 كىلوۋاتقا يەتكەن. بىر يىل ئىچىدە 27.8 گېكتار يەردە ئورمان بىنا قىلىنغان. 

2006-يىلى، قورغاس بازىرى ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ناھىيە بويىچە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدا 1-بولغان.

ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈشتە 2-بولغان. يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىدا 1-بولغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#