يۈرەك سېلىش

心悸

يۈرەك سېلىشنى كېسەللەر كۆپىنچە «يۈرەك قوزغىلىش» ، «يۈرەك سىقىلىش» ياكى «يۈرەك قالايمىقان سوقۇش» دېگەن ئىپادىلەر بىلەن تەسۋىرلەيدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا يۈرەك سوقۇش چاستۇتىسى، رېتىمى ياكى يۈرەك قىسقىرىشنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنىڭ ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇيغۇرچە يۈرەك سېلىش
ئىنگىلىزچە palpitation
خەنزۇچە 心悸
تەۋە بۆلۈم ئىچكى بۆلۈم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۈرەك سېلىشنى كېسەللەر كۆپىنچە «يۈرەك قوزغىلىش»، «يۈرەك سىقىلىش» ياكى «يۈرەك قالايمىقان سوقۇش» دېگەن ئىپادىلەر بىلەن تەسۋىرلەيدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا يۈرەك سوقۇش چاستۇتىسى، رېتىمى ياكى يۈرەك قىسقىرىشنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنىڭ ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۈرەك نېرۋا فۇنكىسىيىسى بۇزۇلغان بىر قىسىم كېسەللەر ئۆزلىرىنىڭ نورمال يۈرەك ھەرىكىتىنىمۇ شۇنداق دەپ ھېس قىلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ خىل كېسەللەر ھەمىشە يۈرىكىم سېلىپ كەتتى دەپ دوختۇرغا كۆرۈنىدۇ.

يۈرەك رىتىمىنىڭ تەرتىپسىزلىنىشى

يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ زىيادە تېزلىشىشى ياكى ئاستىلىشى ۋە يۈرەك رىتىمى تەكشى بولماسلىقتەك ئەھۋاللاردا كېسەللەر يۈرىكىنىڭ سالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. يۈرەكنى ئىنچىكىلىك بىلەن تىڭشاپ تەكشۈرۈش ياكى ئېلىكتروكاردىئوگراممىدا تەكشۈرۈشنىڭ يۈرەك رىتىمىنىڭ تەرتىپسىزلىنىشىگە دىئاگنوز قويۇشتا ياردىمى بولىدۇ.

يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ كۈچىيىشى

نورمال كىشىلەر كۈچلۈك ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن دائىم دېگۈدەك يۈرىكىنىڭ سالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بۇنى ھەرىكەت قىلغاندا يۈرەك سىقىپ چىقارغان قان مىقدارىنىڭ ئارتىپ كېتىشى، يۈرەكنىڭ كۈچلۈك سوقۇشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۈرەك نېرۋا فۇنكىسىيىسى بۇزۇلۇش كېسىلى

بۇ خىلدىكى كېسەللەر يۈرەك سېلىشتىن باشقا يەنە باش ئاغرىش، باش قېيىش، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، كۆپ تەرلەش، ئاسانلا چارچاش، نەپەس راۋان بولماسلىق قاتارلىقلاردىن زارلىنىدۇ. بەدەن تەكشۈرگەندە يۈرەك ھەرىكەت قېتىم سانى ئازراق تېزلەشكەندىن باشقا ئەھۋاللار ئاساسەن نورمال بولىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#