ۋيېتنام

ۋيېتنام

ۋيېتنامنىڭ تۇلۇق نامى ۋيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قىسقارتىلىپ ۋېيىتنام دەپ ئاتىلىدۇ. ئاسىيادىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بۇلۇپ، شىمالىي جۇڭگونىڭ گۇاڭشى، يۈننەن بىلەن چېگرالىنىدۇ، غەربى لائوس، كامبودژا بىلەن چېگرىلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ۋيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى ۋيېتنام 越南
پايتەختى خانوي
نوپۇسى 91 مىليون 583 مىڭ (2015-يىلى)
دۆلەت بايرىمى كۈنى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
خەنزۇچە نامى 越南社会主义共和国
قىتئە تەۋەلىكى ئاسىيا قىتئەسى
دۆلەت تىلى ۋيېتنام تىلى
يەر مەيدانى 329 مىڭ 600 كۇۋادىرات كىلومېتىر
پۇلى ۋيېتنام دوڭى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋيېتنامۋيېتنامنىڭ تۇلۇق نامى ۋيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قىسقارتىلىپ ۋېيىتنام دەپ ئاتىلىدۇ . ئاسىيادىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت . شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بۇلۇپ، شىمالىي جۇڭگونىڭ گۇاڭشى ، يۈننەن بىلەن چېگرالىنىدۇ ، غەربى لائوس ، كامبودژا بىلەن چېگرىلىنىدۇ ، دۆلەت زېمىنى ئۇزۇنچاق ھالەتتە، كۆلىمى تەخمىنەن 330 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ ، جەنۇبىي دېڭىز ، دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3260 كىلومېتىردىن كۆپ، جىڭزۇ مىللىتى ئاساسىي گەۋدە قىلغان كۆپ مىللەتلىك بىر پۈتۈن دۆلەت .

2016-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ، ۋيېتنام پايتەختى خانويدا، يېڭىدىن سايلانغان پارلامېنت رەئىسى رۇەنشى جىنيىن يىغىن نەق مەيدانىدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى. ۋىيېتنام 13 - نۆۋەتلىك پارلامېنت 11 - سانلىق يىغىنى 13 - مارت چۈشتىن بۇرۇن پايتەخت خانويدا ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، سايلام رۇەنشى جىنيىن ئۈچۈن دۆلەت مەجلىسىنىڭ رەئىسى ۋە دۆلەتلىك سايلام كومىتېتى رەئىسى بولغان . رۇەنشى جىنيىن ۋېيتنام تۇنجى ئايال پارلامېنت رەئىسى ، شۇنداقلا بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن، ۋيېتنامنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئايال. 

پايتەختى خانوينىڭ ئاھالىسى 4 مىليۇن ، ئۇ ۋيېتنامنىڭ شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، ئۇ شۇنداقلا مەملىكەتتىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر ھېسابلىندۇ. ياز پەسلىدىكى ئوتۇرىچە تېمپىراتىرۇسى 9.28 سېلسىيە گرادۇس، قىس پەسلىدىكى ئوتتۇرىچە تېمتۇراتىيىسى 5.16 سېلسىيە گرادۇس. خانوي ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىلگىرى ۋيېتنام فېئودال خانىدانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان، ئۇنىڭ «مىڭ يىللىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ماكانى» دېگەن نامى بار. 1945 ـ يىلى «ئاۋغۇست ئىنقىلابى» غەلبە قىلغاندىن كېيىن، ۋىيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قىلىپ بېكىتىلگەن. خانوي سۇبتروپىك بەلباغ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە شەھەر بولۇپ، دەل ـ دەرەخلەردىن يىل بويى كۆكىرىپ، گۈل ـ گىياھلار تۆت پەسىل ئېچىلىپ تۇرىدۇ. رەئىس خۇجىمىڭنىڭ قەبرىسى شەھەر مەركىزىدىكى بادىن مەيدانىغا جايلاشقان.

ۋيېتنامۋيېتنام مىلادىيە 968 ـ يىلى فېئوداللىق دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان. 1884 ـ يىلى فرانسىيەنىڭ ھامىلىيىقىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان. 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيەنىڭ ئىشغالىتىدە بولغان. ۋيېتنام خەلقى ئۇرۇنغا سوزۇلغان جاپا ـ مۇشەققەتلىك كۈرەش ئارقىلىق، 1945 ـ يىلى 8 ـ ئايدىكى «ئاۋغۇست ئىنقىلابى» نىڭ غلەبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن 9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى رەئىس خۇجىمىڭ «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»نى ئېلاق قىلىپ، ۋىيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇ يىلى 9 ـ ئايدا فرانسىيە ۋيېتنامغا يەنە بىر قېتىم تاجاۋۇز قىلغان، ۋيېتنام خەلقى ئۇدا توققۇز يىل فرانسىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلغان. 1954 ت يىلى 5 ـ ئايدا ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسىمى ئازاد بولۇپ، جەنۇبىي قىمى يەنىلا فرانسىيەنىڭ باشقۇرىشىدا بولغان، كېيىن جەنۇبىي ئامېرىكا يار ـ يۆلەك بولغان ۋيېتنام ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. 1961 ـ يىلى ۋيېتنام خەلقى رەئىس خۇجىمىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە جەنۇبىنى ئازاد قىلىپ ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرغان. 1973 ـ يىلى 1  ـ ئايدا ۋيېتنام بىلەن ئامېرىكا ئۇرۇش توختىتىپ، تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى پارىژ كېلىشىمىنى ئىمزالىغان، شۇ يىلى 3 ـ ئايدا ئامېرىكا ئارمىيىسى ۋيېتنامنىڭ جەنۇبىدىن چېكىنگەن. 1975 ـ يىلى 5 ـ ئايدا ۋيېتنامنىڭ جەنۇبى پۈتۈنلەي ئازاد بولۇپ، ئامېرىكىغا كۈرىش غەلبىە بىلەن ئاياغلاشقان. 1976 ـ يىلى 7  ـ ئايدا ۋيېتنامنىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالى بىرلىككە كېلىپ ، دۆلەت نامى ۋيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قىلىپ بېكىتىلگەن.

ۋيېتنامۋېيتنامنىڭ(Socialist Republic of Vietnam) يەر كۆلىمى 329 مىڭ 500 كىۋادرات كىلومېتىر. ئۇ ھىدىچىنى يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان. شىمالدا جۇڭگو، غەربتە لائوس ۋە كامبودژا بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرق ۋە جەنۇبتا جەنۇبىي دېڭىز بىلەن چېگرالىنىدۇ، دېڭىز قىرغىقى لىنىيەيسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3 مىڭ 260 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. يەر شەكلى جەنۇبتىن شىمالغا  بولغان يۆلىنىشتە ئۇزۇن، شەرقتىن غەربكە بولغان يۆلىنىشتە ئۇزۇن، شەرقتىن غەربكە بولغان يۆلىنىشتە تار بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئەڭ ئۇزۇن يېرى 1 مىڭ 600 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئەڭ تار يېرى 50 كىلومېتىر كېلىدۇ. غەربىي ئېگىز، شەرقىي پەس، پۈتكۈل زېمىنىنىڭ قىسمى تاغلىق ۋە ئېگىزلىك بىلەن قاپلانغان. ئوتتۇرا قىسىمىدىكى ترۇۋڭ سون تاغ تىزمىلىرى جەنۇب بىلەن شىمالنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. شىمالدىكى قىزىل دەرياسى بىلەن جەنۇبتىكىمىكون دەرياسى ئاساسلىق دەريا ھېسابلىنىدۇ. پۈتكۈل مەملىكەتنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش كۆلىمى 98 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر. ۋيېتنام شىمالىي تروپىك سىزىقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، تىروپىك بەلباغ مۇسسۇن ئىقلىمىغا تەۋە. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىيىسى 24 سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا، يىللىق ھۆل ـ يېغىن مىقدارى 2000 ـ 1500 مىللىمېتىر. شىمالدا ئەتىياز، ياز كۈز ، قىشتىن ئېبارەت تۆت خىل پەسىل بولىدۇ. جەنۇبتا يامغۇرلۇق پەسىل ۋە قۇرغاق پەسىل بولىدۇ، كۆپ قىسىم رايونلاردا 5 ـ ئايدىن 10 ـ ئايغىچە يامغۇرلۇق پەسىل 11 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە قۇرغاق پەسىل بولىدۇ. 

ۋيېتنامۋيېتنام 54 مىللەتتىن تەركىب تاپقان كۆپ مىللەتلىك بىر دۆلەت، 2010-يىلى 9-ئايدىكى ئاھالىسى 91 مىليۇن 583 مىڭ. ۋيېتنامدا جىڭزۇ(ۋېت) مىللىتى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئومۇمى ئاھالىنىڭ تەخمىنەن %86.2 نى ئىگىلەيدۇ، %2نى جۇاڭزۇلار، %2 نى تايلاندلىقلار، %1.5 نى كىىمىرلار(كامبودژالىقلار) ئىگەللەيدۇ.  جەنۇبى ئاسىيا تىللىرى سېستىمىسى مون-كىىمىر تىللىرى ئائىلىسى ۋيېتنام تىل تۈركۈمىگە تەۋە ۋيېتنام تىلى ئورتاق قوللىنىلىدۇ. ئاھالىنىڭ %80 دىنسىز، %9 بۇددا دىنىغا، %7 كاتولىك دىنىغا، %1 ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. 

ۋيېتنامنىڭ پۇلى دوڭ. 2005-يىلى 15 مىڭ 746 دوڭ = بىر دوللار، 2007-يىلى 16 مىڭ 199 دوڭ  = بىر دوللار، 2009-يىلى 17مىڭ 74 دوڭ = بىر دوللار.

دۆلەت بايرىقى 

دۆلەت بايرىقى ئالتۇن رەڭلىك قىزىل بايراق ،قىزىل بايراقنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بەش بۇرجەكلىك ئالتۇن يۇلتۇز بار ، قىزىل رەك ئىنقىلاب ۋە غەلىبىنىڭ سىمۋولى . ئالتۇن يۇلتۇز ۋىيېتنام ئەمگەك پارتىيەسىگە ۋەكىللىل قىلىدۇ . ئالتۇن يۇلتۇزنىڭ بەش بۇرجىكى ئايرىم -ئايرىم ھالدا ئىشچى ، دېھقان . ئەسكەر ، زىيالى ۋە ياشلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ .

دۆلەت گېربى 

دۆلەت گېربى يۇمىلاق شەكىللىك گېرب بولۇپ ، ئەتراپى ئىككى دەستە ئالتۇن رەڭلىك شال باشاقلىرى بىلەن بېرەلگەن . ئۇ يېزا ئىگىلىكىنىڭ سىمۋولى . ئۇنىڭ ئاستىدىكى چىشلىق چاق سانائەتنىڭ سىمۋولى . چىشلىق چاقنىڭ ئاستىغا قىزىل ھەل بىلەن ۋىيتنام يېزىقىدا : ‹‹ۋىيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى ›› دېگەن خەت بېزەلگەن .[0]




ۋيېتنامۋيېتنام دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققى قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئۇزۇن مەزگىل رۇسىيە باشچىلىقىدىكى سوتسىيالىزىم لاگىرىدا تۇرغانلىقتىن دۆلەتنىڭ رىقابەتكە قارشى تۇرۇش ئىقتىدار تۆۋەنلەپ كەتكەن. 200-يىللاردىن كېيىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئىلتىماس قىلغان ۋە 2007-يىلى رەسمى ئەزا بولۇپ كىرگەن. ۋيېتنامنىڭ   كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 500 دوللارغىمۇ يەتمەيدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتە %25 ئورمانچىلىق ۋە گۈرۈچ شېكەر قومۇشىنى ئاساس قىلغان دېھقانچىلىق ۋە %21 نى ئىگەللەيدىغان بېلىقچىلىق، %11 كان مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش %16 نى ئاساس قىلىدۇ. سېنك، تۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق كان بايلىقلىرى مول. بولۇپمۇ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتا شەرقى جەنۇبى ئاسىيادا مالايسيەدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.ۋيېتنامنىڭ نېفىت ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ %9 نى تەشكىل قىلىدۇ،  دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق قاتارلىق ئەمگەك كۈچى پۈتۈن ئەمگەك كۈچىلىرىنىڭ 2/3 سىنى تەشكىل قىلىدۇ. ۋيېتنامنىڭ سانائەت ئاساسى ئاجىز، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئاران %15 نى تەشكىل قىلىدۇ . ئاساسلىق يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، مېتالچىلىق، نېفىت ئايرىش، كانچىلىق، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش قاتارلىق چوڭ - كىچىك 400 دىن ئارتۇق سانائەت ئورۇنلىرى بار. كوفى، گۆش، پۇراقلىق ماتېرىياللار، شېكەر ئېكسپورت قىلىدۇ، ماشىنا - ئۈسكۈنە، ئاپتوموبىل، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئاشلىق قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ. 

ۋيېتنامنىڭ 2008-يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتى 243 مىلىيارد دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 500 دوللار توغرا كېلىدۇ. ۋيېتنامنىڭ 2001-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش نىسبىتى ئىزچىل %5 بولۇۋاتىدۇ. 

2008-يىلى ۋيېتنامدا تېلفون ئابونتى 25 مىليون 591 مىڭ، يانفون ئابونتى 70مىليون 254 مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 20 مىليون 834 مىڭ بولغان.

ۋيېتنامئېلىمىز جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنىڭ تاغ دەريالىرى تۇتاش. ئىككى دۆلەت خەلقى ئۇزۇن يىللىق دوستلۇق ئەئەنىسىگە ئىگە. 1950 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 18 ـ يىلى كۈنى ئېلىمىز بىلەن ۋيېتنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان . 1991 ـ يىلى 11 ـ ئايدا ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى جخدۇمېي ئۆمەك  باشلا ئېلىمىزدە زىيارەتتە بولغان، بۇنىڭ بىلەن ئىكى دۆلەت مۇناسىۋىتى نورماللاشقان.2004 ـ يىلى 5 ـ ئايدا بوۋېنكەي زۇڭلى ئېلىمزىدە زىيارەتتە بولغان. 2004 ـ يىلى 10 ـ ئايدا زۇڭلى ۋېن جىياباۋ ۋيېتنامدا زىيارەتتە بولغان. 2005 ـ يىلى 7 ـ ئايدا رەئىس چېن دېلياڭ ئېلىمىزدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان. 2005 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنىدىن 11 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنىگىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومېتىتنى باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى خۇجېنتاۋ ۋيېتنامدا دوستانە زىيارەتتە بولغان. 2006 ـ يىلى 8 ـ ئايدا ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارىيىسى مەركىزىي كومېتىتى باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ ۋيېتنامدا  دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان. 2007 ـ يىلى 5 ـ ئايدا ۋيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى رۇەن مىڭجى ئېلىمىزدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە  بولغان. 2008 ت يىلى 5 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنىدىن 6 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنىگىچە ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى باش شۇجىسى نوڭ دېمىڭ ئېلىمزدە دوستانە زىيارەتتە بولغان. 2008 ـ يىلى10  ـ ئايدا زۇڭلى رۇەن پۇپوڭ ئېلىمىزدە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇپ، 7 ـ نۆۋەتلىك ئاسىيا ـ ياۋروپا باشلىقلىرى يېغىنىغا قاتناشقان. [1]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#