ئالتۇنتاغ

ئالتۇنتاغ

ئالتۇنتاغ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بىر تاغ تىزمىسى. شەرقىي ئۇچى چىڭخەي، گەنسۇ قاتارلىق ئىككى ئۆلكە چېگراسىغا تۇتىشىدۇ، تارىم ئويمانلىقى ۋە چەيدام ئويمانلىقى چېگرىسىدىكى تاغ. شەرقىي شىمال شەرق يۆنىلىشىدە سوزۇلغان، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3000-4000 مېتىرغا يېتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئالتۇنتاغ
جۇغراپىيەلىك ئورنى جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبى
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى، ئېگىزلىك-تاغلىق ئىقلىمى
خەنزۇچە نامى 阿尔金山脉
دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3000 ~ 4000 مېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالتۇنتاغئالتۇنتاغ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بىر تاغ تىزمىسى. شەرقىي ئۇچى چىڭخەي، گەنسۇ قاتارلىق ئىككى ئۆلكە چېگراسىغا تۇتىشىدۇ، تارىم ئويمانلىقى ۋە چەيدام ئويمانلىقى چېگرىسىدىكى تاغ. شەرقىي شىمال شەرق يۆنىلىشىدە سوزۇلغان، ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3000-4000 مېتىرغا يېتىدۇ. غەربىي بۆلىكى بىر قەدەر ئېگىز، ئەڭ ئېگىز چوققىسى 6161 مېتىر. كىچىك تىپتىكى مۇزلۇقلىرى بار. چاقىلىق دەرياسى، مىرەن دەرياسى قاتارلىق دەريالارنىڭ مەنبەسى، لېكىن سۇ مىقدارى ئانچە چوڭ ئەمەس؛ تاغ ئېتىكىگە جايلاشقان چاقىلىق، مىلان قاتارلىق بوستانلىقلارنىڭ كۆلىمى بەك كىچىك. كىچىك تىپتىكى مۇزلۇقلىرى بار. 4000 مېتىردىن تۆۋەن جايلار شىنجاڭ، چىڭخەي، گەنسۇ ئۈچ ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) چېگرىلىنىدىغان جاي. ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق، يېپىنچا ئۈسۈملۈكلەر ئاز. ئالتۇنتاغ شەرقتە چىليەنشەن تېغىغا تۇتىشىدۇ.

يەر شەكلىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى

ئالتۇنتاغئالتۇنتاغ جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان، چوققىنىڭ ئۈچ قاتار تاغ ئارىسىغا ئىككى جىلغا بار، ئۇنىڭ يەر تۈزۈلۈش ئومۇمىي ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە : 

تاغ چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى5200-5828 مېتىر ئارىلىقىدا، ئاساسىي تاغ چوققىسى رايونى 30 غا يېقىن تاغ ئومۇرتقىسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5000 مېتىردىن ئېگىز بولغان تاغ چوققىسىدىن ئىبارەت. 31 ھازىرقى زامان مۇزلۇقلىرى يېتىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي ئېتىكىدىكى مۇزلۇق 20. سامساق جىلغىسىدىكى مۇزلۇق 17. 10 مۇزلۇق مۇشۇ رايوندىكى ئەڭ چوڭ مۇزلۇق، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3.8 كىلومېتىر بولۇپ، مۇزلۇقنىڭ ئۇچىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4520 مېتىر، قار سىزىقىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4840 مېتىر.

ئالتۇن تاغ تاغ تىزمىسى موڭغۇل تىلىدا«ئارچا ئۆسىدىغان تاغ» دېگەن مەنىدە. تاغ تىزمىلىرى شىمالىي شىزاڭ ئىگىزلىكىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان، جەنۇب-شىمالى چەيدام ئويمانلىقى ۋە تارىم ئويمانلىقى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. شەرق-غەرب تەرىپى چىليەنشەن تېغى ۋە كوئېنلۇن تېغىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تاغ تىزمىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. تاغ تىزمىسىنىڭ شەرق-غەرب ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 300 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 60 كىلومېتىر. تاغ تىزمىسىنىڭ شەرق، غەرب ئىككى تەرىپى ئېگىز، ئوتتۇرا قىسمى پەس(دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4000-4200 مېتىرغىچە). دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5000 مېتىردىن يۇقىرى بولغان بۆلىكىدە ھازىرقى زامان مۇزلۇقى يېتىلگەن. 

كارستلىق يەر شەكلى

ئالتۇنتاغئالتۇنتاغدىكى ئارغى تېغىدا بىر پارچە قەدىمىي كارستلىق يەر شەكلى بار، شەرقتە چوققىسىدىن باشلىنىپ، غەربتە ئاچچىق كۆلگە تۇتىشىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 350 كىلومېتىر، كەڭلىكى 20 كىلومېتىر، كۆلىمى تەخمىنەن 10 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4400-5000 مېتىر بولغان ھەيۋەتلىك چوققىغا يوشۇرۇنغان. بۇ قەدىمىي ھاك تاش تاغ ئارقىلىق نەچچە مىڭ يىللىق بوران، يامغۇرلارنىڭ ئېرىتىش، پارچىلىشىدا ئاجايىپ-غارايىپ شەكىلگە كەلگەن. تاش چوققىلارنىڭ بەزىلىرى تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ؛ بەزىلىرى خۇددى تۆگە، پىل، تۇلپار، ياتقان يولۋاس، موي قەلەم جازىسى، قەلەم قوندىقى، شوتىلىق كۆتۈرمە كۆۋرۈك، بۇتخانا، مۇنبەر، شاپىلاق كاكتۇس، بايراق خادىسىغا بەئەينى ئوخشايدۇ؛  يەنە ھەر خىل ئېرىمە جىرا، تاش بىخ، تاش ياكى خىش ياتقۇزۇلغان چىغىر يول، كارىدورلارغا ئوخشايدۇ. 

ئالتۇنتاغئالتۇن تاغنىڭ شىمالى قۇمتاغ قۇملۇقىغا قارايدۇ، جەنۇبىي تەرىپى چەيدام ئويمانلىقىغا يېقىن، غەربىي شىمال چۆللۈك، چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىك سوغۇق كىلىمات رايونىغا تەۋە. گەرچە مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ كەڭلىكى ئىچىدە بولسىمۇ، ئەمما دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن ئاشىدۇ، دېڭىز يۈزىنىڭ ئېگىزلىكى ھاۋا تېمپېراتۇرىسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى كەڭلىك ئورنىنىڭ تەسىرىدىن ئاللىقاچان ئېشىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، تۆت پەسىلنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ؛ قىش پەسلى ئۇزاق، قەھرىتان سوغۇق؛ ياز پەسلى قىسقا، شاماللىق، قۇرۇق. ئادەتتە 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىدىن باشلاپ قار مۇز تۇتۇپ ، قار-مۇز ۋاقتى 9 ئاي داۋاملىشىدۇ. تاغ باغرىدىكى چۆل يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃3.5 ،1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃9.2-، 6-ئايدىكى ئوتتۇرىچە ئەڭ تۆۋەن ھاۋا تېمپېراتۇرىسى℃10.8-، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃16.7. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 110.0مىللىمېتىر، ئەمما تارقىلىشى تولىمۇ تەكشىسىز، دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئىگىز تاغلىق رايونلاردىكى يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 200مىللىمېتىر دىن 250مىللىمېتىرغىچە، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2900 مېتىر ئېگىزلىكتىكى جايلارنىڭ يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 50مىللىمېتىرغا يەتمەيدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2495.2 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارىنىڭ 20 ھەسسىسىدىن يۇقىرى. يىللىق ئوتتۇرىچە شامال سۈرئىتى 3 مېتىر |سېكۇنت ئەتراپىدا، ئوتتۇرىچە ئايلىق ئەڭ چوڭ شامال سۈرئىتى 5 مېتىر سېكۇنت. قىش ئەتىيازدا غەربىي شىمال شامىلى كۆپ، كۈچلۈك. قىيان، قۇرغاقچىلىق، مۆلدۈر، بوران قاتارلىق تەبىئىي ئاپەت كۆپ.

ئالتۇنتاغ تاغلىق رايوندا 1-ئاي ئەڭ سوغۇق بولۇپ، ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃20-℃30؛ 7-ئايدىكى تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئايلىق ئوتتۇرىچە ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا 8 سېلسىيە گىرادۇستىن 10 سېلسىيە گىرادۇسقىچە. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى تەكشى ئەمەس، كۆپ مىقداردا ھۆل-يېغىن ياز پەسلىگە مەركەزلەشكەن. يىغىندى قار مەزگىلى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا. 

ئالتۇنتاغئالتۇنتاغدا ئاساسلىقى سەككىز دەريا ۋە نۇرغۇنلىغان «چوڭ تومۇر»لار بار. 8 ئاساسلىق دەريا ۋادىسىنىڭ كۆلىمى 20 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دەريالارنىڭ سۇ تۇلۇقلىنىشى ئاساسلىقى ئىككى خىل، يەنى مۇزلۇق سۈيى ۋە بۇلاق سۈيى چىقىدۇ.

ئۆسۈملۈك بايلىقى

ئالتۇنتاغشىمالىي يانباغرى ئىنتايىن قۇرغاق چۆللۈكتە ئۆسىدىغان يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ۋېرتىكال بەلبېغىدۇر. چۆل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاساسلىق ۋەكىللىك ئورۇندا تۇرىدىغان ئۆسۈملۈكلەردىن: كۇئېنلۇن ئەمىنى، تۆگە يۇڭى ئەمەن ۋە قاشتېشى قامراق قاتارلىقلار بار. 2300 مېتىردىن 3000 مېتىرغىچە بولغان دەريا بويىدا شالاڭ، ئاز مىقداردىكى ئۆسۈملۈك ئۆسىدۇ، مەسىلەن جىغان، قىسقا باشاقلىق يۇلغۇن، كۆرۈك، زاغزاق، بېسىلغاق، شالاڭ يوپۇرماقلىق يانتاق، چوڭ مېۋىلىك چاكاندا، قەشقەر زىگوفىللۇم قاتارلىقلار بار.

تۇپراق ۋېرتىكال جايلاردا تاغلىق تۇزسىز كاشتان تۇپراق بەلۋېغى كەمچىل؛ تاغلىق يەردىكى قارامتۇل تۇپراق يۇقىرى چەككە يېتىدۇ، 3800 مېتىر كېلىدۇ. 3800 مېتىردىن ئاشىدىغان سۇبئالب ئوتلاق توپىسى ۋە ئېگىز تاغدىكى چۆل-باياۋان توپىسى تارقالغان. 

ھايۋانات بايلىقى

ئالتۇنتاغھۆل-يېغىنى مول بولغانلىقتىن، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياخشى، چۆپى بولۇق ئۆسىدۇ، ھەرخىل ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تارقىلىشى نىسپىي مەركەزلىك، زىچلىقى چوڭ، تۈرى كۆپ، سانى كۆپ بولغان. 2007-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ستاتىستىكىدا 359 خىل ياۋايى ھايۋان بار: تىبەت بۆكىنى، ياۋا قوتاز، تىبەت ياۋا ئېشىكى، قوڭۇر ئېيىق، ئاق تۆش بۇلغۇن، سۈلەيسۈن، چىلبۆرە، توشقانسىمان سۈلەيسۈن، كۆكمەت، تىبەت يەرلىك بۆكىنى، ساقاللىق بۈركۈت قاتارلىقلار.

ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى

ئالتۇنتاغ1985-يىلى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قىلىپ بېكىتىلگەن. ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ۋە تەبىئىي بايلىقنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك قالايمىقان تۇتۇش، قالايمىقان ئوۋ ئوۋلاش ۋە ئۇلارنى ھەر خىل بايلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بولۇپ بۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىپ، بىر قانچە يىلدىن بۇيان قوغداش باشقارمىسى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ كۈچەپ قوغدىغان.

1986-يىلى دەرىجىسى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى باشقۇرۇش، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ باشقۇرۇشىنى تەستىقلىغان. 

2009-يىلى، دۆلەتنىڭ 12 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلا ئېلىپ بارغان. 

قوغداش رايونىدا 359 خىل ياۋايى ھايۋانلار بار. بۇلار ئىچىدە قىسقا تۈۋرۈكسىمان 30 خىلى، قۇشلار 79 خىل، ھاشارات 250 خىل يېڭى تۈرى بايقالغان. دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن 21 خىل، دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن 17 تۈرى بار. 

تەبىئىي مۇھاپىزەت رايۇنى ئىچىدىكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردىن بىر خىل يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلار 25 خىل، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك 27 ئائىلىسى، 96 ئۇرۇقدىشى، 241 خىلدىن يۇقىرى، ئېگىزلىك ھايۋانلارنىڭ ئۆزىگە خاس ياۋا قوتاز 2500 تۇياق، تىبەت ياۋا ئېشىكى 20000 تۇياق، تىبەت بۆكىنى 40000 تۇياق ئەتراپىدا. 

ئالتۇنتاغ تەبئىي مۇھاپىزەت رايونى دۆلەتنىڭ 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان ياۋا قوتاز، تىبەت ياۋا ئېشىكى ۋە تىبەت بۆكىنىنىدىن باشقا، يەنە يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، ئارقار، قارا بويۇن تۇرنا، تازقارا، ئالا قۇيرۇق بۈركۈت ۋە بۈركۈت؛ 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلاردىن قوڭۇر ئېيىق، ئاق تۆش بۇلغۇن، سۈلەيسۈن، چىلبۆرە، توشقانسىمان سۈلەيسۈن، كۆكمەت، تىبەت يەرلىك بۆكىنى، ساقاللىق بۈركۈت، قۇماي، تىبەت ئۇلارى، ئىتالغا، قىزىل لاچىن، قوڭۇر قۇيرۇق بۇتېئو قاتارلىق 20 نەچچە خىللىرى بار، تەكشۈرۈشتە ھەر خىل ھاشارات ۋە ئۆسۈملۈك يېڭى تۈرى بايقالغان. 

ئالۋاستى جىلغىسى

ئالتۇنتاغ ئالۋاستى جىلغىسىئالۋاستى جىلغىسى ئالتۇنتاغ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ شەرقىي ئۇچى، چاقىلىق ناھىيىسى بىلەن چىڭخەي شىزاڭ ئۆلكىسىنىڭ تۇتاشقان ئورنى، غەربتە قۇمكۆل قۇملۇقى، شەرقتە بۆلدى تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 100 كىلومېتىر، كەڭلىكى 30 كىلومېتىر كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000-4000 مېتىر. جەنۇبىدا بۇلۇتقا تاقىشىپ تۇرىدىغان ئېگىز كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئاساسىي تاغ تىزمىسى بار، شىمالىدا چىمەنتاغ چايدام ئويمانلىقىنىڭ ياز پەسلىدىكى قۇرغاق ھەم ئىسسىق ھاۋانى توسۇپ تۇرىدۇ، يامغۇر مىقدارى يېتەرلىك، كىلىماتى نەم، چوڭ-كىچىك كۆللەر ناھايىتى كۆپ، ئوت-چۆپلىرى بولۇق، خۇددى بىر يېشىل رەڭلىك گىلەمگە ئوخشايدۇ.

ئالتۇنتاغ1989-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى، جۇڭگونىڭ گەنسۇ ئۆلكىسى لەنجۇ شەھىرى بىلەن ياپونىيەنىڭ ئاكىتا ناھىيەسىدىكى بىرلەشمە تاغقا چىقىش ئەترىتىدىكى بىر جۇڭگولۇق بىر ياپونىيەلىك تاغقا چىقىش ئەزاسى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5782 مېتىر بولغان 10-نومۇرلۇق مۇزلۇققا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان. 

2001-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى 28-كۈنى، گەنسۇ ھۈسەن دالا ھەركىتى كۇلۇبلىرىدىن كەلگەن تاغقا چىقىش ئەترىتى شىمالىي لىنىيەنىڭ تاغقا چىقىشى مەغلۇپ بولغان، جەنۇبىي لىنىيەدىكى ئالتە ئەزا يۇقىرى ئۆرلەپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5600 مېتىر كېلىدىغان جايغا چىققان.[0]

 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#