لەيلىتىش كۈچى

لەيلىتىش كۈچى

سۇيۇقلۇققا ياكى گازلارغا چىلىشىپ تۇرغان جىسىم ئۇچرىغان سۇيۇقلۇق ياكى گاز جىسىمنىڭ تىك يۇقىرىغا كۆتۈرۈش كۈچى لەيلىتىش كۈچى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى لەيلىتىش كۈچى
چەتئەلچە ئاتىلىشى buoyancy
ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇنقى 245 - يىلى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 浮力
ئوتتۇرىغا قويغۇچى ئارخىمېد
ئىپادە F لەيلىتىش =G سىقىپ چىقىرىش ( = ρ سۇيۇقلۇق V سىقىپ چىقىرىش )

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوقۇم

لەيلىتىش كۈچىسۇيۇقلۇققا ياكى گازلارغا چىلىشىپ تۇرغان جىسىم ئۇچرىغان سۇيۇقلۇق ياكى گاز جىسىمنىڭ تىك يۇقىرىغا كۆتۈرۈش كۈچى لەيلىتىش كۈچى دەپ ئاتىلىدۇ. 

چۈشەندۈرۈش

لەيلىتىش كۈچى : سۇيۇقلۇققا چىلىشىپ تۇرغان ( ياكى گاز ئىچىدىكى) جىسىم ئۇچرىغان سۇيۇقلۇق ( ياكى گاز ) نىڭ جىسىمنى تىك يۇقىرىغا كۆتۈرۈش كۈچى. 

لەيلىتىش كۈچىنىڭ يۆنىلىشى: لەيلىتىش كۈچىنىڭ يۆنىلىشى ئېغىرلىق كۈچى يۆنىلىشى بىلەن قارىمۇقارشى بۇلۇپ، ۋېرتىكال يۇقىرىغا بولىدۇ. 

لەيلىتىش كۈچىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى : سۇيۇقلۇققا چىلانغان ياكى گاز ئىچىدىكى جىسىم ئۇچرىغان سۇيۇقلۇق ياكى گاز جىسىمنىڭ جىسىمغا نىسبەتەن يۇقىرىغا ۋە تۆۋەنگە يۆنەلگەن بېسىم پەرىقى.  

جىسىم سۇيۇقلۇق ئىچىدە ئاستىنقى يۈزى ئۇچرىغان بېسىم كۈچى جىسىمنىڭ سۇيۇقلۇق ئىچىدە ئۈستىنكى يۈزى ئۇچرىغان بېسىم كۈچىدىن چوڭ بۇلىدۇ، شۇڭا يىغىندا كۈچ F يۇقىرىغا، F-تۆۋەنگە، سەۋەبى شۇكى، سۇيۇقلۇقنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھەر تەرەپكە تارىغان بېسىم كۈچىنىشى بار، ئۇنداقتا جىسىمنىڭ ئۈستىنكى سىرتقى يۈزى سۇيۇقلۇق ئۇنىڭغا بەرگەن تۆۋەنگە يۆنەلگەن بېسىم كۈچىگە ئۇچرايدۇ، ئەكىسچە، جىسىمنىڭ ئاستىنقى يۈزى سۇيۇقلۇق ئۇنىڭغا بەرگەن يۇقىرىغا يۆنەلگەن بېسىم كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئوخشاش خىلدىكى سۇيۇقلۇق ئىچىدە بولغاچقا، چوڭقۇرلۇق قانچە چوڭ بولسا، بېسىم كۈچىنىشى شۇنچە چوڭ بۇلىدۇ، شۇڭا، جىسىمنىڭ ئاستىنقى يۈزى ئۇچرىغان بېسىم كۈچى جىسىمنىڭ ئۈستىنكى سىرتقى يۈز ئۇچرىغان بېسىم كۈچىدىن چوڭ بۇلىدۇ، شۇڭا F تۆۋەنگە،F-يۇقىرىغا.

لەيلىتىش مەركىزى 

لەيلىتىش كۈچىنىڭ تەسىر قىلىش نۇقتىسى لەيلىتىش مەركىزى دەپ ئاتىلىدۇ. لەيلىتىش مەركىزى بىلەن سىقىپ چىقىرىلغان سۇيۇقلۇق ھەجىمىنىڭ شەكىل مەركىزى بىلەن ئۈستمۇ-ئۈست چۈشىدۇ.

مىلادىدىن بۇرۇنقى 245 - يىلى،قەدىمكى گىرىتسىيە ئالىمى ئارخىمېد شاھ تاجىنىڭ ساپ ئالتۇندىن ياسالغان ياسالمىغانلىقىنى بېكىتىش ئۈچۈن،تاجنىڭ ھەجمىنى ئۆلچىمەكچى بۇلۇپ،قاتتىق باش قاتۇرۇپ ئۇزۇن ئويلانغان بولسىمۇ نەتىجىسى بولماپتۇ.بىر كۈنى، ئۇ لىق سۇ تولدۇرۇلغان ۋاننىغا چۈشۈپ يۇيۇنغاندا ۋاننىدىكى سۇنىڭ سىرتقا تېشىپ چىققانلىقىنى كۆرۈپ، توساتتىن مۇنداق ئويغا كەلگەن: جىسىمنىڭ سۇيۇقلۇققا پاتۇرۇلغان ھەجمى دەل جىسىم سىقىپ چىقىرىۋەتكەن سۇيۇقلۇقنىڭ ھەجمىگە تەڭ بولمامدۇ؟ شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تەجرىبە لايھەلەپ،شاھ تاجىنى باھالاپ بېكىتىدىغان مەسىلىنى ھەل قىلغانىكەن.

 قانۇنى

لەيلىتىش كۈچىجىسىم ئاقار جىسىملار ( سۇيۇقلۇق ياكى گاز ) دا ئۇچرىغان لەيلىتىش كۈچى، سىقىپ چىقارغان سۇيۇقلۇق ( گاز ) نىڭ ئېغىرلىقىغا تەڭ. 

لەيلىتىش كۈچى = جىسىمنىڭ سۇيۇقلۇق ئىچىدە  يېنىكلىتىلگەن ئېغىرلىقى = جىسىمنىڭ ھاۋادىكى ئېغىرلىقى-جىسىمنىڭ سۇيۇقلۇق ئىچىدە ئېغىرلىقى = جىسىم سىقىپ چىقارغان سۇيۇقلۇقنىڭ ھەجمى × سۇيۇقلۇقنىڭ زىچلىقى × ئېغىرلىق كۈچى تېزلىنىشى = جىسىم سىقىپ چىقارغان سۇيۇقلۇقنىڭ ئېغىرلىقى. 

ئېنىقكى،جىسىم لەيلىگەن ۋاقىتتا، لەيلىتىش كۈچى جىسىمنىڭ ئېغىرلىق كۈچىدىن چوڭ بۇلىدۇ، جىسىم  لەيلىمە ھالەتتە، ئېغىرلىق كۈچى بىلەن لەيلىتىش كۈچى تەڭ بۇلىدۇ؛ لېكىن جىسىم چۆكۈش ھالىتىدە تۇرغاندا، لەيلىتىش كۈچى ئېغىرلىق كۈچىدىن كىچىك بولىدۇ.

خۇلاسە 

لەيلىتىش كۈچىنىڭ ئېنىقلىمىسىغا ئاساسەن، جىسىمنىڭ لەيلەش-چۆكۈشى بىلەن زىچلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بولىدۇ: 

جىسىم لەيلىگەن ۋاقىتتا، لەيلىتىش كۈچى جىسىم سىقىپ چىقارغان سۇيۇقلۇق ( گاز )نىڭ  ئېغىرلىق كۈچىگە تەڭ؛  جىسىم لەيلەپ تۇرغان ۋاقىتتا، لەيلىتىش كۈچى جىسىم سىقىپ چىقارغان ئاقار جىسىمنىڭ ئېغىرلىق كۈچىگە تەڭ؛ جىسىم تۆۋەنگە چۆككەندە، لەيلىتىش كۈچى  جىسىم سىقىپ چىقارغان ئاقار جىسىمنىڭ ئېغىرلىق كۈچىدىن كىچىك. 

ئۇنداقتا،ئاقار جىسىملار زىچلىقى جىسىمنىڭ زىچلىقىدىن چوڭ بولغاندا، جىسىم يۇقىرى ئۆرلەيدۇ؛ ئاقار جىسىملار زىچلىقى بىلەن جىسىمنىڭ زىچلىقى باراۋەر بولغاندا جىسىم لەيلەيدۇ؛ ئاقار جىسىملار زىچلىقى جىسىمنىڭ زىچلىقىدىن  تۆۋەن بولغاندا، جىسىم سۇ ئاستىغا چۆكىدۇ.[0]







ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#