ئادەم گۆشى يەيدىغان قەبىلىلەر
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى ئادەم گۆشى يەيدىغان مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر ئىلگىرى سۆز-چۆچەك دەپ قارالغان. Cannibal بىلەن Caribbean، ئادەم يەيدىغان مىللەت بىلەن كارىب ئادەملىرى سۆزىنىڭ كېلىش مەنبەسى بىر بولۇپ، ئەسلىدە كولومبو يەرلىكتىكى كارىپ ئادەملىرىنىڭ قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئەسىرلىرىنى يەۋەتكەنلىكىنى ئاڭلاۋاتقاندا بىر ھەرپنى خاتا ئاڭلاپ قالغان ئىكەن. يەنى r نى n دەپ ئاڭلاپ قالغان. شۇڭا ئادەم گۆشى يەيدىغان مىللەت ___ Cannibal ، كارىب ئادەملىرى دەل __ Caribbean لار ئىكەن. ئىگىلىنىشچە كارىب ئادەملىرى ھايات قالغان ئەر ئەسرلەرنىڭ ھەممىسىنى يەۋىتىدىكەن. ئۇلار ھەتتا بەزى بىر كىچىك بالىلارنى كىچىكىدىن ئوبدان بېقىپ، ئۇنىڭ سەمرىشىنى ساقلايدىكەن. بالا سالامەت چوڭ بولۇپ، سەمرىگەندە ئۇنى سويۇپ يەيدىكەن.
گەرچە بۈگۈنگە قەدەر ئادەم گۆشى يەيدىغان مىللەتكە نىسبەتەن ئىلىپ بېرىلغان سۈپەتلەشلەر كىشىنىڭ گۇمانىنى قوزغايدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئاق تەنلىكلەر بىلەن يەرلىكتىكى ئادەملەر ۋە ئافرىقىلىقلار بىر-بىرىنى ئادەم گۆشى يەيدىغان مىللەت دەپ قاراپ كەلگەن. ئافرىقىدىكى ئاق تەنلىكلەر ئۇلارنى ئەزەلدىن تەربىيە كۆرمىگەن ئىپتىدائىي ئادەملەر، دەپ قارىغان. يەرلىكتىكى كىشىلەر بولسا ئاق تەنلىكلەرنى ئۆزلىرىنىڭ بۇرادەرلىرىنى تۇتۇپ كېتىپ، گۆش يېيىش ئارزۇسىنى قاندۇرىدۇ، دېگەن. بىراق مەيلى قانداقلا بولىشىدىن قەتئىينەزەر، نۇرغۇن مىساللار بەزى قەدىمكى قەبىلىلەرنىڭ ئادەم گۆشى يېيىشىنى بىر خىل تاساددىپىيلىق دەپ قارىمىغان. ئادەم گۆشى يەيدىغان مىللەتنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ئىقرار قىلغان. ئارخولوگلارمۇ ئادەم گۆشى يەيدىغان مىللەتنىڭ ئادەملەرنى يېيىشىنى ناھايىتى ئومۇملاشقان، دەپ قارىغان.
ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى بەزى قەبىلىلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە نەزەر سالساق ھەقىقەتەن ئادەم يەيدىغان تارىخلار قالدۇرۇلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى تا ھازىرغىچە قەبىلىسىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بەزى ئاز ساندىكى قەبىلىلەرنىڭ ئادەم گۆشى يەيدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىكەن. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
باغداش تورى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.