لاپلاس 1749-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى فرانسىيە نىڭ نورماندىيەدىكى بېئاۋمۇنت بازىرىدا  تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدە ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، ئوقۇشىنى قوشنىسىنىڭ ياردىمى بىلەن تاماملىغان. لاپلاسنىڭ ماتېماتىكىدا تالانتى بولغاچقا، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغان مەزگىلدە پروفېسسورلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. 18 يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەشھۇر ماتېماتىك دالامبېر ئۇنى پارىژ قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپىگە ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىقىغا تونۇشتۇرغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لاپلاس
دۆلەت تەۋەلىكى فرانسىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1827-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
چەتئەلچە نامى Laplace,Pierre-Simon,marquisde
خەنزۇچە ئىسمى 拉普拉斯
تۇغۇلغان ۋاقتى 1749-يىل 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
كەسپى ماتېماتىكا ئالىمى، فىزىكا ئالىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىنسانلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ئالەمنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكى ئۈستىدە ئىزچىل ئويلىنىپ كەلدى، بۇنىڭدىن 200 نەچچە يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا كەلگەندىلا كانت ئىسىملىك گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ قۇياش سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدە بىرقەدەر ئىلمىي قىياسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قۇياش سىستېمىسى بىر توپ تۇمانلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىن ئۆزگىرىپ بارلىققا كەلگەن دەپ قارىدى. ئەينى چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ تۇمانلىق تەلىماتىغا ئىشەنمىگەچكە، ئۇنى ئاستا-ئاستا ئۇنتۇپ كەتتى. 50 يىلدىن كېيىن، فرانسىيە لىك ئالىم لاپلاس (1749-1827) بۇ قىياسنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ تەلىماتنىڭ ئىلمىيلىقىنى مېخانىكا قائىدىلىرىنى ئاساس قىلىپ، پۇختا ماتېماتىكىلىق ھۆكۈم ئارقىلىق ئىسپاتلىدى، بۇنىڭ بىلەن ئالەم قارىشىدا زور ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلدى.

لاپلاس 1749-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى فرانسىيە نىڭ نورماندىيەدىكى بېئاۋمۇنت بازىرىدا تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدە ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، ئوقۇشىنى قوشنىسىنىڭ ياردىمى بىلەن تاماملىغان. لاپلاسنىڭ ماتېماتىكىدا تالانتى بولغاچقا، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغان مەزگىلدە پروفېسسورلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. 18 يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەشھۇر ماتېماتىك دالامبېر ئۇنى پارىژ قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپىگە ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىقىغا تونۇشتۇرغان. 

ئۇزاقتىن بۇيان، ئالىملارنى «قۇياش سىستېمىسى قانداق شەكىللەنگەن»، «يەر شارى نېمە ئۈچۈن قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ» دېگەن مەسىلىلەر گاڭگىرىتىپ كەلگەن، بۇنىڭغا ھەتتا مەشھۇر ئالىم نيۇتونمۇ ئېنىق جاۋاب بېرەلمەي، ئاخىرى ئىلاھىيەتكە ئىلتىجا قىلىپ، ھەرىكەتنىڭ ئاخىرقى سەۋەبىنى «تەڭرىنىڭ بىرىنچى تۈرتكىسى» گە باغلىغانىدى. لاپلاس ئالەمنىڭ شەكىللىنىش مەسىلىسىنى تەپسىلىي تەتقىق قىلىپ، «ئالەم سىستېمىسى ھەققىدە» ۋە «ئاسمان جىسىملىرى مېخانىكىسى» دېگەن ئىككى كىتابنى يازدى. ئۇ: قۇياش سىستېمىسى بىر توپ ئىپتىدائىي تۇمانلىقتىن شەكىللەنگەن، ئىپتىدائىي تۇمانلىق ھەرىكەت ۋە ماددىي نۇقتىلارنىڭ ئۆزئارا تارتىشىشى ئارقىسىدا شەكىللەنگەن ئىپتىدائىي ئوت شارلىرىدۇر، ئوت شارلىرى يەنىمۇ تارىيىپ ھەم تارتىشىش كۈچى ۋە تېپىشىش كۈچىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەسىرىدە تەدرىجىي پارچىلىنىپ قۇياش سىستېمىسىدىكى سەييارىلەرنى شەكىللەندۈرگەن، ئاخىرىدا ھازىرقى قۇياش سىستېمىسى شەكىللەنگەن، دەپ قارىغان. ئۇ قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ھېسابلاپ، قۇياش سىستېمىسىدىكى سەييارىلەرنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئوربىتىسىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرگەن. ئۇنىڭ تەلىماتى ماتېماتىكا ۋە مېخانىكا نەزەرىيەلىرى بىلەن تولغان بولغاچقا، ناھايىتى زور قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن تەدرىجىي ئېتىراپ قىلىنغان.

تۇمانلىق تەلىماتى ئالەم قارىشىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى، ئۇ ئالەم تەبىئەتنىڭ ئۆز ھەرىكىتى داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، تەڭرىنى ئالەمدىن ھەيدەپ چىقاردى. ناپولېئون لاپلاستىن نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ تەلىماتىدا تەڭرى يوقلۇقىنى سورىغىنىدا، لاپلاس پەخىرلەنگەن ھالدا: «مەن ئۇنداق قىياسقا ھاجەت ئەمەس» دەيدۇ، بۇ، ئاتېئىستلارنىڭ تەڭرىنى كەمسىتىدىغان ھېكمەتلىك سۆزىگە ئايلانغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#