فۇكاڭ شەھەرلىك بالىلار باغچىسى

فۇكاڭ شەھەرلىك بالىلار باغچىسى 1957 - يىلى قۇرۇلغان، فۇكاڭ شەھىرىدىكى بىردىنبىر دۆلەت ئىلكىدىكى، ئوبلاست دەرىجىلىك ئۈلگىلىك بالىلار باغچىسى، فۇكاڭ شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى فۇكاڭ شەھەرلىك بالىلار باغچىسى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1957-يىلى
خەنزۇچە نامى 阜康市幼儿园
تۈرى بالىلار باغچىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

فۇكاڭ شەھەرلىك بالىلار باغچىسى1957-يىلى فۇكاڭ ناھىيىلىك بالىلار باغچىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى قوللىنىلىدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 3803 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش يەر كۆلىمى 1219 كۋادرات مېتىر. 1993-يىلى سانجى ئوبلاستىدا 1- تۈركۈمدىكى 1-دەرىجىلىك بالىلار باغچىسى بولۇپ باھالانغان. 1998-يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن بولۇپ باھالانغان. 1999-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق تازىلىقتا قىزىل بايراقدار ئورۇن بولغان. 2000-يىلى شىنجاڭ بالىلار پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ پەن-تېخنىكا پائالىيىتىنىڭ تەجرىبە بازىسى بولۇپ بېكىتىلگەن. باغچا شتاتى 53 نەپەر، 1992-يلى مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 52 نەپەر. باغچىدىكى بالىلار 700 نەپەر.

فۇكاڭ شەھەرلىك بالىلار باغچىسىفۇكاڭ شەھەرلىك بالىلار باغچىسىدا 85 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچى بار، ئاياللار % 95 نى ئىگىلەيدۇ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچى ئىشچى - خىزمەتچى % 28 نى ئىگىلەيدۇ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ياش قۇرۇلمىسىدا مۇۋاپىق سەپ بارلىققا كەلدى، 35 ياشتىن تۆۋەنلەر % 60 نى ئىگىلەيدۇ، 36 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغانلىرى % 30 نى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە باشلانغۇچ مەكتەپ ئالىي لېكتور يەتتە نەپەر، باشلانغۇچ مەكتەپ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى 34 ، تېخنىك تۆت نەپەر. ئالىي تېخنىكومدىن يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە ئوقۇتقۇچى 57 نەپەر ( تۇلۇق كۇرس 11 نەپەر )، ئوقۇتقۇچىلار % 90 تىن يۇقىرى ساننى ئىگەللەيدۇ.  

فۇكاڭ شەھەرلىك بالىلار باغچىسىبالىلار باغچىسىدا 4 كورپۇس ئوقۇتۇش بىناسى، بالىلار پائالىيەتخانىسى كۆلىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 70، 80، 90 نەچچە كۋادىرات مېتىرغا يەتتى. بالىلار باغچىسىنىڭ ئىلمىي، مۇۋاپىق، مۇھىتى گۈزەل ۋە ئىللىق، بالىلارغا خاس ھېسسىيات،قىزغىنلىق بالىلار ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. بالىلار كۇتۇپخانىسى بار بەرپا قىلىش، ئىجادىي ئويۇن، ئىلمىي تەكشۈرۈش بۆلۈمى، قۇرۇلما ئويۇنى ئۆيى، كۇلالخانا، كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇنىۋېرسال سەنئەت نازارىتى قاتارلىق بالىلار مەخسۇس پائالىيەت ئۆيى، 17 دانە  بالىلار پائالىيەت ئۆيى، ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى لايىھىلەش سەپلەش بىخەتەرلىك مۇھىت ئاسراش، پارتا-ئويۇنچۇق، كىتاب، ئېلېكترونلۇق پىئانىنو، ئېلېكترونلۇق دېزىنفېكسىيە ئىشكاپى، بالىلار تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە تازىلىق ئەسلىھەلىرى، پۈتۈن يۈرۈشلۈك داتلاشماس پولات سايمانلىرى، سىنىپلارغا تېلېۋىزور، DVD لار سەپلەنگەن.

1. نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۈزلۈكسىز مائارىپ ئوقۇتۇش ئىدىيەسىنى يېڭىلاش كېرەك. 

2. دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى چىڭ تۇتۇش ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئاساسىي ماھارىتىنى يىتىلدۈرۈش.

3. دەرسلىك ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، مول بالىلار مائارىپى مەزمۇنىنى يولغا قويۇش.

4. ئوقۇتۇش تەتقىقات ئۈنۈمىنى گەۋدىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش.   

فۇكاڭ شەھىرى ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى تەلىم - تەربىيەدە شانلىق ياراتتى، فۇكاڭ شەھىرىدىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى تەرەققىيات سەۋىيەسىنى نامايان قىلىدىغان كۆزنەك. شەرەپ بىلەن مەملىكەت بويىچە مەدەنىي ئىش ئورنى، مەملىكەت بويىچە ئىناق مەكتەپلەر ئارا ئىلغار مەكتەپ، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەتلىك ئورۇن، ش ئۇ ئا ر « ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تۆھپە يارىتىش ئۈلگىلىك ئىش ئورنى »، سانجى « مەكتەپ ئۆزىدە بىلىم ئاشۇرۇش نۇسخا مەكتىپى » قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى .

  • بالىلار باغچىسى قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەم بالىلار باغچىلىرىنىڭ باغچا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش.
  •  ئاپتونوم رايونلۇق ئۈلگىلىك بالىلار باغچىسى بەرپا قىلىش.  
  •  ئادەتتىكى مائارىپ ئىسلاھاتى بىىلەن ماسلىشىپ، ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنى قېزىپ، بوغدا كۆلى يەرلىك مەدەنىيەت، ئۆزگىچە دەرسلىكلەرنى ياخشى ئىشلەش. 
  •  مەزكۇر باغچا ئەمەلىيتىگە ئۇيغۇن بولغان ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى تەتقىقات تېمىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش.  [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#