پالەچ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پالەچسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئورگانىزملاردىكى خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، توسالغۇ پەيدا بولۇش، سىرتقى زەخىم، قاتتىق سوغۇق ئۆتۈش، مېڭە ئەسەبلىرىگە زەرەر يېتىش ياكى ئەسەبلەرنىڭ سېزىش ۋە ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارى يوقىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: ئومۇمىي بەدەننىڭ توغرىسىغا ياكى ئۇزۇنىسىغا دەل يېرىمىنىڭ ياكى بىرەر ئەزانىڭ سېزىمى ۋە ھەرىكەت قابىلىيىتى يوقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
2-رېتسېپ
تەركىبى: ئاقلانغان سامساق 280 گىرام، ئاق تۇدەرى، قىزىل تۇدەرى، زىرە، خولىنجان، دارچىن 30 گىرامدىن، پىلپىل 15 گىرام، زەنجىۋىل، قارىمۇچ، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن، جويۇز، ئاقىرقەرھا 10 گىرامدىن، زەپەر ئۈچ گىرام، سېرىقماي 30 گىرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە، سۈت مۇۋاپىق مىقداردا، نوقۇت 500 گىرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
پالەچتەييارلاش ئۇسۇلى: نوقۇتنى سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ، سىقىپ تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ، توغرالغان سامساقنى سېلىپ يۇمشاق پىشۇرۇپ، ئاندىن كالا سۈتى قۇيۇپ، سۇس ئوتتا سۈت تۈگىگىچە قاينىتىپ، ئۈستىدىن سېرىقماينى قۇيۇپ يەنە ئۆزلىشىپ بولغانغا قەدەر قاينىتىپ، كېيىن مىس قازان ئىچىدە سالايە قىلىنىدۇ. دورىلار خېمىردەك ئۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ھەسەلنى قۇيۇپ يەنە قاينىتىپ، ھەسەل ئۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن باشقا دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (ياشلار ۋە ئىسسىق مىجەزلىك كىشىلەر ئېھتىيات قىلىشى كېرەك) .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.