ئابلەت مەجۇن

ئابلەت مەجۇن

ئابلەت مەجۇن 1970-يىلى7-ئاينىڭ 29-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتى نىڭ يېڭىسار ناھىيەسى دە تۇغۇلغان. دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىس، ئالىي دەرىجىلىك دارۋاز يېتەكچىسى، شىنجاڭ سېرك ئۆمىكى ئارتىسلار ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئابلەت مەجۇن
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى يېڭىسار ناھىيەسى
كەسپى سېركچى، قىزىقچى، دارۋاز يېتەكچىسى
باشقا نامى پەلەك ئەركىسى
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1970-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئابلەت مەجۇنپەلەك ئەركىسى ئابلەت مەجۇن 1970-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتى نىڭ يېڭىسار ناھىيەسى دە تۇغۇلغان. 1987-يىلى 7-ئايدا يېڭىسار ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن.

1987-يىلى 9-ئايدا يېڭىسار ناھىيەلىك سېرك سەنئەت ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىنغان. ئۇ، بۇ جەرياندا كەسپىي سېركچى، قىزىقچى، ئۇسسۇلچى، مۇزىكانت ۋە قوشۇمچە ئوقۇتقۇچى، توكچى بولۇپ ئىشلىگەن.

ئابلەت مەجۇن1990-يىلى 1-ئايدا شىنجاڭ سېرك ئۆمىكىگە يۆتكەپ كېلىنگەن. شىنجاڭ سېرك ئۆمىكىگە يۆتكىلىپ كېلىشى ئۇنىڭ قەدىمىي ئۇيغۇر دارۋازلىق كەسپى ساھەسىدە باسقان قۇتلۇق قەدىمى بولۇپ قالغان.

ئۇ ھازىر جۇڭگو سېرىكچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى ۋە ئاپتونوم رايوندىن بىۋاستە تەمىنات بېرىلىدىغان دارۋاز ۋارىسى. دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىس. ئالىي دەرىجىلىك دارۋاز يېتەكچىسى، شىنجاڭ سېرك ئۆمىكى ئارتىسلار ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى.

ئابلەت مەجۈن كەسىپكە پىشقان، جاپالىق ئۆگىنىش روھىغا باي، ئۆز كەسپى ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىدىغان، تىرىشچان  ياشلارنىڭ بىرى. ئۇ ياخشى بولغان ئىجتىمائىي ئەخلاق، كەسپى ئەخلاق ۋە ئائىلە ئەخلاقىنى يېتىلدۈرگەن. ئۇ ئۆزىنڭ كەسپىگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى بىلەن، كېچىمۇ-كۈندۈز جاپالىق مەشىق قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، كەسىپتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ھەمدە مەملىكىتىمىز ئىچى-سىرتىدا ۋە كەسپىي ساھەدە زور تەسىرگە ئىگە نەمۇنىلىك دارۋاز ئارتىسى بولۇپ يېتىشىپ چىققان. 

ئابلەت مەجۇنئابلەت مەجۈن دارۋازلىق ئويۇنى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەندىن بۇيان، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا مەشىق قىلىپ، دارۋازلىق سەنئىتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش يولىدا تىنىمسىز ئىزدىنىپ، سېرك سەنئىتىنىڭ نۆۋەتتىكى كەسكىن رىقابەت ئېھتىياجىغا ماسلاشقان يېڭى ھەرىكەت، يېڭى ماھارەتلەرنى ئۈزلۈكسىز بايقاپ ۋە مۇلاھىزە قىلىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئويۇن قويۇش جەريانىغا باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈپ ماڭغان.

ئۇ دارۋازلىق سەنئەت ئويۇنىغا ماس كېلىدىغان بىر خىل ئېگىز، قىيىن ھەرىكەتلەرنى ئىجاد قىلىپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نەچچە مىڭ مەيدان ئويۇن قويۇپ، بارغانلىكى يەردە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ، شۇنداقلا كەسپىي ساھەدىكىلەرنىڭ بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ۋە قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

ئۇنىڭ سېرك ۋە دارۋازلىق بويىچە ئورۇنلىغان تۈرلۈك نومۇرلىرى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا ياخشى باھاغا ئېرىشىپ، مۇناسىپ شان-شەرەپلەرنى ئېلىپ كەلگەن. ئۇ ھازىرغىچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تايلاند، مالايسىيا، ياپونىيە، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ ئويۇن قويۇپ، شىنجاڭنىڭ قەدىمىي دارۋازلىق سەنئىتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈپ، دۇنيانىڭ شىنجاڭنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىگە زور تۆھپە قوشقان.

2006-يىلىدىن ھازىرغىچە، ئۆمەك رەھبەرلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى سەنئەت مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئون نەچچە نەپەر قىز-ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ چىقىپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۇلارغا سېرك ۋە دارۋازلىق ئاساسىي تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ، شىنجاڭ سېرك ئۆمىكى ئۈچۈن كەلگۈسى ئىزباسارلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش يولىدا بىر كىشلىك ھەسسە قوشماقتا. ئۇنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچىسى 2007-يىلى 9-ئايدا بېيجىڭدا، ئەنگىلىيە دۇنيا جېننىس رېكورتى يارىتىپ خەلقىمىز ئۈچۈن شەرەپ قۇچقان.

2008-يىلى 2-ئايدا شېنجېندا جۇڭگو-شاڭخەي دۇنيا جېننىس رېكورتىنى ياراتقان.

2007-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئابلەت مەجۈن ئۈرۈمچى شەھىرى سۇ ئۈستى باغچىسىدا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى بىلەن شىنجاڭ سېرك ئۆمىكى بىرلىشىپ 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتتە 45 گرادۇسلۇق يانتۇلۇقتىكى پولات سىم ئۈستىدە مېڭىپ دۇنيا جېننىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئەنگلىيە دۇنيا جېننىس رېكورتى گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشىپ، شىنجاڭ دىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن شان-شەرەپ كەلتۈرگەن.

ئابلەت مەجۈن بىر دارۋاز ئارتىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ھەرخىل خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىش، مۇزىكا چېلىش ۋە ئاكتىيورلۇق كەسىپىنىمۇ پىششىق ئۆگەنگەن بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر سەنئەتكار.

ئۇ 2009-يىلى شىنجاڭ سېرك ئۆمىكى ئۇزۇن يىل پىلانلاپ مەشىق قىلىش ئارقىلىق تەييارلاپ چىققان «ياخشىمۇسىز، نەسىردىن ئەپەندى» ناملىق مۇزىكىلىق سېرك تىياتىرىدا ئاساسلىق روللاردىن ياشانغان ئەپەندىمنىڭ ئوبرازىنى 300 نەچچە مەيداندىن ئارتۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاپ، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى، مەملىكىتىمىز ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ، شۇنداقلا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن.

ئۇ يەنە 2013-يىلى ۋە 2014-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى شۇنداقلا مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تايلاندقا چىقىپ، پولات سىم ئۈستىدە، ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىللە ماھارەت كۆرسىتىپ، تايلاندنىڭ سابىق زۇڭلىسى ماجىڭشەن ئەپەندىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن ھەمدە جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىل ئۆز-ئارا مەدەنيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە بىر كىشىلىك كۈچ چىقارغان.

ئابلەت مەجۇن2000- يىلى 6-ئايدا مالايسىيانىڭ كوئالالومپۇر شەھىرىدە بوشلۇقتىكى سىم ئۈستىدە دارۋازلىق سەنئىتى كۆرسىتىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى مالايسىيا زۇڭلىسى ماخادىر ئەپەندىنىڭ ئالاھىدە قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن.

2004- يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك  سېرك مۇسابىقىسىدە، دار ئۈستىدە راۋاپ چېلىپ، مۇقام توۋلاپ ماھارەت كۆرسىتىپ «ئالتۇن شىر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەمدە مەملىكەت بويىچە كەسپىي ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئۇ يەنە دارۋازلىق سەنئىتى نەزەرىيە بىلىملىرىنى ئەتراپلىق ئۆگىنىپ، ھەر قايسى گېزىت-ژۇرناللاردا «ساياھەت مەدەنىيىتى»، «ئۇيغۇر دارۋازلىقىنى قوغداش»، «دارۋازلىق ئەسلىھەلىرى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش» قاتارلىق دارۋازلىق سەنئىتىگە ئائىت بىر تۈركۈم ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.

2005-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى سۇ ئۈستى باغچىسىغا تارتىلغان پولات سىم ئۈستىدە 38 كۈن ھايات كەچۈرۈپ، يەتتە تۈردە دۇنيا جېننىس رېكورتى ياراتقان.

بۇ دۇنيا يەتتە تۈرلۈك دۇنيا جېننىس رېكورتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىق تويىغا قىلىنغان ئەڭ كاتتا سوۋغىسى بولۇپ، ئۇ، بۇ تۆھپىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «پەلەك ئەركىسى» دېگەن شەرەپلىك نام بىلەن ئالاھىدە تەقدىرلەنگەن.

ئابلەت مەجۇنئابلەت مەجۇننىڭ تۆھپە-ئەجر مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ. ئابلەت مەجۈن يۇقىرىقىدەك ئاجايىپ نەتىجىلىرى بىلەن شىنجاڭنىڭ سېرك ۋە دارۋازلىق ئىشلىرى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە ياراتقان. شۇنداقلا ۋەتەن ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن كۆپلىگەن شەرەپلەرنى قولغان كەلتۈرۈپ، زامانىمىز كىشىلىرىگە ھەقىقىي قەھرىمانلىق ئابىدىسى تىكلەپ بەرگەن پەلەك قەھرىمانى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#