چامباشلىق

چامباشلىق جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرى بولۇپ، ئۇ تېپىش، ئۇرۇش، يىقىتىش، تۇتۇش، سوقۇش، سانجىشقا ئوخشاش ھۇجۇم-مۇداپىئەلىك ئېلىشىش تېخنىكىلىرى بەلگىلىك قانۇنىيەت بويىچە كىرىشتۈرۈلگەن تەنھەرىكەت. ئۇنىڭ يۈرۈشلۈك چامباشلىق ۋە قارشىلىشىش چامباشلىقىدىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكلى بار.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىنسانلار ھايۋانلار بىلەن ئېلىشىش، شۇنداقلا قەبىلىلەر ئارا جەڭلەردە تاش، توقماققا ئوخشاش قوراللارنى ئىشلىتىشتىن ھۇجۇم − مۇداپىئەلىك ئېلىشىشلارنىڭ تېخنىكىلىرىنى توپلىغان. چىن، خەن سۇلالىلىرىدىن كېيىن تاياقۋازلىق، شەمشەر ئوينىتىشتەك چامباشلىق پائالىيەتلىرى پۇقرالار ئارىسىدا ئومۇملاشقان. تاڭ دەۋرىدە چامباشلىق تۈزۈملىرى تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، ئىمتىھان ئېلىش، چامباشلىقتا بەسلەشتۈرۈش بىلەن ياراملىقلار تاللانغان. سۇڭ دەۋرىگە كەلگەندە، چامباشلىقتا بەسلىشىش مەزمۇنلىرى ۋە ئۆلچەملىرى تۇرغۇزۇلغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قوشۇنلار ئىچىدە مۇسابىقە ئارقىلىق چامباشلىق ماھارىتىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. چىڭ دەۋرىدە پۇقرالار ئارىسىدا «نوچىلىق تالىشىش» چامباشلىق مۇسابىقىلىرى ئەۋج ئالغان.

20 -ئەسىرنىڭ20-يىللىرى مەركىزىي دۆلەت ماھارىتى سارىيى تەسىس قىلىنغان ھەمدە ئايرىم ئۆلكە ۋە شەھەرلەردە تارماق سارايلار قۇرۇلغان. 1932-يىلى مەملىكەتلىك چامباشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. كېيىن، ھەر يىلى دېگۈدەك مەملىكەتلىك چامباشلىق مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، چامباشلىق دۆلەت ئىمتىھانى دەپ ئاتالغان. 1936-يىلى جۇڭگو بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن1-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا چامباشلىقتىن ئويۇن كۆرسىتىشكە كوماندا ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولغان. 

1949-يىلىدىن كېيىن، چامباشلىق مەملىكەتلىك مۇسابىقە تۈرىگە رەسمىي كىرگۈزۈلگەن. 1958-يىلى جۇڭگو چامباشلىق جەمئىيىتى قۇرۇلغان. 1985-يىلى دۆلەتلىك تەنتەربىيە كومىتېتى چامباشلىق تەنھەرىكەتچىلىرىنى دەرىجىگە ئايرىش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇپ، ئەزىمەت چامباش دەرىجىسى، بىرىنچى دەرىجىلىك چامباش، ئىككىنچى دەرىجىلىك چامباش، ئۈچىنچى دەرىجىلىك چامباش، ئۆسمۈر چامباش دەرىجىسى دەپ بەش دەرىجىگە ئايرىغان. شۇ يىلى شىئەندە تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا چامباشلىق تەكلىپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، 14 دۆلەت ۋە رايوندىن89 نەپەر تەنھەرىكەتچى قاتناشقان. مۇسابىقە ئارىلىقىدا خەلقئارا چامباشلىق بىرلەشمىسىنىڭ تەييارلىق كومىتېتى قۇرۇلۇپ، كاتىباتلىق ئورگىنى جۇڭگودا تەسىس قىلىنغان. 1987-يىلى ياپونىيىنىڭ يوكوخاما شەھىرىدە ئاسىيا چامباشلىق بىرلەشمىسى قۇرۇلغان ھەمدە تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا چامباشلىق لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. 1988-يىلى چامباشلىق ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈپ، 1990-يىلىدىكى11-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. 1990-يىلى دۇنيا چامباشلىق بىرلەشمىسى بېيجىڭدا قۇرۇلغان. 1991-يىلى بېيجىڭدا تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا چامباشلىق لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. نۆۋەتتە، دۇنيادا30 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا چامباشلىق تەشكىلاتلىرى قۇرۇلدى ياكى چامباشلىق پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلدى.

چامباشلىق مۇسابىقىسىنىڭ مەزمۇنىنى بەش چوڭ تۈرگە ئايرىش مۇمكىن: مۇشتۋازلىق(جەنۇب مۇشتۋازلىقى، ئۇزۇن مۇشتۋازلىق، تەيجى مۇشتۋازلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ؛ ئەسۋابلىق(قىلىچ، شەمشەردەك قىسقا قوراللارنى، نەيزە، تاياقتەك ئۇزۇن قوراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ؛ قارشى مەشىق(ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئەسۋابلىق، ئەسۋابسىز قارشىلىشىشلىرىنى ۋە ئەسۋابسىز بىلەن ئەسۋابلىقنىڭ قارشىلىشىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ؛ كوللېكتىپ تۈرلەر(چامباشلىقتا كوللېكتىپ ئويۇن كۆرسىتىش) ؛ قارشىلاشما مۇسابىقە(تەيجى ئىتتىرىشىشى، ئىختىيارىي ئېلىشىش، قىسقا ۋە ئۇزۇن قوراللاردا ئېلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) .


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#