مۇپاسسان

مۇپاسسان

مۇپاسسان ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئىجادىيىتىدە جەمئىي 300 نەچچە پارچە پوۋېست، ھېكايە، ئالتە رومان، بىر شېئىرلار توپلىمى، ئۈچ ساياھەت خاتىرىسى يازغان. ئۇ دۇنيا ھېكايە ماھىرى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ھېكايىلىرىنىڭ تېمىسى ئىنتايىن كەڭ، ئۇلارنى تەخمىنەن پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى تەسۋىرلەنگەن؛ بۇرژۇئازىيىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن ۋە بۇرژۇئازىيىنىڭ ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈكى پاش قىلىنغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى مۇپاسسان
باشقا نامى Guy de Maupassant
مىللىتى فرانسىيە مىللىتى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1850-يىلى
كەسپى يازغۇچى
خەنزۇچە ئىسمى 居伊·德·莫泊桑
دۆلەت تەۋەلىكى فرانسىيە
يۇرتى نورماندى ئۆلكىلىك دىلار ئېبلايت شەھىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1893-يىلى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1879-يىلى يازنىڭ بىر ئاخشىمى فرانسىيەنىڭ چوڭ يازغۇچىسى زولانىڭ مېيتان داچىسغا ئۆزىنى ناتۇرالىزمچى دەپ ئاتايدىغان ئالتە ئەدىب يىغىلىشقانىدى. ئۇلار پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، ھەربىرى بىردىن پوۋېست، ھېكايە يېزىشنى مەسلىھەتلەشتى. ئەسەرلەر پۈتكەندىن كېيىن، ئۇلارنى «مېيتان كەچلىك يىغىلىشى» توپلىمى قىلىپ ئاشكارا نەشر قىلدۇرماقچى بولدى. «دونداق» بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ئەسەر دەپ قارالدى، ئاپتورىمۇ شۇنىڭ بىلەن بىردىنلا داڭق چىقاردى. بۇ كېيىنكى چاغدا فرانسىيىنىڭ 19-ئەسىردىكى داڭلىق تەنقىدىي رېئالىزمچى يازغۇچىسى، ھېكايە پىرى بولۇپ يېتىلگەن مۇپاسسان (1850-1893-يىللار) ئىدى.

مۇپاسسان ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئىجادىيىتىدە جەمئىي 300 نەچچە پارچە پوۋېست، ھېكايە، ئالتە رومان، بىر شېئىرلار توپلىمى، ئۈچ ساياھەت خاتىرىسى يازغان. ئۇ دۇنيا ھېكايە ماھىرى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ھېكايىلىرىنىڭ تېمىسى ئىنتايىن كەڭ، ئۇلارنى تەخمىنەن پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى تەسۋىرلەنگەن؛ بۇرژۇئازىيىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن ۋە بۇرژۇئازىيىنىڭ ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈكى پاش قىلىنغان؛ تۆۋەن قاتلامدىكى خەلقنىڭ نامراتلىق ئازابى تەسۋىرلەنگەن ۋە ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئېسىل ئەخلاق-پەزىلىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، دېگەنگە ئوخشاش بىرنەچچە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. 

ھەرقايسى تۈرلەردىن بىرقەدەر داڭلىق ئەسەرلەر: دونداق، فې فې خانقىز، مېللۇن ئاتا، ئىككى دوست، مارجان، تاغام ژيول، مىراس، ئوردېن قولغا كەلدى، كۈنلۈك، يىللىقچى ئايالنىڭ ھېكايىسى، سېموننىڭ دادىسى، بىر ئوغۇل، قەلەندەر ۋە باشقىلار. 

دونداق«دونداق» تا دونداق دەپ ئاتىلىدىغان بىر فرانسىيەلىك پاھىشە ئايال پرۇسسىيە ئوفىتسېرى بىر كىچىك مېھمانخانىغا سولىۋالغان فرانسىيەلىك مېھمانلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھاقارەتكە چىداشقا مەجبۇر بولىدۇ، شۇنداقتىمۇ ھېسداشلىققا ئېرىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە، ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلىپ قۇتقۇزۇۋالغان مېھمانلار ئۇنى كەمسىتىدۇ. ئاپتور دونداقنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق پرۇسسىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەپقەتسىزلىكى ۋە ۋەھشىيلىكىنى، فرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ چىرىكلەشكەنلىكى ۋە قابىلىيەتسىزلىكىنى پاش قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ۋە ساختا رەھىمدىللىقىنى ئەيىبلەيدۇ، ھاقارەتلەنگەن تۆۋەن قاتلام كىشىلىرىگە ھېسداشلىق قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەيدۇ.

«مارجان» كومپوزىتسىيەسىنىڭ پۇختىلىقى، ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. ھېكايىنىڭ باش قەھرىمانى بىر كىچىك خىزمەتچىنىڭ ئايالى، ئۇ مىنىستىرنىڭ ئۆيىدىكى ئولتۇرۇشقا قاتنىشىش ئۈچۈن، بىر پۇلدار دوستىدىن بىر تىزىق «مارجان» ئارىيەت ئالىدۇ، لېكىن ئولتۇرۇشتىن كېيىن قايتىپ كېلىۋېتىپ، يولدا يىتتۈرۈپ قويىدۇ. بۇ مارجاننى تۆلەپ بېرىش ئۈچۈن ئۇ 10 يىل جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئاندىن قەرزنى قايتۇرۇپ بولىدۇ. شۇ چاغدىلا فورېستى خانىم ئۇنىڭغا بېرىپ تۇرغان مارجاننىڭ ئەسلىدە ساختا مارجان ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئاپتور ئايال باش قەھرىماننىڭ ئابرۇيپەرەسلىكى، راھەت-پاراغەتنى قوغلىشىدىغان ئىدىيىسىنى ئۇستىلىق بىلەن كۈچلۈك مەسخىرە قىلىپ، بۇنداق ئىدىيىنىڭ كىشىلەرنى زەھەرلەيدىغانلىقىنى ئېچىپ بېرىدۇ. مۇپاسساننىڭ رومانلىرىمۇ ناھايىتى ياخشى. «بىر ئۆمۈر» دە جوناخنىڭ ئۆمرىدە ئۇچرىغان بەختسىزلىكى ئارقىلىق، ئاڭسۆڭەكلەر ئائىلىسىنىڭ چىرىكلىكى ۋە گۇمران بولۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «چىرايلىق دوست» تا ۋەزىپىدىن چېكىنگەن تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېر دۇرۇئانىڭ گېزىتخانىدا خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ، كۆز بويامچىلىق قىلىپ، يۇقىرى قاتلامدىكى ئاياللارنى ئازدۇرۇپ، ئاندىن كېيىن، ئامىتى كەلگەنلىكى، قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە يېزىلىپ، فرانسىيەنىڭ 3-جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدىكى جەمئىيەتتىكى خىلمۇخىل رەزىل ھادىسىلەرنى ئېچىپ بەرگەن. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#