سىيىلۋستر ستاللون

سىتاللۇن

سىيىلۋستر ستاللون 1946-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شىتابىدا تۇغۇلغان، رەسسام، ئارتىس، رېژىسسور ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى. ئامېرىكا ئالتۇن قارائۈرۈك مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى سىيىلۋستر ستاللون
باشقا نامى ستاللون
يۇرتى نيۇيورك شىتابى
بوي ئېگىزلىكى 178 سانتىمېتىر
قان تىپى A
خەنزۇچە ئاتىلىشى 西尔维斯特·史泰龙
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1946-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى
بەدەن ئېغىرلىقى 80 كىلوگىرام
كەسپى رەسسام، ئارتىس، رېژىسسور ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سىتاللۇنسىتاللۇن 1946-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شىتابىدا تۇغۇلغان، رەسسام، ئارتىس، رېژىسسور ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى. ئامېرىكا ئالتۇن قارائۈرۈك مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى.

كىچىك ۋاقتىدا ئۇنىڭ تالانتى ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ئويناشتا ئىپادىلەنگەن، كىيىنچە كىنو-تىياتېر ئارتىسى بولوشقا ھەۋەس باغلىغان. كېيىن مىئامىي ئۈنۋېرسىستىنىڭ تىياتىر كەسپىدە تەتقىقاتىچى ئوقوغۇچى ﺑﻮﻟﯘﭖ ئوقوغان ھەم سىنارىيە ئىجادىيىتىنى باشلىغان.

بىراق ئوقوشنى تاماملىماي تۇرۇپ، ﺋﻮنۋېرسىتىتتىن چىكىنىپ نىيۇ-يورك شەھىرىگە كېلىپ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ئىزلىگەن.

بىرقانچە يىلدىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەسىرى روكىينى ئېلىپ ھوللىيۋودقا كېلىپ مەبلەغ سالغۇچىنى ئىزدەيدۇ، فېلىم تاماشىبىنلار بېلەن يۈزكۆرۇشكەندىن كېيىن ئۇنىڭ نامى بىراقلا چىقىپ كەتكەن.

سىتاللۇننىڭ روكىي ۋە تۇنجى تامچە قان قاتارلىق يۈرۈشلۈك فىلىملىرى ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ يۇقۇرى پەللىسى ھىسابلىنىدۇ، بۇ بىرقاتار فىلىملەردىكى سىتاللۇن ياراتقان ئوبرازلار كىنو مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىكى مەبۇدىغا ئايلانغان.

ئۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەسلىدىكى قەھرىمانلىق تېمىدىكى فىلىملەردىن كومىدىيىلىك فىلىم ساھەسىگە كىرىش ئۈچۈن ئۇرۇنغان بولسىمۇ ئۆزى كۈتكەن ئۈنۈمگە ئىرىشەلمىگەن.

20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كېيىن ئۇنىڭ كەسپى ھاياتى چىكىنىش دەۋرىگە قەدەم قويغان.

1976-يىلى يوھان.ۋىيلىسنىڭ دۇنيا ئېكرانى سىتاللۇننى ئەينى دەۋردىكى ئەڭ ئىلگىرى باسقان يېڭى چولپان دەپ باھالىغان.

 1976-يىلى ئۇنىڭ تۇنجى فېلىمى روكىي نىڭ شۆھرىتى ئۇنىڭ كىيىنكى ھەرقانداق دەۋردىكى شۆھرىتىدىن ئىشىپ چۈشكەن بولۇپ، روكىي قويولغاندىن كېيىن داڭلىق ئوبزۇرچى Roger Ebert سىتاللۇننى ئىككىنچى مارلون.بىراندۇ دەپ تەرىپلىگەن.

1984-يىلى سىتاللۇن ۋە Dolly Parton ئىككىسىنىڭ نامى ھوللىيۋودنىڭ يۇلتۇزلار كوچىسىغا ئويولغان.

 1986-يىلى تۇنجى تامچە قان ئىشلىنىپ دۇنياۋى مۇۋاپىقىيەت قازانغاندىن كېيىن سىتاللوننىڭ ھوللىيۋودتىكى ئورنى تېخىمۇ مۇكەممەلەشكەن.

شۇ يىلى ئامېرىكىنىڭ ئەلباشى رىگان ئۇنى ئاق سارايغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇنى دوستانە قۇبۇل قىلغان.

2002-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى كىنو-تېلېۋىزىيە سودا ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 21 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نىۋادا شىتاتىنىڭ لاس-ۋىيگاس شەھىرىدە ئىچىلغان تەبرىكلەش يىغىلىشدا سىتاللونغا ھەرىكەتلىك فېلىم گىگانت چولپىنى مۇكاپاتى بىرىلگەن.

2003-يىلى ئامېرىكا كىنو ئىنىستىتۇتى ئېلىپ بارغان، قەھىرىمان ئوبرازلىىرنى باھالاش پائالىيىتىدە سىتاللون 7-ئورۇندا تۇرغان، ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغان، 6 نەپەر ئاكتىيۇر بولسا :Gregory Peck, Harrison Ford, Sean Connery, Humphrey Bogart, Gary Cooper,Jodie Foster قاتارلىقلار ئىدى.

2006-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكا بوكىس تېمىسىدا ئەسەر يازغۇچىلار جەمئىيىتى، جەمئىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 81 يىللىقى مۇناسىۋىتى بېلەن لاس ۋىيگاستا يىغىن چاقىرېپ سىتاللونغا ئۆمۆرلۈك مۇۋاپىقىيەت شەرىپىنى بەرگەن.

ئاسىيادىكى داڭلىق كىنو ئىشلەش ماكانى بوللىيۋودتىمۇ سىتاللۇن ئوخشاشلا كىنو مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىكى يۈكسەك ئوبراز، ھىندىستاننىڭ داڭلىق قەھرىمان ئوبرازى يارىتىدىغان ئارتىسلىرىدىن Salman Khan, Sunny Deol, Bobby Deol, Dhanmendhra, Sanjay Dutt, Sunil ShettyۋەHrithik Roshan قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىتاللۇننىڭ ئەسەبىي مەستانىلىرى ھىسابلىنىدۇ.

ھەتتا داڭلىق چولپان Sunny Deol ئۆز ئوغلىنىڭ ئىسمىنى روكىي دەپ قويغان. Premiere ژورنىلى سىتاللون ياراتقان روكىي ئوبرازىنى تارىختىكى 100 مەشھۇر كىنو پۇرسۇناژى (ئوبراز،رول) ئىچىدە 64 ئورۇنغا تىزغان.

ئۇندىن باشقا روكىي فېلىمى ئامېرىكا كىنو ئىنىستۇتى تەرىپىدىن دۇنيا كىنو قامۇسى تەرتىپىدا 4-ئورۇنغا ﺗﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ.

2004-يىلى ئالتۇن قارائۈرۈك مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولغان سىتاللۇن، باھالاش داۋامىدا 30 تۈردە ئىسمى ئاتالغان بولۇپ 10 تۈردە رىقابەتچىلىرىنى يەڭگەن، ئۇ شۇنىڭ بىلەن ئەڭ كۆپ تۈردە مۇكاپاتلانغان تۇنجى شەخىس بولۇپ قالغان. 1985-يىلدىن 1997-يىللىرىغىچە سىتاللون ھەريىلى ئالتۇن مۇكاپات تېزىملىكىگە كىرگەن،بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قېتىم ئەڭ ياخشى ئەر رولچى بولوپ مۇكاپاتلانغان.

ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى رىكورتىنى تاھازىرغىچە ھىچكىم بۇزالمىغان.

مىئامى ئۇنىۋېرسىتېتى

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#