ھەرىكەت ۋە دەم ئېلىش

ھەرىكەت ۋە دەم ئېلىش

ئادەم ھاياتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان نەرسىلەرنىڭ يەنە بىر قىسمى مۇۋاپىق ئەمگەك قىلىش (ھەرىكەت قىلىش) ۋە دەم ئېلىش (سۇكۇنەت) دۇر. ھەرىكەت قىلىش ۋە دەم ئېلىش ئۆزئارا ماسلىشىپ كەلمىسە، ئىنساندا روھىي ياكىجىسمانىي تەرەپتىن نورمالسىز ھالەتلەر پەيدا بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ھەرىكەت ۋە دەم ئېلىش
خەنزۇچە ئاتىلىشى 运动和休息

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئادەم ھاياتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان نەرسىلەرنىڭ يەنە بىر قىسمى مۇۋاپىق ئەمگەك قىلىش (ھەرىكەت قىلىش) ۋە دەم ئېلىش (سۇكۇنەت) دۇر. ھەرىكەت قىلىش ۋە دەم ئېلىش ئۆزئارا ماسلىشىپ كەلمىسە، ئىنساندا روھىي ياكىجىسمانىي تەرەپتىن نورمالسىز ھالەتلەر پەيدا بولىدۇ. ئەمگەكنىڭ تۈرى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، دەم ئېلىشنىڭ تۈرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بۇ يەردە بىز ئادەمنىڭ كۈندىلىك ۋەزىپىسى بولغان ئەمگەك ھەققىدە ئەمەس، بەلكى تەنھەرىكەت ھەققىدە سۆزلىمەكچىمىز. ھەركەت دىگىنىمىز- سەزگۈ- ھەركەت نىرىپلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن مەلۇم مەقسەت ئۈچۈن نىشانلىق ۋە نىشانسىز قىلىنغان پائالىيەت نامىدىن ئىبارەت. ياكى بەدەنگە نىسبەتەن گەۋدە نىرىپلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز پائالىيەت جەريانىدا سەزگۈ ۋە ھەركەت نىرىپلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن بەدەندە ئىلىپ بىرىلىدىغان توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنىڭ ياكى مەلۇم ئەزا سىستىمىلارنىڭ ئاجرىتىش، قۇبۇل قىلىش، چىقىرىشتىن ئىبارەت ماددا ئالمىشىشنىڭ توختاۋسىز جەريانى ھەركەت دىيىلىدۇ. كەڭ تەبىئەتكە قارىتا ئىيتقاندا، مالكۇلىلارنىڭ ئۆز- ئارا ئاتۇملار تەسىرىدىكى زەرەتلىنىش جەريانى ھەركەت دىيىلىدۇ.

ھەركەتنىڭ رولى

 (1) نۇرمالنى ھەركەت بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش جەريانىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ، چىقىرىش پائالىيىتىنىڭ نۇرمالنى بىجىرلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

(2) مۇسكۇل توقۇلمىلارنىڭ ئېنىرگىيە سەرپىياتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ ئەزالارنىڭ چىداملىغىنى ئاشۇرىدۇ، قارشىلىق كۈكچىنى ئاشۇرىدۇ.

(3) قۇۋۋەتلەر ۋە روھلارنىڭ بىر- بىرىنى تولۇقلىشىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ ياكى تۇلۇقلاش پائالىيىتىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. سالامەتلىكنى ساقلاش ۋە پۈتۈن بەدەن ئەزالىرىنىڭ نورمال ئاناتومىيىلىك ۋە فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ياخشى داۋام قىلىشى، ساغلام بولۇشى ۋە ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرۈش ئۈچۈن تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىنىڭ چوڭ مۇناسىۋىتى بار. تېبابىتىمىزدە تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇھىملىقى ئاللىقاچان تەكىتلىنىپلا قالماي، بەلكى ھەربىر ئادەمنىڭ جىسمىي تۈزۈلۈشى، كۈچ − قۇۋۋىتى، يېشى ۋە جىنسىغا قاراپ مەخسۇس تەنھەرىكەت قائىدىلىرى ۋە ئۇسۇللىرى بەلگىلەنگەن. تەنھەرىكەت ئادەم بەدىنىدىكى مۇشەك گۆش (مۇسكۇل) ۋە پەيلەرنى چىڭىتىدۇ ۋە كۈچ قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ، تەبىئەت كۈچلىنىدۇ. يۈرەك، مېڭە، جىگەر قاتارلىق رەئىس ئەزالارنىڭ خىزمىتىمۇ جانلىنىدۇ. قان ئايلىنىش تېزلىشىپ ھاۋايى نەسمىي (ئوكسىگېن) نى شوراش ۋە ھاۋايى دۇخانىينى چىقىرىش زىيادىلىشىدۇ. بەدەندىكى نەرسىلەر − تەر، سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىپ كېتىشى تېزلىشىدۇ. قان تازىلىنىدۇ، ئىشتەي ئېچىلىدۇ، ياغلىق ۋە كۈچلۈك تاماقلارنى يېيىشكە رىغبەت پەيدا بولىدۇ، يېگەن نەرسە ئوبدان ھەزم بولىدۇ. بەدەندىكى سۇسلۇق ۋە ئېغىرلىق كۆتۈرۈلىدۇ. ئەتىگەندە ئاز − تولا تەنھەرىكەت قىلغان ئادەم كەچكىچە جانلىق ۋە تېتىك تۇرىدۇ. كېچىسى ئۇيقۇسى ئوبدان كېلىدۇ، ئەقلىي قۇۋۋەتلەر تېزلىشىدۇ. ئەزالارمۇ نورمال ئۆسىدۇ، بەك سەمرىمەيدۇ ياكى ئورۇقلاپ كەتمەيدۇ. لېكىن مۇناسىپ تەنھەرىكەت قىلماسلىق ياكى ھېچقانداق جىسمانىي ئەمگەك ۋە ھەرىكەتكە قاتناشماستىن داۋاملىق ئەقلىي ئەمگەك بىلەن سۇغۇللىنىش ياكى دااملىق ھېچقانداق ئىش قىلماي راھەتپەرەس بولۇپ يۈرۈش نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇنداق ئادەملەرنىڭ بەدىنى ۋە ئەزالىرى چېنىقمىغانلىقى ئۈچۈن، ئازراق شامال تەگسىلا زۇكامداپ قالىدۇ ۋە ئاسان كېسەل بولىدۇ، سەمىرىپ كېتىدۇ، زېھنىي كۈچىمۇ تۆۋەنلەيدۇ. ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ جىسمانىيىتى ۋە كۈچ − قۇۋۋىتىگە قاراپ ھەرىكەت ئۆلچىمىنى بەلگىلىۋېلىشى لازىم. ھەرىكەتنى نورمال ئىشلەش، ئاستا باشلاپ بارغانسېرى مىقدارىنى ئاشۇرۇش، بەدەننىڭ ئۆسۈش قابىلىيىتىگە قاراپ ھەرىكەت قىلىش كېرەك. بالىلار، ياشلار ۋە چوڭ ياشتىكىلەر ئوخشاش قاتتىق جىسمانىي ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىقى لازىم. كىچىك بالىلارغا ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ئويناشلىرى، يۈگۈرۈش، سەكرەش، توپ ئويناش، ئېلاڭگۈچ ئۇچۇش، توۋلاش − ۋارقىراشلىرىنىڭ ھەممىسى ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ. بەدەننىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم قىلىدۇ، ئۇلارنى بۇنداق ئىشلاردىن چەكلىمەسلىك لازىم. بالىلارنى ئۆيدىن چىقارماسلىق، ئازادە − ئەركىن ھەرىكەت قىلدۇرماسلىق − بالىلارنىڭ تەن سالامەتلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق. بالىلارغا ھېچ بولمىغاندا، كۈندە ئىككى سائەت ئويناشقا رۇخسەت قىلىش كېرەك. كىچىك بالىلارنى كۈن بويى خىزمەتكە سېلىش چوڭ خاتالىقتۇر. كىچىكىدىن تارتىپ ھەمىشە ئىشقا سېلىپ چوڭ بولغان بالىلارنىڭ بەدىنى كۈچەپ كېتىپ مۇۋاپىق چوڭىيالماي قالىدۇ. ئەقلىي تەرەققىياتىغا دەخلى يېتىپ دىۋەڭ بولۇپ قالىدۇ. ھەرقانداق ئادەمنىڭ باشقىلارنىڭ يوليورۇقىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ تەبىئىي ئەركىنلىكى بولۇشى، ئەركىن تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئىش قىلىشىمۇ زۆرۈر. ھەمىشە باشقىلارنىڭ يوليورۇقى ۋە ھەرخىل بۇيرۇق ئەمرى − پەرمانلىرى ۋە چەكسىز چەكلىمىلىرى ئاستىدا ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئادەملەر خۇددى مېڭىسىز ماشىنىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلارنى ياش چېغىدىن تارتىپ ئىختىيارىي ھەرىكەت قىلىشى، مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈشىگىمۇ رۇخسەت قىلىش لازىم. تەنھەرىكەت قائىدىلىك قىلىنىشى لازىم. بەك ھېرىپ كەتمەسلىك، بولۇپمۇ يۈرەك، ئۆپكە كېسىلى بار، نەپەس سىقىلىدىغان ئادەملەر ئېغىر ھەرىكەت قىلماسلىقى، كۈچەپ ھەرىكەتلەنمەسلىكى لازىم. تەنھەرىكەتنى ئاستا مېڭىش ۋە پۇت − قوللارنى سوزۇش ئارقىلىق ئورۇنلىسىمۇ بولىدۇ. ھەرىكەت جەريانىدا ھاسىراش، نەپەس سىقىلىش يۈز بەرسە، بەك تەرلەپ كەتسە ئۇنى دەرھال توختىتىش كېرەك. بەك ئىسسىق كۈنلەردە ھەرىكەت قىلىش زىيانلىق. مەخسۇس تەنھەرىكەتچىلەر، مەسىلەن: توپ ئوينىغۇچى، يۈگۈرگۈچىلەر ھەرىكەتتىن 20~15 مىنۇت كېيىن دەملەنگەن چايغا ئازراق لاچىندانە سېلىپ قىزىق − قىزىق ئىچىپ بەرسە ھارغىنلىقنى ئالىدۇ. لېكىن تەنھەرىكەتلەردىن كېيىن ھەرگىز سۇغۇق سۇ، سۇغۇق ئىچىملىكلەر ئىچمەسلىكى كېرەك.

زىيادە ھەركەتنىڭ ئىنسانلار سالامەتلىگىگە بولغان زىيانلىق تەسىرى

(1) ئىنىرگىيە ۋە سۇيۇقلۇقنى قۇرۇتۇپ، ئەزالاردا قۇرغاقلىق ۋە تارتىشىشچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

(2) زىيادە ھەركەت جەريانى ئومۇمى بەدەن زەئىپلىشىش خارەكتىرلىك ئىممونىت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ. قۇۋىتى ھايۋانى ۋە قۇۋىتى تەبىئىنىڭ ھەركەت ئىقتىدارىغا نوقسان يەتكۈزىدۇ.

(3) روھ ۋە قۇۋۋەتلەرنىڭ ئورۇن بېسىش خارەكتىرلىك ئايلىنىش جەريانىغا نۇقسان يەتكۈزىدۇ. جىسمانىي ھەرىكەتلەرنى قىلىش ۋە مېڭىنى دەم ئالدۇرۇشنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا سالامەتلىك ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. جىسمانىي ھەرىكەتتە ئىنساننىڭ مۇسكۇل ۋە پەيلىرى چېنىقىپ كۈچ − قۇۋۋەت ھاسىل قىلىدۇ. ئەمما مېڭە قۇۋۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن يەنە ئۇنىڭغىمۇ مەخسۇس مېڭىنىڭ چېنىقتۇرۇلۇشى (دىماقىي چېنىقىش) لازىم بولىدۇ.ئەقلىي ئەمگەك قىلغۇچىلار پات − پات ھاۋالىق جاي ۋە جىمجىت مۇھىتتا دەم ئېلىشى لازىم. ساپ ھاۋادا ئوكسىگېن كۆپ قانغا ئۆتۈشىمۇ ياخشى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەقلىي ئەمگەك قىلغۇچىلار ئوچۇق مەيدان، باغچىلار ۋە دەريا بويلىرىدا سەيلە قىلىشلىرى، ئۇخلاش ئالدىدا بىر قانچە مىنۇت مېڭىپ يۈرۈپ، يۇيۇنۇپ يېتىشلىرى پايدىلىق. تەنھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشى ۋاقىت ئەتىگەندە تاڭ سۈزۈلگەندىن كۈن چىققۇچە بولغان ۋاقىت بولۇپ، بۇ چاغدا ھاۋا نىسبەتەن ساپ بولىدۇ. ئەمما قورساقنى تويغۇزۇپلا ھەرىكەت قىلىش ياخشى ئەمەس. تەنھەرىكەتنىڭ شەكىللىرى ئوخشاش بولمايدۇ. ھەرقانداق ئەزانىڭ چېنىقىشى ئۈچۈن ئۆزىگە خاس ئۇسۇل بار. ياشانغانلار ئاستا مېڭىش، قول − پۇتلىرىنى سوزۇپ يىغىش، ئېلانگۈچ، يۆلەنچۈكلەردە تەۋرىنىش، سالامەتلىكى يار بەرگىدەك باشقا مەشىقلەر بىلەن شۇغۇللىنىشلىرى مۇمكىن. ئومۇمەن ئات ۋە ئېشەكلەرگە مېنىش، ماشىنا − ھارۋىلاردا يۈرۈش قىلىش، سۇ ئۈزۈش، مۇز تېيىلىش، توپ، تىكتاك توپ ئويناش، قولۋاق )قېيىق( ھەيدەش، يۈگۈرۈش، سەكرەش، پىيادە مېڭىش، بەدەننى مۇجۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەنھەرىكەت قاتارىغا كىرىدۇ.  

قەدىمكىلەر ئومۇمىي ھەرىكەتنى مۇنداق تۆت خىلغا بۆلگەن:

1) ئۆز جايىدا تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش، ئەزالىرىنى سوزۇپ يىغىش؛

2) بەدەننى قىزىتىش ۋە سوۋۇتۇش؛

3) بىر جايدىن ئىككىنچى بىر جايغا يۆتكىلىش، يەنى مېڭىش، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش قاتارلىقلار. بۇ ھەرىكەتلەرنى يەنە كۈچلۈك ھەرىكەت، ئاجىز ھەرىكەت، كۆپ ھەرىكەت، ئاز ھەرىكەت، تېز ھەرىكەت قاتارلىق ئون نەچچە خىل تۈرگە بۆلۈپ تونۇشتۇرغان. بۇ يەردە بۇلارنى تەپسىلىي سۆزلەپ ئولتۇرمايمىز. قەدىمكى ھۆكۈمالارنىڭ يېزىشىچە، ھەربىر ئازانىڭ ئۆزىگە خاس چېنىقىشى بار. شۇ خاس پائالىيەت بىلەن چېنىققان ئەزا ئۇزۇن مۇددەتكىچە ئۆز خىزمىتىنى ئوبدان بېجىرەلەيدۇ. مەسىلەن: ئەستە ساقلاش كۈچىنى كۆپ ئىشقا سالغان، يەنى ئىلمىي مەلۇماتلارنى كۆپلەپ يادا ئالغان، ئۇيقۇنى كەمرەك ئۇخلىغان، ھەرقانداق نەرسىنى تەكرارلاپ ياد ئېلىۋېلىشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش كۈچى (قۇۋۋىتى ھافىزەسى) ياخشى بولىدۇ. نەرسىلەرنى ئاسان ياد ئېلىۋالىدۇ. ئۇزۇنغىچە ئۇنۇتمايدۇ، بۇمۇ چېنىقىش دېيىلىدۇ. ئويلاش ۋە پىكىر قىلىشقا ئادەتلەنگەن ئادەملەرنىڭ ئەقلىي ۋە سەزگۈرلۈك كۈچى يۇقىرى بولىدۇ. ئۇلار قېرىغاندىمۇ تەپەككۇر ئىقتىدارىدىن قالمايدۇ. شۇنىڭدەك كۆز بىلەن يىراقتىكى نەرسىلەرگە بايقاشقا ئادەتلىنىش، چىرايلىق مەنزىرىلەرگە قاراش، يېشىللىق گۈلزارلىقلارنى ساياھەت قىلىش ۋە ئۇششاق خەتلەرنى ئوقۇشنى مەشىق قىلىش كۆزنى چېنىقتۇرغانلىق بولىدۇ. يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ناخشا ئېيتىش،كىتاپ ئوقۇش ۋە باشقىلار ئاۋاز چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشىلايدۇ ۋە باشقىلار.

 4) مۇجۇش: ئەزالارنى ھەرخىل شەكىلدە مۇجۇش، تۇتۇش، بېسىش، چىمدىش، يەڭگىل مۇشلاش، سىلاش، تارتىش قاتارلىقلارمۇ ئەزالارنى چېنىقتۇرۇش قاتارىغا كىرىدۇ. بۇلارنىڭمۇ مەلۇم پايدىسى بار. مەسىلەن: بىر ئەزانى تەرتىپلىك ھالدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ياكى تۆۋەندىن يۇقىرىغا چىڭ مۇجۇپ بېرىلسە شۇ ئەزادىكى قۇيۇق ھالەتتىكى قايغان سۇيۇقلۇقلار تەھلىل تاپىدۇ. يۇمشاق مۇجۇش يەرلىك ئورۇنغا سۇيۇقلۇقلارنىڭ كېلىپ كېتىشىنى تەڭشەيدۇ. ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ )ئەمما ئۇزۇن مۇددەت قاتتىق مۇجۇش ئەزانى ئورۇقلىتىۋېتىدۇ(. مۆتىدىل مۇجۇش مۇسكۇللارنى تارتىش، سىرىش، يەرلىك ئورۇندىكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ ئاغرىشنى پەسەيتىدۇ ھەم سەمرىتىدۇ. قول ئالقىنى بىلەن يۇمشاق سىلاش يەرلىك ئورۇندا قاننىڭ يۈرۈشۈپ تۇرۇشىغا ۋە خىلىتلارنىڭ تەڭشىلىپ تۇرۇشىغا پايدىلىق. ئادەتتىكى جىسمانىي ئەمگەكلەردە ئەزالارنىڭ ھەرىكەتلىنىش دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، چېنىقىشمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن: دېھقانچىلىق ئەمگەكلىرىنىڭ كۆپچىلىكىدە پۈتۈن گەۋدە ھەرىكەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن، جىسمانىي سەرپىياتلار ئارتۇق ۋە چېنىقىش ياخشى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دېھقانلار ۋە باشقا ئەمگەكچىلەر شەھەرلىكلەرگە نىسبەتەن ساغلام بولىدۇ. چارۋىچىلارنىڭ ئەمگىكىمۇ جىسمانىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئېغىرراق ئەمگەك ھېسابلىنىدۇ. قول ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ ئەمگىكىدە پۇت ياكى قوللىرىلا تولاراق ھەرىكەتلىنىدۇ. شۇڭا رەسمىي تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىنىڭ رولىنى ئۆتىيەلمەيدۇ. پۇت − قول ھەرىكىتى كۆپ، ئەمما باشقا ئەزالىرى ئانچە كۆپ ھەرىكەت قىلمايدىغان ئادەملەر قوشۇمچە تەنھەرىكەت قىلىشى لازىم. بولۇپمۇ ئەقلىي ئەمگەك قىلغۇچىلار، زىيالىي ياشلار، بالىلار ۋە ئاياللارنىڭ تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشى ناھايىتى پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەر ئىككى سائەتتە 15 ~ 10 مىنۇت دەم ئېلىش لازىم. دەم ئېلىش دېگىنىمىز، پەقەت يېتىپ ئۇخلاشتىنلا ئىبارەت بولماستىن، تېگىشلىك ئۇيقۇدىن باشقا، سىرتقا چىقىپ سەيلە − ساياھەت قىلىش، ھاۋالىنىش، تەنھەرىكەت قىلىش، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەقلىي ئەمگەك قىلغۇچىلار، بولۇپمۇ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئىشلەش بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشى لازىم. ئىلىم ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن ئەستايىدىل شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ دەم ئالماستىن كېچە − كۈندۈز ئىشلەشلىرى خەتەرلىك. زېھنىي قۇۋۋەت )قۇۋۋائىي ئەقلىيە( نى، يەنى مېڭىنى دەم ئالدۇرۇپ تۇرۇش لازىم. كۈندە كۆڭۈل قويۇپ 6 ~ 8 سائەت ئەمگەك قىلسا شۇ يېتەرلىك. بەزى ئوقۇغۇچىلار دەرس ۋاقتىدا دەرسكە سەل قاراپ، ئوقۇشقا كۆڭۈل بۆلمەي يۈرۈپ، ئىمتىھانغا ئاز قالغان چاغدا كېچە − كۈندۈز كىتاب كۆرۈپ ئۆگىنىشكە تىرىشىپ باقىدۇ. بۇنىڭدا ئۇ مېڭىسىنىمۇ كاردىن چىقىرىدۇ، ئىمتىھاندىنمۇ ئۆتەلمەيدۇ. كىتاب، ماتېرىيال كۆرگەندە، بەك دوڭغىيىپ ئولتۇرماسلىق ياكى كىتابنى كۆزگە يېقىن تۇتماسلىق، ئورۇندۇقتا رۇس ئولتۇرۇپ يېزىش ۋە ئوقۇش كېرەك. كىتاب ئوقۇيدىغان، خەت يازىدىغان جاينىڭ يورۇتۇلۇشى ياخشى ۋە يورۇقلۇق سول ياقتىن چۈشۈپ تۇرىدىغان بولۇشى شەرت. يورۇقلۇقى، ھاۋاسى ياخشى بولمىغان، گۇڭگا ئۆيلەردە كىتاب ئوقۇش، يېزىش زىيانلىق. ھەر ئىككى سائەتتە بىر قېتىم مېڭىنى ۋە كۆزنى دەم ئالدۇرۇش لازىم. بولۇپمۇ مېڭە ئېسىلىش، كۆز تورلىشىش، باش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، دەرھال ئىشنى توختىتىش كېرەك. كۆرۈش كۈچى ئاجىزلاشقانلار مۇۋاپىق كۆز ئەينەك تاقىۋېلىشى كېرەك. جىملىق-سەزگۈ نىرىپلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ھەركەت نىرىپلىرىنىڭ ۋاقىتلىق ئارام ئېلىش جەريانى _ جىملىق دىيىلىدۇ. يەنى بەدىنىمىزدىكى گەۋدە ھەركەت نېرىپلىرىنىڭ نىسپىي ھەركەتسىز ياكى ئارام ئېلىش جەريانىدىن ئىبارەت.

(1) ھەركەت جەريانىدا سەرىپ بولغان ئېنىرگىيە ۋە قۇۋۋەتلەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ.

(2) توقۇلما ئەزالارنىڭ ئىلاستىكىلىقى، سىلىقلىقى ۋە ئەۋرىشىملىكىنى ساقلايدۇ.

(3) نېرۋا ئۇچلىرى زىيادە غىدىقلىنىشتىن كېلىپ چىققان ئىختىيارى خارەكتىرلىك غەيرى نورمالنى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. زىيادە

جىملىقنىڭ ئىنسانلار سالامەتلىگىگە بولغان زىيانلىق تەسىرى

(1) ھەركەت نىرىپلىرىنىڭ ماسلىشىشچانلىغى ۋە سىزىمچانلىغىنى سۇسلاشتۇرىدۇ.

(2) زىيادە جىملىق جەريانى سۇيۇقلۇق ۋە ماي تولۇش خارەكتىرلىك كصسەللىكلەر، يەنى ۋىنا ئەگرىلىگى، يۇقۇرى قان بصسىم كېسەللىگى، ماي تولۇش خارەكتىرلىك قورساققا سۇ چۈشۈش .... قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

(3) زىيادە جىملىق جەريانى ھەممە ئەزالاردا ئىختىلاج ۋە ئىتىرخائىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەم ھەمىشە ئۆزىنى خۇشال − خۇرام تۇتۇشى كېرەك. ھەرقانچە قىيىنچىلىق ۋە غەم − غۇسە ئىچىدە بولسىمۇ ئۆزىنى خۇشال تۇتۇشى ھەر جەھەتتىن ياخشى. قەدىمكى گرېتسىيىدە ئۆتكەن مەشھۇر پەيلاسوپ سۇقرات ھەكىم شۇنداق دېگەن: ‹‹ئىنسان ھەمىشە خۇشال تۇرىدىغان بىر يۈرەككە، يەنى روھىي كۈچكە ئىگە بولالىسا، ئۇ ھەرقانچە قىيىنچىلىق ۋە خاپىلىق ئىچىدە تۇرسىمۇ يەنىلا ئۇ بەختىيار ئىنسان بولىدۇ. خۇشال يۈرەككە ئىگە بولمىغان ۋە غەمكىن، روھسىز ئادەملەر ھەرقانچە بەخت − سائادەت ئىچىدە بولسىمۇ، بەختسىز ئىنساندۇر››. دېمەك ئىنسان ئۆزىنى خۇشال تۇتۇشى، غەم − ئەندىشىلىك ھېسسىياتىنى يېڭىپ، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشىشى، قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىلەرنى ئىخلاس − ئەقىدە ۋە قىزغىن كەيپىيات، زوق − شوق بىلەن تىرىشىپ ئىشلىشى لازىم. مانا شۇنداق قىلغان ئىنسانلار داۋاملىق كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلەيدۇ، ھەرقانداق ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ. روھسىزلىق، ئۈمىدسىزلىك، چۈشكۈنلۈك، ھورۇنلۇق ئىنساننى داۋاملىق پالاكەتچىلىك ۋە بەختسىزلىك، كېسەللىك، كەمبەغەلچىلىككە ئېلىپ كېلىدۇ.  قەيسەر ئىرادىلىك، ئۈمىدۋار ئىنسانلار تاسادىپىي سەۋەبلەر بىلەن بەختسىزلىككە ئۇچراپ قالسا، يەنىلا ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ، بەك روھسىزلىنىپمۇ كەتمەيدۇ. بەلكى ئۇ ئۆز ۋىجدانى ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئىنسان ئۈمىدۋارلىق بىلەنلا ياشىيالايدۇ، ئۈمىدسىزلىك كىشىنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. كۆڭۈل ئېچىش: ھەربىر ئىنساننىڭ كەڭ دائىرىدە ئېيتقاندا، جەمئىيەت، ۋەتەن، مىللەت، دۆلەت ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن؛ كىچىك دائىرىدە ئېيتقاندا، ئۆز شەخسىي، ئائىلە ئەۋلادى ئۈچۈن ئۆتەيدىغان ناھايىتى مۇھىم خىزمىتى بار. ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ئىشلەنگەن ھەرقانداق ئىش ئاشۇنداق زور مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇشۇنداق مۇھىم، مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئۆتەيدىغان ئىنسان ھەر دائىم باش چۆكۈرۈپ ئىشلەش بىلەنلا بولماسلىقى، ئارام ئېلىشى، كۆڭۈل ئېچىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا، يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ئۇلۇش ۋە مۇشەققەتلىك ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلىيالايدۇ، روھىي ۋە جىسمانىي قۇۋۋىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ. ياخشى دوستلار بىلەن سۆھبەتلىشىش، ھاۋالىق، گۈزەل مەنزىرىلىك جايلاردا ساياھەت قىلىش، پايدىلىق كىتاب، رومانلارنى ئوقۇش، ناخشا − مۇزىكا ئاڭلاش، دۇتار − تەمبۇر چېلىش، ھازىرقى زاماندىكى تىياتىر، كىنو، تېلۋىزورلارنى كۆرۈش قاتارلىق مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كۆڭۈل ئېچىش لازىم. ئەمما كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى دۆلەت قانۇنى، ئىجتىمائىي تۈزۈم، مىللىي ئۆرپ − ئادەت ۋە مەدەنىي ئەخلاق دائىرىسىدە ۋە كەلگۈسى ئەۋلادقا تەربىيىۋى ئەھمىيەتلىك بولۇش ئۆلچىمى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. شۇنىڭدەك كۆڭۈل ئېچىش مۇئەييەن ۋاقىت چۈشەنچىسى ئاساسىدا بولۇشى زۆرۈر. ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدىغان، نورمال ئۆگىنىش خىزمەت مەشغ−ۇلاتلى−رىغا دەخل−ى يەتكۈزىدىغ−ان ب−ولماس−لىق−ى ش−ەرت. چۈنك−ى ق−ەدىمكىل−ەر »ۋاقىت − ئالتۇن«، »ۋاقىت − ئۆمۈر« دېگەن. كۆڭۈل ئېچىشنى ھورۇنلۇق، ئەخلاقسىزلىق، شارابخورلۇق، ئەپيۈن، نېشە ۋە باشقا مەس قىلغۇچى دورىلارنى ئىستېمال قىلىش، پاھىشىۋازلىق، لەۋۋاتلىق، ئانونىزم »جەلق« بىلەن شۇغۇللىنىش، كۆپ ئۇخلاش قاتارلىق ناچار ئادەتلەرگە ئايلاندۇرۇۋېلىش ئېغىر خاتالىق بولۇپ، يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ سالام−ەتلى−كىنى س−اقلاش، روھى−ي، ئ−ەقلىي ۋە جىسم−انىي كۈچ − قۇۋۋەتلىرىنى ئاسراش ئۈچۈن نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشى كېرەك. ھەرقانداق ئىشتا مۆتىدىل، ئېغىر − بېسىق ۋە سوغۇققان كەيپىيات ئىچىدە ئىش ئېلىپ بېرىش لازىم. نورمال ياكى مۆتىدىل دېگەن سۆز: ھەرقانداق ئىشنى چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك ۋە بەك تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك دېگەنلىكتۇر. ھەر نەرسىنىڭ مۆتىدىل بولغىنى ئىنساننىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ھاياتى ئۈچۈن پايدىلىق.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=993

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#