ئابېل

ئابېل 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن ياش ماتېماتىك. ئۇ 1802-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلوغا يېقىن بىر جايدا تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئابېل
دۆلەت تەۋەلىكى نورۋېگىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1802-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى
كەسپى ماتېماتىكىشۇناس
چەتئەلچە نامى Abel
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿贝尔
يۇرتى نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلو
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1829-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ئوسلو ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئابېلئابېل 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن ياش ماتېماتىك. ئۇ 1802-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلوغا يېقىن بىر جايدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى يېزىدا پوپ بولغان، ئەپسۇسكى ئۇ بۇرۇنلا ۋاپات بولۇپ كەتكەن. ئابېل دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا نامراتلىققا دۇچ كېلىدۇ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۆسمۈرلۈك دەۋىرىدە، ئۇ ماتېماتىكىغا بەك قىزىقىدۇ. بولۇپمۇ نيۇتون قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ماتېماتىكا ئەسەرلىرىنى بەك ياخشى كۆرۈپ بۇنىڭ بىلەن، ئۇ گويا «ماتېماتىكا مەستانىسى» بولۇپ كېتىدۇ. شۇ چاغدا ئۇ مەكتەپ بويىچە قىيىن مەسىلە دەپ تونۇلغان «بەشىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىنى ئالگېبرالىق يول بىلەن يېشىش ئۇسۇلى» غا قاتتىق ھۇجۇم قوزغايدۇ. گەرچە ئۇ ھېچ نەتىجە چىقىرالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن بۇ بالىنىڭ قەيسەرلىگىنى تولۇق كۆرۈۋالغىلى بولاتتى.

ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىنى ئالگېبرالىق يول بىلەن يېشىش ئۇسۇلى نۇرغۇن دۆلەتلەردە بۇرۇنلا ھەل قىلىنىپ بولغان. «ئۈچىنچى دەرىجىلىك»، «تۆتىنچى دەرىجىلىك» لەر ئۈستىدىمۇ ئىتالىيە ماتېماتىكى تاتالىياۋ، كاداننو، فېلالىلار ئالگېبرالىق يول بىلەن يېشىش ئۇسۇلىنىڭ فورمۇلىسىنى تېپىپ بولغان. لېكىن، «بەشىنچى دەرىجىلىك»، «بەشىنچى دەرىجىلىك» تىن يۇقىرى دەرىجىلىك تەڭلىملەرنى ئالگېبرالىق يول بىلەن يېشىش ئۇسۇلى بىر نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ھەل بولماي كەلگەن. بۇ ھال، خۇددى فرانسىيە ماتېماتىكىلىرى ئېيتقاندەك: «ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە ئېلان قىلىنغان مۇسابىقە».

1824-يىلى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان 22 ياشلىق ئابېل «بەشىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمە» نى ئالگېبرالىق يول بىلەن يېشىش ئۇسۇلىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى توغرىسىدا تۇنجى قېتىم ماتېماتىكىلىق ئىسپاتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە ئىلمى ماقالە يازىدۇ، ئۇنىڭ بۇ ماقالىسى تاھازىرغىچە تارقىلىپ كەلمەكتە.

بىر ياش يىگىتنىڭ ماتېماتىكىدا نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ھەل بولماي كەلگەن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلغانلىقىغا شۇ چاغدا ماتېماتىكا ساھەسىدىكىلەر ئىشەنمىگەن. بۇ ماقالە ياۋروپا بويىچە ماتېماتىكا نوپۇزى بولغان گاۋسنىڭ قولىغا تەگكەندە، ئۇ: «نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق! مۇشۇنداق نەرسىنىمۇ يازامدىكىنا!» دېگەن. بۇ گاۋسنىڭ ماقالىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تونۇپ يەتمىگەنلىكىدىن بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئابېل ماتېماتىكا تەتقىقاتى جەھەتتە يەنە نۇرغۇن يېڭى ئىجادىيەتلەرنى ئېلان قىلغان، ئەڭ مۇھىمى 1826-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا پارىژدا يازغان «پارىژ ئىلمى ماقالىلىرى» دىن ئىبارەت. بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك فۇنكىسىيلەر توغرىسىدىكى ئۇزۇن ماقالىلەر بولۇپ ئابېل ئۇلارنى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. لېكىن ئۇنىڭ دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن تاشتەك ھېچقانداق ئۇچۇرى بولمىغان. ئابېل كېيىن فرانسىيەدىن ئۆز ئېلىگە قايتىپ كەتكەن. ئابېل ئۆلۈپ نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، شۇنچە يىللار تاشلىنىپ قالغان بۇ «پارىژ ئىلمى ماقالىلىرى» نى 1841-يىلى جاكوبى تېپىپ ئېلان قىلىدۇ. ماقالە ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا 19-ئەسىردىكى ئەڭ كۆرۈنەرلىك ماقالىلەر قاتارىغا ئۆتىدۇ.

ئابېل ئاز ئۆمۈر كۆرگەن، ئۇ دۇنيادا ئاران 27 يىل ياشىغان. ئۇ 1829-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. 3 كۈندىن كېيىن بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇنى ماتېماتىكا پروفېسسورلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان تەكلىپنامىسى ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلگەن. ئەپسۇسكى بۇ چاغدا ئۇ ئۇزاق ئۇيقىغا كېتىپ قالغان.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#