چېكىپ تەكشۈرۈش

چېكىپ تەكشۈرۈش

چېكىپ تەكشۈرۈش ئادەم بەدىنىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ مەلۇم قىسمىنى چەككەندە شۇ ئورۇندىن چىققان ئاۋازلارنىڭ ئالاھىدىلىگىدىن پائايدىلىنىپ كىسەللىككە دىئاگنۇز قويۇش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت . 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چېكىپ تەكشۈرۈش ئادەم بەدىنىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ مەلۇم قىسمىنى چەككەندە شۇ ئورۇندىن چىققان ئاۋازلارنىڭ ئالاھىدىلىگىدىن پائايدىلىنىپ كىسەللىككە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت . چېكىپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى تەكشۈرۈش مەقسىتى ۋە قوللىنىش دائىرسىنىڭ ئوخشىماسلىغىغا ئاساسەن بىۋاستە چېكىپ تەكشۈرۈش ، ۋاستىلىق چېكىپ تەكشۈرۈش دەپ ئىككى خىل بولىدۇ.

بېۋاستە چېكىپ تەكشۈرۈش دىگىنىمىز : ئۈچ بارماقنى بەلگىلىك دەرىجىدە جۈپلەپ تەكشۈرۈلمەكچى بولغان ئورۇنغا قويۇپ يىنىك چېكىش ئارقىلىق شۇ ئورۇندىن چىققان ئاۋازلارنىڭ ئالاھىدىلىگىدىن پايدىلىنىپ كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت . بۇخىل ئۇسۇل قوساق قىسىمدىكې دائىرسى كەڭرەك بولغان كېسەللىك ئۆزگۈرۈشىنى ئېنىقلاشتا قوللىنىلىدۇ . ۋاستىلىق چېكىپ تەكشۈرۈش دىگىنىمىز : ئوڭ قول ئوتتۇرا بارماقنى سەل ئىگىپ تەكشۈرۈلمەكچۈ بولغان ئورۇنغا قويۇپ ، ئوڭ قول ئوتتۇرا بارماقنى ئىگىپ بېغىش بوغۇمى ھەركىتى ئاساسىدا سول قول ئوتتۇرا بارماق 2-بوغۇم ئۈستىگە تېك چۈشۈرۈپ شۇ ئورۇندىن چىققان ئاۋازلارنىڭ ئالاھىدىلىگىدىن پايدىلىنىپ كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت . بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ قوللىنىش دائىرسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا تەكشۈرۈشكە ماس كىلىدۇ . مەسىلەن : جىگەر ، تال، ئاشقازان، ئۈچەي، بۆرەك، دوۋساق قاتارلىقلار . چېكىپ تەكشۈرۈشتە چىقىدىغان تاۋۇشلار :

 (1) ئوچۇق تاۋۇش: ئاۋازې تۆۋەنراق ،ئۆزې جاراڭلىق ،تەۋرىنىش داۋاملىشىش ۋاختى ئۇزۇنراق بولغان تاۋۇش بولۇپ نورمال ئۆپكا قىسېمنى چەككەندە چىقىدۇ. بۇ ئۆپكىدىكې ھاۋا مىقتارې، ئىلاستىكىلىغې، زېچلېق دەرىجىسىنىڭ نورماللىغىنى بىلدۈرىدۇ.

(2) بوغۇق تاۋۇش : ئاۋازى يۇقۇرى، ئۈنى جاراڭلىق، تەۋرىنىش داۋاملىشىش ۋاختى قىسقا بولغان تاۋۇش بولۇپ ، يۈرەك، جىگەر قاتارلىق ئۇيۇل ئەزالارنىڭ ئۆپكە يېپىپ تۇرغان قىسمىنى چەككەندە چىقىدۇ. نىسپى بوغۇق تاۋۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ .

 (3) دۇمباق تاۋۇش: ئاۋازى تۆۋەن، ئۈنى يۇقۇرى ، تەۋرىنىش داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇن بولغان تاۋۇش بولۇپ تەركىۋىدە ھاۋا بولغان كانال ئەزالارنى چەككەندە چىقىدۇ. يەنى قوساق قىسىمدىكې ئەزالاردىن ئاشقازان، ئۈچەي قاتارلىقلاردىن چىقىدۇ.

 (4) ئۇيۇل تاۋۇش: ئاۋازى بوغۇق تاۋۇشتىنمۇ يۇقۇرې ، ئۈنى تېخىمۇ ئاجىز، تەۋرىنىش داۋاملىشىش ۋاختى تېخىمۇ قىسقا بولغان تاۋۇش بولۇپ مۇتلەق بوغۇق تاۋۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۆپۇنچە ئۇيۇل ئەزالارنى چەككەندە چىقىدۇ. مەسېلەن : جىگەر، تال، بۆرەك، مۇكۇل ،يۈرەك قاتارلىقلارنى چەككەندە چىقىدۇ.

(3) قان قۇسۇۋاتقان بىمارلارغا نىسبەتەن چېكىش كۈچى يىنىك بولۇشى ياكى چېكىپ تەكشۈرمەسلېك لازىم. 

(1) ئوخشىمىغان ئورۇنلارنى چەككەندە چېكىش كۈچىمۇ ئوخشاش بولماسلىغى لازىم. كېسەللىك ئوچۇغى كىچىكرەك بولغان ئورۇنلارنى چېكىپ تەكشۈرگەندە يىنىكرەك چىكىش، ئەگەر دائېرسى كەڭرەك بولغان ئورۇنلارنى چەككەندە چېكىش كۈچى چوڭراق بولۇشى لازىم.

(2) ئوخشىمىغان ئورۇنلارنى چېكىپ تەكشۈرگەندە بىمارنى مۇئاپىق بەدەن ھالىتىدە ياتقۇزۇش لازىم. مەسىلەن :قوساق قىسىمنى تەكشۈرگەندە ئوڭدا ياتقۇزۇش، ئۆپكىنې تەكشۈرگەندە ئوڭدا ياكى دۈمدە ياكى ئولتۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش لازىم. ئەگەر كۆپ مىقتاردا قورساق سۈيى بار بىمارلار بولسا ئوڭ-سول ئىككى تەرەپنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش لازىم .[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=1040

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#