شاتۇت

شاتۇت ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ئىششىق قايتۇرۇش، ئىشتىھانى ئېچىش، قان تازىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى شاتۇت
ئىنگلىزچە mulberry
تەمى تەمى چۈچۈمەل تېتىيدۇ
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 红果桑
شەكلى مېۋىسى ئۈجمىدىن چوڭراق
چىقىش ئورنى خوتەندىن كۆپرەك چىقىدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شاتۇتئۈجمىنىڭ بىر خىل تۈرى بولۇپ، يوپۇرمىقى كىچىك، سەل – پەل پارقىراقراق، قالغان يەرلىرى ئۈجىمىگە ئوخشايدۇ، مېۋىسىنىڭ رەڭگى قىزىلغا مايىلراق بولغان مېۋىلىك دەرەخ بولۇپ، قارا كېلىدۇ، مۇشۇ دەرەخنىڭ مېۋىسى «شاتۇت» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

شەكلى

شاتۇتمېۋىسى ئۈجمىدىن چوڭراق بولۇپ، دەسلەپ قىزىل رەڭگە كىرىدۇ، كېيىن پىشقاندا قارا رەڭگە كىرىدۇ.

دورىلىق ئورنى 

مېۋىسى

ياللۇغ قايتۇرۇش، غەيرىي تەبىئىي سەپرا ۋە قان خىلىتىنى تەڭشەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ئىششىق قايتۇرۇش، ئىشتىھانى ئېچىش، قان تازىلاش.

خاس تەسىرى

ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورا

ئورۇنباسارى

ئەينۇلا، كاكىنەچ

ئەكىس تەسىرى

ئەينۇلا، كاكىنەچ

تۈزەتكۈچىسى

ھەسەل، شاتۇتنىڭ قاينىتىپ قويۇلدۇرۇلغان سۈيى.

ئىچ سۈرۈش، ئىسسىقتىن بولغان يۇتقۇنچاق ياللۇغى، ھەر خىل ئېغىز جاراھەتلىرى، ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىقلرغا ئىشلىتىلىدۇ.

  • شاتۇتنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ غار – غار قىلسا، ئېغىزغا چىققان ھەر خىل چاقىلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

  • شاتۇتنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، غەيرىي تەبىئىي قان ۋە سەپرانىڭ تېزلىكىدىن بولغان قان بۇزۇلۇشلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

  • شاتۇت سۈيىگە تاباشىر ياكى مەستىكى قوشۇپ ئىچسە، ئىچى سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]




  • ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

    asd

    پايدىلانغان ماتېرىياللار:

    0.

    ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

    http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=374

    مەنىداش سۆزلۈك:

    ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

    0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
    • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
      NAN%
    • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
      NAN%
    • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
      NAN%
    • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
      NAN%
    • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
      NAN%

    يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

    تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

    چىكىنىش

    #title

    #video#