خەرىتە

خەرىتە جۇغراپىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر خىل ۋاستە ۋە قورال بۇلۇپ، ئۇ جۇغراپىيەنىڭ "ئىككىنچى تىلى" دىيىلىدۇ. 

خەرىتە مۇئەييەن ماتتېماتىكىلىق ئۇسۇل بويىچە يەر شار يۈزىدىكى (تەبىئىي ۋە ئىقتىسادىي) جۇغراپىيەلىك ھادىسىلەرنى ئوخشاش بولمىغان شەرتىلىك بەلگىلەر ئارقىلىق كىچىكلىتىلىپ تەكشى يۈزگە سىزىپ چۈشۈرۈلگەن شەكىلدىن ئىبارەت. 

ئۇيغۇرچە نامى خەرىتە
چەتئەلچە نامى Map
خەنزۇچە نامى 地图
پىنيىچە نامى dì tú

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خەرىتەخەرىتە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز ۋە جۇغراپىيەنى ئۆگىنىشتە كەم بولسا بولمايدىغان قورال بۇلۇپ، ئۇ رەسىمگە ئوخشىمايدۇ، خەرىتە يۈزىدىكى مەنزىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەندە ئۇلارنى تاللايدۇ ياكى ئۇمۇملاشتۇرىدۇ ھەمدە ھەر خىل بەلگىلەرنى قوللىنىپ، بەلگىلىك نىسبەت بويىچە كىچىكلەتكەندىن كىيىن تەكشى يۈزدە ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ماسشتاب، تەرەپ ۋە شەرتىلىك بەلگىلەر خەرىتىدىكى ئاساسىي ئامىللاردۇر.

خەرىتە جۇغراپىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر خىل ۋاستە ۋە قورال بۇلۇپ، ئۇ جۇغراپىيەنىڭ "ئىككىنچى تىلى" دىيىلىدۇ.  

خەرىتە مۇئەييەن ماتتېماتىكىلىق ئۇسۇل بويىچە يەر شار يۈزىدىكى (تەبىئىي ۋە ئىقتىسادىي) جۇغراپىيەلىك ھادىسىلەرنى ئوخشاش بولمىغان شەرتىلىك بەلگىلەر ئارقىلىق كىچىكلىتىلىپ تەكشى يۈزگە سىزىپ چۈشۈرۈلگەن شەكىلدىن ئىبارەت. 

خەرىتىنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بۇلۇپ، ئادەتتە تەبىي خەرىتە ۋە ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي خەرىتە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. 

تەبىئىي خەرىتە 

ئۇنىڭ ئىچىدىكى تەبئىي خەرىتە يەر شەكلى خەرىتىسى، سۇ رايى خەرىتىسى، ئىقلىم خەرىتىسى، يېپىنچا ئۆسۈملۈك خەرىتىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي خەرىتە

ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي خەرىتە نوپۇس خەرىتىسى، قاتناش خەرىتىسى، سانائەت خەرىتىسى، يېزا-ئىگىلىك خەرىتىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

خەرىتە1. مۇئەييەن ماتېماتىكاىلىق ئۇسۇل ___ خەرىتە پرويېكسىيىسى، ماسشىتاب بويىچە بارلىققا كەلگەن شەكىلدىن ئىبارەت. 

2. ئىلمىي ھالدا ئۇمۇملاشتۇرۇلغان ___ تاللانغان ۋە يىغىنچاقلانغان شەكىلدىن ئىبارەت.

3. ئالاھىدە بەلگگ سىستېمىسى قوللىنىلغان ___ بەلگە ۋە ئەسكەرتىمىلىك شەكىلدىن ئىبارەت. 

خەرىتىنىڭ رولى بولسا خەرىتىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئەھمىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالقدۇ. خەرىتە تۆت ئاساسىي چوڭ ئىقتىدارغا ئىگە:

1. ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئىقتىدارى؛ 

2. ئۇچۇر كۆتۈرۈش ئىقتىدارى؛  

3. ئۇچۇرنى تەقلىد قىلىش ئىقتىدارى؛

4. ئۇچۇرنى تۇنۇش ئىقتىدارى؛  

خەرىيە كۆرگەندە، ماسشتابنى ئوقۇشنى بىلىش كېرەك. خەرىتىدىكى مەلۇم بىر ئۇزۇنلۇق (خەرىتىدىكى ئارىلىق) نىڭ يەر يۈزىدىكى ماس ئەمەلىي ئارلىققا بولغاننىسبىتى ماسشتاب دىيىلىدۇ. ماسشتاب كۆپىنچە سىزىق ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ماسشتاب = خەرىتىدىكى ئارلىق / ئەمەلىي ئارلىق = 1/M. مەخرەجدىكى M قانچە چوڭ بولسا، ماسشتاب شۇنچە كىچىك بولىدۇ؛ M قانچە كىچىك بولسا، ماسشتاب شۇنچە چوڭ بولىدۇ. 

ماسشتاب تۈرلىرى

ماسشتابنىڭ تۈرلىرى ئادەتتە ئۈچ خىل بولىدۇ، يەنى: 

1. يېزىقلىق ماسشتاب (ئىزاھاتلىق ماسشىتاب دەپمۇ ئاتىلىدۇ). بۇنىڭدا خەرىتىدىكى ئارلىق بىلەن ئەمەلىي ئارىلىق ئوتتۇرسىدىكى نىسبەت مۇناسىۋىتى يېزىق ئارقىلىق بىۋاستە ئەسكەرتىپ قۇيۇلىدۇ. مەسلەن: "بىر سانتىمېتىر 100 كىلومېتىر ئەمەلىي ئارلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ" دەپ ئەسكەرتىلىدۇ؛ 

2. سانلىق ماسشتاب (بۆلۈنمە ماسشىتاب دەپمۇ ئاتىلىدۇ). ئادەتتەبۇنىڭ سۈرىتى 1 بولىدۇ. مەسلەن، 1:10000000 ياكى 1/10000000 بولىدۇ؛

3. سىزىقلىق ماسشىتاب (تۈز سىزىقلىق ماسشتاب دەپمۇ ئاتىلىدۇ). بۇنىڭدا، خەرىتە ئۇستىگە بىر تۈز سىزىق سىزىپ، بىر سانتىمېتىرنى بىرلىك قىلىپ تەڭ بۆلەكلەرگە بۆلگەندىن كىيىن، ئۇ ۋەكىللىك قىلدىغان ئەمەلىي ئارلىق ئەسكەرتىپ قۇيۇلىدۇ. مەسلەن: 10 مىليوندىن بىر بولغان ماسشتابتا، خەرىتىدىكى 1 سانتىمېتىر ئەمەلىي يەر يۈزىدىكى 100 كىلومېتىرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ماسشتابنىڭ قوللىنىشى 

1. خەرتىدىكى ئارلىق بىلەن ماسشتاب بېرىلگەندە، ئەمەلىي ئارلىقنى تېپىش (ئەمەلىي ئارلىق = خەرىتىدىكى ئارلىق / ماسشتاب)؛

2. ئەمەلىي ئارلىق بىلەن ماشتاب بېرىلگەندە، خەرىتىدىكى ئارلىقنى تېپىش (خەرىتىدىكى ئارلىق = ئەمەلىي ئارلىق x ماسشتاب )؛

3. خەرىتىدىكى ئارلىق بىلەن ئەمەلىي ئارلىق بېرىلگەندە، ماسشتابنى تېپىش (ماسشتاب = خەرىتىدىكى ئارلىق / ئەمەلىي ئارلىق)؛

4. خەرىتە ۋارىقىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۆزگەرمىگەندە، ماسشتاب قانچە چوڭ بولسا، ئىپادىلەنگەن مەزمۇن شۇنچە تەپسىلىي بولىدۇ. 

شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمال دېگەنلەرنى خەرىتىدىكى تۆت ئاساسىي يۆنىلىش ھېسابلىنىدۇ، مۇشۇ ئاساستا ئۇ يەنە شەرقىي شىمال، غەربىي شىمال، شەرقى جەنۇب ۋە غەربىي جەنۇبتىن ئىبارەت تـۆت يۆنىلىشكە بۆلۈنىدۇ. 

يۆنىلىشنى بېكىتىش 

خەرىتىدە يۆنىلىشنى بېكىتىشتە ئۈچ خىل ئاساسىي ئۇسۇل بار: 

1. ئازىمۇت ئۇسۇلى 

ئادەتتىكى خەرىتىلەردە يۇقىرى تەرەپ شىمال، تۆۋەن تەرەپ جەنۇب، سول تەرەپ غەرب، ئوڭ تەرەپ شەرق دەپ تۆت ئاساسىي يۆنىلىش بېكىتىلىدۇ؛ 

2. يۆنىلىشنى بېكىتىش ئۇسۇلى 

يۆنىلىشنى بېكىتىش ئۇسۇلى كۆرسەتكۈچ بەلگە كۆرسەتكەن بەلگە كۆرسەتكەن يۆنىلىش (ئېنىقلىنىپ بولغان يۆنىلىش) كە، ئاساسەن، ئازمۇت ئۇسۇلى بويىچە يۆنىلىش قايتا بېكىتىلىدۇ؛ 

3. مېرىدىئان-پاراللېل ئۇسۇلى 

مېرىدىئانلار جەنۇب-شىمال يۆنىلىشىنى، پاراللىللار شەرق-غەرب يۆنىلىشىنى ئىپادىلەيدۇ. يەر شارى ئۆز ئوقى ئەتراپىدا غەربتىن شەرىققە قاراپ ئايلىنىدۇ، شەرق ئايلىنىش يۆنىلىشىنى، غەرب ئۇنىڭغا قارشى يۆنىلىشنى كۆرسىتىدۇ، غەرب بىلەن شەرق بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى بولىدۇ. ئىككى قۇتۇپنىڭ ئۇستىدىكى ھاۋا بوشلۇقىدىن يەر شارىغا قارىغاندا، ئەگەر ئۇ سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشىگە قارشى يۆنىلىشتە ئايلانسا شىمالىي يېرىم شار بولىدۇ. سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشى بويىچە ئايلانسا جەنۇبىي يېرىم شار بولىدۇ. شىمالىي يېرىم شاردا كەڭلىك گىرادۇسى تۆۋەن بولغان جاي جەنۇب بولىدۇ، جەنۇبىي يېرىم شاردا ئۇنىڭ ئەكىسچە بولىدۇ. 

خەرىتەيەر شەكلى خەرىتىسى تەڭ ئېگىزىلك سىزىق ئۇسۇلى، قاتلاملارغا ئايرىپ رەڭ بېرىش ئۇسۇلى، يانتۇ ئۈزۈك سىزىق ئۇسۇلى، سايە چۈشۈرۈش ئۇسۇلى ۋە ئارلاشما ئۇسۇل قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ يەر تۈزۈلىنىشىڭ ئېگىز-پەسلىكى ۋە سۇ سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان خەرىتىدىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدە، كىچىك ماسشىتابلىق يەر شەكلى خەرەتىسى يەر ئۇستى تۈزۈلۈش خەرىتىسى دىيىلىدۇ. چوڭ ۋە ئوتتۇرا ماسشتابلىق تەڭ ئېگىزلىك سىزىقلىرى بولغان يەر شەكلى خەرىتىلىرى ئۇمۇملاشتۇرۇلۇپ يەر شەكلى خەرىتىسى دەپ ئاتىلىدۇ. 

خەرىتىدىكى ھەر خىل بەلگە ۋە رەڭلەرنى چۈشەندۈرشتە قوللىنىدۇ. ئۇ، خەرىتىدىكى ئۇقۇشتىكى ئاچقۇچ ۋە مۇھىم قورال ھېسابلىنىدۇ. مەسلەن: ئۇمۇمىي خەرىتىدىكى شەرتىلىك بەلگىلەرنىڭ تىزلىش تەرتىپى: ئاھالىلەر نۇقتىسى، قاتناش لىنىيەسى، چېگرا لىنىيەسى، گىدروفىيىلىك ئەھۋاللار، يەر تۈزۈلىشى، ئۆسۈملۈك يېپىنچىسى، تۇپراق سۇپىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 

خەرىتەخەرىتىدىكى مەزمۇن ياكى بەلگە ، رەڭلەرنى يېزىق ۋە سان شەكلى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەسكەرتىشلەر ھەم خەرىتىنىڭ تىلى، ھەم خەرىتىنى ئۇقۇشنىڭ يېتەكچىسى ھېسابلىنىدۇ. 

ئەسكەرتىشلەرنى يېزىشنىڭ تۆت خىل ئۇسۇلى بار.

1. كۇندىلەڭ ياكى گورزىنتال يۆنىلىشتە يېزىش. بۇنىڭدا ھەرىپلەر ئوڭدىن سولغا قاراپ يېزىلىدۇ. كۆپىنچە ئولتۇراق جايلار ياكى گورزىنتال يۆنىلىشتە تارقالغان شەيئىلەرنى ئەسكەرتىشتە قوللىنىلىدۇ. 

2. تىك يۆنىلىشتە يېزىش. بۇنىڭدا ھەرىپلەر يېڭىدىن يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ يېزىلىدۇ، كۆپىنچە خەرىتە ئىسمى، يەر ناملىرى ياكى تىك يۆنىلىتە تارقالغان شەيئىلەرنى ئەسكەرتىشتە قوللىنىلىدۇ. 

3. يانتۇ يۆنىلىشتە يېزىش. بۇ ئۇسۇل تاغ تىزمىلىرى ۋە تاغ چوققىلىرىنى ئەسكەرتىشتە كۆپ قوللىنىدۇ. 

4. ئەگىرى-بۈگىرى يېزىش. بۇ ئۇسۇل سىزىقسىمان شەيئىلەر (دەري ۋە يول قاتارلىقلار) نىڭ ئىسمىنى ئەسكەرتىشتە دائىم قوللىنىدۇ. 

خەرىتەئۇزۇندىن بۇيان، كىشلەر خەرىتىدىن ئىزچىل پايدىلىنىپ، جۇغراپىيەىك ئۇچۇرلارنى خاتىرلىگەن ۋە يەتكۈزۈپ كەلگەن. ئارخېئولوگلارنىڭ بايقىشىچە 4700 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىلگىرى، ئاسىيانىڭ غەرىبىي قىسمىدا ياشاپ كەلگەن سۇمېرلار خەرىتىنى لاي تاختا ئۇستىگە ئۇيۇپ، شەھەر، دەريا، تاغ تىزمىسى ۋە تەرەپلەرنى بەلگىلىگەن ھەمدە يېزىق چۈشەندۈرۈشىنىمۇ قۇشۇمچە قىلغان. 1973-يىلى، جۇڭگو خۇنەن چاڭشانىڭ ماۋاڭدۈيدىكى خەن سۇلالىسىگگ ئائىت 3-نۇمۇرلۇق قەبرىدىن يىپەك يۇقۇلمىغا سىزىلغان ئۈچ پارچە رەڭلىك خەرىتە چىققان، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا يەر شەكلى خەرىتىسى، شەھەر خەرىتىسى ۋە ھەربىي تۇرۇشلۇق جايلار خەرىتىسىدىن ئىبارەت. مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئۈچ پارچە خەرىتە بۇنىڭدىن 2100 يلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىلگىرى سىزىلغان، ئۇنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بۇلۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي رەڭلىك خەرىتە بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرلىشى ۋە پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خەرىتىچىلىك تېخنىكىسى كۈنسېرى يېڭىلانغان، خەرىتىنىڭ ئىشلىنىشى ۋى يېڭىلىنىشى بارغانسېرى تېزلەشكەن. ھازىر سۈنئىي ھەمراھ، ئايروپىلان قاچىلاش-توشۇش، قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇرلار كەڭ دائىرىدە، يۇقىرى سۈپەتتە، تېز سۈرئەتتە خاتىرلىندىغانن ھەم يەتكۈزۈلدىغان بولغان. ئائىروف سۈرەت ۋە سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتى قاتارلىق ماتېرىياللاردن پايدىلىنىپ، خەرىتە ئىشلىگەندە يەر يۈزىدىكى ھەر خىل شەيئىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىنى تېز سۈرئەتتە توغرا ئەكىس ئەتتۈرگىلى بولىدۇ. 

خەرىتەخەرىتە ھەربىي ئىشلار، سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى كەڭ ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە كەم بولسا بولمايدۇ. 

زامانىۋىي يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاستىسى خەرىتىلەرنىڭ تۈرلىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتقان. خەرىتىلەر تېخىمۇ كۆپ خىللىشىپ، ئىشلىتىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيگەن. مەسلەن: ئېلېكتىرونلۇق سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن شەھەرنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ئۇچۇرلىرى نامايەن بولغان. ئاۋاز چىقىرالايدىغان ئېلېكتىرونلۇق خەرىتە بولسىلا، ئەمالار تېخىمۇ بىخەتەر يۈرەلەيدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار قوللانمىسى ___ جۇغراپىيە قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#