بىراد پىت
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ﺑﯧﺮﯨﺖ ﭘﯩﺖﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﺗﯩﺲ بىراد پىت 1963-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻛﻼﺧﻮﻣﺎ ﺷﯩﺘﺎﺗﯩﺪىكى شياۋنى شەھىرىدە ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻨﻼ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﻩﺗﺘﻰ، ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻣﯩﺴﺴﻮﺭﻯ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﮔﯜﺯﻩﻝ-ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯧﻼﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯩﻐﺎﻥ.
ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮬﻪﭘﺘﻪ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩﻧﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﭼﯧﻜﯩﻨﮕﻪﻥ.
1983-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﺋﺎﻛﺘﯩﻴﯘﺭﻟﯘﻕ ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﺗﯩﺲ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺋﯘ «ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺳﯩﻤﯩﺴﻼﺭ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻓﯩﻠﯩﻤﺪﻩ ﺭﻭﻝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﻨﻮ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﮕﻪ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯘ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﮬﻪﯞﻩﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﭽﻰ ﺋﺎﻧﺠﯩﻠﯩﻨﺎ ﺟﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ئىلگىركى ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﻰ.
1983-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﺋﺎﻛﺘﯩﻴﯘﺭﻟﯘﻕ ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﺗﯩﺲ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ «ﺋﯚﺳﯜﭖ-ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﻣﻠﻪﺭ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﯩﺪﺍ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ ﭘﯩﺮﺳﯘﻧﺎﮊﻧﯩﯔ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ.
1987-ﻳﯩﻠﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺭﻭﻝ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ «ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﺰ ﻳﻪﺭ» ﻓﯩﻠﯩﻤﯩﺪﻩ ﺭﻭﻝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ.
1995-ﻳﯩﻠﻰ «12 ﻣﺎﻳﻤﯘﻥ» ﻓﯩﻠﯩﻤﯩﺪﻩ ﺭﻭﻝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﺋﻮﺳﻜﺎﺭ «ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﺭ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺭﻭﻝ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﻰ» ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ.
2002-ﻳﯩﻠﻰ «B ﭘﯩﻼﻥ ﻛﯩﻨﻮ ﭼﯩﻠﯩﻘﻰ» ﻧﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ.
2005-ﻳﯩﻠﻰ «ﺳﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻧﻼﺭ» ﻓﯩﻠﯩﻤﯩﺪﻩ ﺭﻭﻝ ﺋﺎﻟﻐﺎن.
2013-ﻳﯩﻠﻰ «ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻓﯩﻠﯩﻤﺪﻩ ﺑﺎﺵ ﺭﻭﻝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ.
ﺑﯧﺮﯨﺖ ﭘﯩﺖ2005-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﺎﻧﺠﯩﻠﯩﻨﺎ ﺟﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ «ﺳﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻧﻼﺭ » ﻓﯩﻠﯩﻤﯩﺪﻩ ﺭﻭﻝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﺎﻥ. ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. 2016-يىلى 9-ئايدا ئۇلارنىڭ ئاجىرشىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر تارقالغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.