ئۇيغۇرچە نامى بۇلۇڭكۆل يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 4585 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 布伦口乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئاقتۇ ناھىيەسى
نوپۇسى 6477 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇلۇڭكۆل يېزىسىبۇلۇڭكۆل يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقتۇ ناھىيەسىگە قاراشلىق يېزا. 1959-يىلى بۇلۇڭكۆل گۇڭشېسى بۇلۇپ قۇرۇلغان، 1967-يىلى نامى شيۇجېڭجۇيىغا قارشى تۇرۇش گۇڭشېسىغا ئۆزگەرتىلگەن، 1984-يىلى بۇلۇڭكۆل يېزىسى تەسىس قىلىنغان. ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 220 كىلومېتىر. كۆلىمى 4585 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە قاراشلىق بەش مەمۇرىي كەنت بار، ئومۇمىي نوپۇسى 1594 ئائىلە، 6477 ئادەم. قىرغىز ۋە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە قىرغىزلار %99.9 ىنى ئىگىلەيدۇ. يېزا بويىچە 31290 گېكتار يايلاق بار، ئوتلاق كۆلىمى 667.23 گېكتار. 

پاكىستان تاشيولى، يېزا مەركىزىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. تاغلىق رايوننى ئاساس قىلىدۇ، ئىقتىسادىي چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، چوڭ قۇيرۇقلۇق قويى بىلەن داڭلىق. 

بۇلۇڭكۆل يېزىسىبۇلۇڭكۆل يېزىسىغا قاراشلىق بۇلۇڭكۆل كەنتى، سۇباش كەنتى، چاقىر ئېغىل كەنتى، گەز كەنتى، توقاي كەنتى قاتارلىق بەش ئاھالىلەر كەنت كومىتېتى بار.

بۇلۇڭكۆل يېزىسىبۇلۇڭكۆل يېزىسى پامىر ئېگىزلىكىگە، ئاقتۇ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، شەرقىي تەرىپى بارىن يېزىسى، قىزىلتو يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي ئويتاغ بازىرى بىلەن قوشنا، غەربىي مۇجى يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇب تەرىپى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى، تاجىكىستان بىلەن چېگرالىنىدۇ، چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 84 كىلومېتىر، سەككىز چېگرا ئېغىزى بار. تەۋەلىكىدىكى جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 82 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 78 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 4585 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي ناھىيە بازىرىدىن 180 كىلومېتىر يىراقلىقتا.

بۇلۇڭكۆل يېزىسىبۇلۇڭكۆل يېزىسى ئېگىز سوغۇق كىلىماتىغا تەۋە، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا 0.7، 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃12.1-، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃12.2، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 200-150 مىللىمېتىر، يىللىق قىروسىز مەزگىلى 90~100 كۈن. تەۋەسىدە ئېگىز تاغ ۋە جىلغىلار گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4500-3000 مېتىرغىچە، ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى بولغان قوڭۇرتاغ توققۇز بەل چوققىسى7719 مېتىر؛ گۇڭگېر تېغى بىلەن مۇز تاغ تاغ چوققىلىرى دەستىلىنىپ ئۇلىنىپ، جىلغىلار گىرەلىشىپ كەتكەن، كەڭ كۆلەمدە مۇزلۇقلار بار، تاغ چوققىسىنى يىل بويى قار قاپلاپ تۇرىدۇ.

بۇلۇڭكۆل يېزىسىبۇلۇڭكۆل يېزىسىدا ئۇلار، يىلپىز، موڭغۇل جەرىنى، ئارقار قاتارلىق قىممەتلىك ياۋايى ھايۋانلار؛ يېرىلغا، قار لەيلىسى قاتارلىق قىممەتلىك يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى؛ قېزىلما بايلىقلاردىن ئاساسلىقى تۆمۈر، ئالتۇن، مىس قاتارلىق مېتال كان؛ سېرىق ياقۇت، گىرانىت، ئاق چىرىمتال قاتارلىق مېتاللوئىد كانلىرى بار.

 بۇلۇڭكۆل يېزىسىنىڭ ئاساسلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن مۇز تاغ ئاتىسى، قوڭۇر چوققىسى، قوڭۇر توققۇز بەل چوققىسى، قارا كۆل (دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى) ۋە ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان بەيشا تېغى بار. 

مۇزتاغ چوققىسى

بۇلۇڭكۆل يېزىسى مۇزتاغ چوققىسىئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بۇلۇڭكۆل يېزا تەۋەسىدىكى مۇزتاغ چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 7546 مېتىر، «مۇز تاغ ئاتىسى» دەپ ئاتالغان، ئۇ قاراكۆل بويىدا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ بەھەيۋەت ئېگىز چوققىلىرى ئىلگىرى «سانسىزلىغان قەھرىمانلارنى مەغلۇب قىلغان». بىر ئەسىردىن بۇيان،تالاي-تالاي ئېكسپېدىتسىيىچىلەر داڭقىنى ئاڭلاپ ، ئۇنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن، لىكىن ھەممىسىلا مەغلۇپ بولغان.

قوڭۇر چوققىسى 

بۇلۇڭكۆل يېزىسى قوڭۇر چوققىسى«مۇز تاغ ئاتىسى» قوڭۇر چوققىسى بىلەن يىراقتىن قارىشىپ تۇرىدۇ. قوڭۇر چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى7719 مېتىر، قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسىدىكى ئىككىنچى ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ. تاغ ئۈستىنى يىل بۇيى قار مۇز قاپلاپ تۇرىدۇ، خۇددى مۇز ئويما قاشتېشى ھەيكەلدەك ئادەتتىن تاشقىرى ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل.

قوڭۇر توققۇز بەل چوققىسى

بۇلۇڭكۆل يېزىسى قوڭۇر توققۇز بەل چوققىسىقوڭۇر چوققىسى بىلەن بەسلىشەلەيدىغان چوققا بولسا قوڭۇر توققۇز بەل چوققىسى، قوڭۇر توققۇز بەل چوققىسى يەنە جەننەتتىكى قاشتېشى قىزچاق دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئەتراپى نۇرغۇن قارلىق تاغ بىلەن ئورالغان، خۇددى بىر توپ كېنىزەك، مۇلازىم راھىبلار ئۇنى قوغداپ تۇرغاندەك.

قەدىمىي يادىكارلىقلاردىن يۈيچى كاپا قەدىمىي ئۆتەڭ خارابىسى ۋە ئاق بەييىچۈەن قەدىمكى قەبرىستانلىقى قاتارلىقلار بار.

[0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#