جىنتىيانا

جىنتىيانا

جىنتىيانا  بولسا سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، بوغۇملۇق يىلتىزى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.سوغۇقتىن بولغان ئىچكى ئاغرىقلارنى پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار.

سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، بوغۇملۇق يىلتىزى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ

سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، بوغۇملۇق يىلتىزى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ

ئۇيغۇرچە نامى جىنتىيانا
ئەرەبچە نامى جىنتىيانا
ئىنگلىزچە Raugh Gentian Root
شەكلى تېنى قاتتىق، چۈرۈك، رەڭگى سىرتى قارامتۇل قوڭۇر، ئىچى سارغۇچ قىزىل
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
خەنزۇچە نامى 龙胆
پارسچە نامى داۋائىلئەرنەپ
ئوردۇچە نامى كۇشاد، جىنتىيانا
تەمى قېرىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جىنتىياناجىنتىيانا  بولسا جىنتىيانا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق  سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، بوغۇملۇق يىلتىزى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. جىنتىيانانىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، جىنتىيانا رومىنىڭ تەسىرى ياخشىراق ھىساپلىنىدۇ. تېنى قاتتىق، چۈرۈك، رەڭگى سىرتى قارامتۇل قوڭۇر، ئىچى سارغۇچ قىزىل،تەمى قېرىق، بىر ئاز پۇراقلىق كېلىدۇ.كۈز پەسلىدە يىلتىز ۋە يىلتىزسىمان غولىنى قېزىۋېلىپ، توپا-لايلىرى ۋە يەر  ئۈستى قىسمىنى چىقىرىپ تازىلىغاندىن كېيىن يىغۋىلىنىدۇ. ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمال، ئىچكى موڭغۇل، ئوتتۇرا جۇڭگو، شىنجاڭ قاتارلىق جايلىرىدىن چىقىدۇ. جىنتىيانا رومى بولسا ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ياۋروپا، رۇسىيە، موڭغۇلىيە قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.

جىگەر، تال، پەي، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، بۆرەك، باھنى كۈچلەندۈرۈش، ئىششىق ۋە يەللەرنى تارقىتىش، نېرۋىنى قوزغىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، سوغۇقتىن بولغان ئىچكى ئاغرىقلارنى پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار.

خاس تەسىرى

جىگەرنىڭ توسالغۇسىنى ئېچىش، ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇش، ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، قىزىتما قايتۇرۇش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش.

ئەكىس تەسىرى

ئىسسىق مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ كۆكرەككە زىيان قىلىدۇ.

جىنتىيانا1. ئاشقازاننى كۈچەيتىش تەسىرى: ھايۋانلارغا قىلغان سىناق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جىنتىيانا ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ۋە ئاشقازان كىسلاتاسىنى ئاجرىتىپ چىقىرىشنى تېزلىتىدۇ، گىنتىئوپىكرىننىڭ يۇقىرىقىغا ئوخشاش تەسىرى بار.

2. باكتېرىيىگە قارشىلىق تەسىرى: جىنتىيانا قايناتمىسى يېشىل يىرىڭ تاياقچە باكتېرىيىسى، ئۈچەي كېزىكى تاياقچىسى، شەكىل ئۆزگەرتكۈچى تاياقچە باكتېرىيىسى، ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسى، تولغاق تاياقچە باكتېرىيىسى ۋە گەجسىمان چاچ تەمرەتكە زەمبۇرۇغى، يۇلتۇزسىمان نوكامىس باكتېرىيىلىرىگە نىسبەتەن ئوخشىمىغان دەرىجىدە تورمۇزلاش تەسىرى بار.

3. نېرۋا سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: گىنتىيانىن كىچىك چاشقان مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى قوزغىتىدۇ، لېكىن چوڭ دوزىدىكىسى مەست قىلىدۇ. جىنتىيانانىڭ مىقدارى ھەر بىر كىلوگرام ئۈچۈن، 25~100 مىللىگرامغا قەدەر بولغان ناترىي پىنتو بارىتال ۋە خلورال ھىدراتنىڭ ناركوزلاش تەسىرىنى كۈچەيتىدۇ.

4. قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش تەسىرى: جىنتىيانا ۋە جىنتىيانادىن ئېلىنغان سۇيۇقلۇق دېڭىز چوشقىسى بىلەن مۈشۈكنىڭ قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ. جىنتىيانا تىنكىتورىسىنىڭ چوڭ دوزىسى ناركوز قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش تەسىرىگە ئىگە. ھەمدە يۈرەكنى تورمۇزلاپ تەسىرى بولۇپ، يۈرەك رىتىمىنى ئاستىلىدۇ.

5. ياللۇغلىنىشقا قارشى تەسىرى: چوڭ چاشقانغا جىنتىيانا ۋە جىنتىيانادىن بېرىلسە، فورمالىن مەنبەلىك بوغۇم زورىيىپ كېتىشىنى يەڭگىللىتىدۇ، جىنتىيانانىڭ كىچىك چاشقاندىكى ياللۇغلىنىشقا قارشى تەسىرى ناترىي سالىتىسلاتقا قارىغاندا 4~7 ھەسسىگە قەدەر كۈچلۈك.

6. باشقا تەسىرلىرى: جىـنتىيانىـڭ چـوڭ دوزىسـى كـىچىـك چاشـقانغـا ئىشلىتىلسە تىنچلاندۇرىدۇ. مۇسكۇلنى بوشاشتۇرىدۇ، سىترىنخىنىننىڭ زەھەرلىك تەسىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ، جىنتىيانانىڭ سۇدا قاينىتىپ ئىسپرت بىلەن تىندۇرۇپ تەييارلانغان ئوكۇل ياسالمىسى كىچىك چاشقاننىڭ كاربون تىتراخلورورىد كەلتۈرۈپ چىقارغان جىگەر زەھەرلىنىشنى مۇھاپىزەت قىلىش تەسىرى بار. ھەم جىگەر توقۇلمىسىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى ئازايتىدۇ. كىچىك چاشقاننىڭ جىگەر گلۇكوگېنىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ. چوڭ چاشقان بىلەن ئىتنىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقىنى روشەن ھالدا ھەيدەش تەسىرى بار. گىنتىئوپىكرىن بەزگەك پلازمودىيىسىنى تورمۇزلاش ۋە ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە. ھەم ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ھەيدەش ئۈنۈمى بار.

جىنتىيانا1. جىنتىيانا 7 گرام. بەدىيان، روم بەدىيان 10 گرامدىن، سۇزاپ ئۇرۇقى 5 گرام، سوقۇپ، 40 گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلاپ ئىچسە، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، يەل تارقىتىدۇ.

2. جىنتىيانا، بوزىداندىن 5 گرامدىن، ئىزخىر 5 گرام، بەدىيان 10 گرام، بەدىيان يىلتىزى 15 گرام، ئەنجۈر مونىكى 15 گرام، چالا سوقۇپ قاينىتىپ سۈزۈپ، مائۇل ھەسەل تەييارلاپ ئچسە، پالەچ، لەقۋا ۋە ئىستىرخاغا شىپا بولىدۇ. 

3. جىنتىيانا 10 گرام، خىيار شەنبەر 20 گرام، پىلپىل 7 گرام، زاراڭزا چېچىكى، بادام يېغى ھەر بىرى 10 گرامدىن. قايناتما تەييارلاپ ئىچسە ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

دورىلىق ئورنى

غولى ۋە يىلتىزى

مىقدارى

1~6 گرامغىچە

ساقلاش

 ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان سالقىن جايلاردا ساقىلىنىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

بادام مېغىزى، كەتىرا

ئورۇنباسارى

 ئاسارۇن، بىخ كەبىر، قۇستە، زىراۋەندە.

تەرياقى ئەربەئە، تەرياقى سامانىيە

جىگەر، ئاشقازان، باھ، پەي ئاجىزلىقى، جىگەر ۋە تال ئىششىقى، پالەچ، لەقۋا،  نېرۋا ئاجىزلىق، ئاشقازان ئاجىزلىقى، ھەزىم ئاجىزلىقى، قورساقتىكى ھامىلىنى چۈشۈرۈش، سۈيدۈك ۋە ھەيز تۇتۇلۇش، غالجىر ئىت چىشلەش، يىلان چېقىۋېلىش ۋە باشقا زەھەرلىك ھاشاراتلار چاققان يارىلارنى داۋالاش ۋە زەھەرلىنىشنىڭ ئاغرىق ئازابىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

جىنتىيانا رومىنىڭ تەركىبىدە تەخمىنەن %4كىچە گىنىنتىئوپىكىرىن (Gynintiopicrin)، گېنتىئىن (Geintiin)، ئاتسىدوم گىنتزىكوم (Gentisicaci)، گىنتىيانوزا، قومۇش شېكىرى ۋە مېۋە يېلىم ماددىسى قاتارلىقلار بار.

باشقا تۈرلىرىنىڭ يىلتىزى ۋە يىلتىزىسىمان غولىدا تەخمىنەن %3-1كىچە، ھۆل يىلتىزىنىڭ تەركىبىدە تەخمىنەن%10گىچە گىـنتـىـئوپىـكرىـن  (Gentiopicrin)، گىنتىيانىن (Gentianine) ۋە گـىنتىيانوزا (Gentianose) قاتارلىقلار بار.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=307

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#