تەرخەمەك دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. تەرخەمەك (خام دورا)
  2. تەرخەمەك ()
خام دورا

تەرخەمەك

تەرخەمەك

تەرخەمەك كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، تەرخەمەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك. پېلەك تاشلاپ ئۆسىدۇ، مېۋىسى سىلىندىر شەكلىدە، تىكەنلىك بولۇپ، پىشقاندا سارغىيىدۇ؛ ئادەتتە كۆكتات قاتارىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ، <خاڭگا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مېۋىسى، يىلتىزى، ئۇرۇقى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى تەرخەمەك
پارسچە نامى Cucumis sativus L.
شەكلى سىلىندىر شەكلىدە
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
باشقا نامى خاڭگا
خەنزۇچە ئاتىلىشى 黄瓜
ئىنگلىزچە Cucumber
تەمى تاتلىق، چۈچىمەل
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تەرخەمەكتەرخەمەك كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، تەرخەمەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك. پېلەك تاشلاپ ئۆسىدۇ، ئورىغۇچى يىپلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، گۈلى سېرىق، مېۋىسى سىلىندىر شەكلىدە، تىكەنلىك بولۇپ، پىشقاندا سارغىيىدۇ؛ ئادەتتە كۆكتات قاتارىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ، «خاڭگا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مېۋىسى، يىلتىزى، ئۇرۇقى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى، يىلتىزى، ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقاندا مېۋىسى، يىلتىزى ۋە ئۇرۇقىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.

ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.

سەپرانىڭ ئۆتكۈرلۈكى ۋە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش، تېرىگە جۇلا بېرىش، سۈيدۈك ھەيدەش، تاش پارچىلاش ۋە چۈشۈرۈش، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.

تەرخەمەكنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىپ، ھارارەتنى پەسەيتىدۇ. تەرخەمەكنىڭ ئۇرۇقىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئەرلەر جىنسىي ئەزا ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىدۇ؛ دوۋساقتىكى تاش ۋە قۇملارنى چۈشۈرىدۇ. تەرخەمەكنىڭ يىلتىزىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ھەسەل سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، نورمالسىز خىلىتلارنى تازىلايدۇ. تەرخەمەكنىڭ ئۇرۇق ۋە ئېتىنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ؛ بەدەننى پارقىرىتىپ، تومۇرلارنى تازىلايدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#