سۇ ھەم ھاۋادىن قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلغۇچى ھەربىي پاراخوت

سۇ ھەم ھاۋادىن قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلغۇچى ھەربىي پاراخوت

سۇ ھەم ھاۋادىن قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلغۇچى ھەربىي پاراخوتلارنىڭ شەكلى بەزى ئاۋىئاماتكىلارغا ئوخشىشىپ قالىدۇ، ئۇنىڭ كەڭ پالۇبىسىغا نۇرغۇن ئايروپىلانلار توختىتىپ قويۇلغان بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلار كۆپرەك، يەنە ئاز ساندىكى تىك ياكى قىسقا ئارىلىقتا كۆتۈرۈلۈپ ئۇچىدىغان-قونىدىغان ئايروپىلانلارمۇ بار.

ئۇيغۇرچە نامى سۇ ھەم ھاۋادىن قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلغۇچى ھەربىي پاراخوت
چەتئەلچە نامى Amphibious assault ship
ئالاھىدىلىكى سۇدىمۇ، قۇرۇقلۇقتىمۇ جەڭ قىلالايدۇ
خەنزۇچە نامى 两栖攻击军舰
ۋەزىپىسى دېڭىز ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش
بارلىققا كەلگەن ۋاقتى 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۇ ھەم ھاۋادىن قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلغۇچى ھەربىي پاراخوتتارىختىكى مەشھۇر قۇرۇقلۇققا چىقىش جەڭلىرىدە، قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتلىرىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. بىراق، ھازىرقى زاماندىكى قۇرۇقلۇققا چىقىش جەڭلىرىدە تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جەڭ پاراخوتلىرى مەيدانغا كەلدى، ئۇ دەل سۇ ھەم ھاۋادىن قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلغۇچى ھەربىي پاراخوتلاردۇر.

 سۇ ھەم ھاۋادىن قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلغۇچى ھەربىي پاراخوتلارنىڭ شەكلى بەزى ئاۋىئاماتكىلارغا ئوخشىشىپ قالىدۇ، ئۇنىڭ كەڭ پالۇبىسىغا نۇرغۇن ئايروپىلانلار توختىتىپ قويۇلغان بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلار كۆپرەك، يەنە ئاز ساندىكى تىك ياكى قىسقا ئارىلىقتا كۆتۈرۈلۈپ ئۇچىدىغان-قونىدىغان ئايروپىلانلارمۇ بار. سۇ ھەم ھاۋادىن قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلغۇچى ھەربىي پاراخوتىنىڭ «سالاھىيىتى» نى ئىپادىلەپ تۇرغىنى ئۇنىڭ «يوغان قورسىقى» بولۇپ، ئىچىگە تەخمىنەن 40 برونېۋىك ۋە نۇرغۇن قۇرۇقلۇققا چىققۇچى يەل كۆرپىلىك كېمىلەر سىغىدۇ، نەچچە مىڭ كۇب مېتىر ھەربىي ماددىي ئەشيالارنى قاچىلىغىلى بولىدۇ، يەنە1000-2000 كىشىلىك قۇرۇقلۇققا چىققۇچى قىسىمنى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ. بۇنداق كۆپ قوراللار بىلەن قۇرۇقلۇققا چىقىش كۆلىمىنى ئەنئەنىۋى قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئەۋزەل.

سۇ ھەم ھاۋادىن قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلغۇچى ھەربىي پاراخوتئىلگىرىكى چوڭ تىپتىكى قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ سۇ سىقىپ چىقىرىش مىقدارى 3000 توننىدىن ئاشمايتتى، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئون نەچچە تانكا ۋە بىر قانچە يۈز نەپەر قۇرۇقلۇققا چىقىش جەڭچىسىنى ئېلىپ يۈرەلەيتتى، قۇرۇقلۇققا چىقىش قىيىقلىرى تېخىمۇ كىچىك بولۇپ، تونناژى 500 توننىغىمۇ يەتمەيتتى. 

سۇ ھەم ھاۋادىن قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلغۇچى ھەربىي پاراخوتلارنىڭ قۇدرەتلىك قوراللىرى قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. ئىلگىرىكى قۇرقلۇققا چىقىش جەڭلىرىدە دېڭىز قىرغاقلىرىغا يېقىن كېلىپ ئاندىن قۇرۇقلۇققا چىقىشقا توغرا كېلەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋا ئارمىيىسى ۋە چوڭ تىپتىكى پاراخوتلار ئوت كۈچى بىلەن ياردەم قىلمىسا بولمايتتى. سۇ ھەم ھاۋادىن قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلغۇچى ھەربىي پاراخوتتا بولسا، تىك ئۇچار ئايروپىلان ئارقىلىق يىراقتىن بىۋاستە قۇرقلۇققا چىقىشقا بولىدۇ، قۇرۇقلۇققا چىققۇچى يەل كۆرپىلىك كېمىلەرمۇ قىرغاقتىكى توسالغۇلارنى ئاسانلا بۆسۈپ ئۆتۈپ، تېزلىكتە ستېرېئولۇق بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. شۇڭا، سۇ ھەم ھاۋادىن قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلغۇچى ھەربىي پاراخوتلارنى دېڭىز-قۇرۇقلۇق، ھاۋادا جەڭ قىلىش كۈچىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ كەلگۈسىدىكى قۇرۇقلۇققا چىقىش جەڭلىرىدە ئاساسىي رول ئوينىغۇسى.[0]

سۇ ھەم ھاۋادىن قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلغۇچى ھەربىي پاراخوتنۇرغۇن كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش تېزلىكىنىڭ ئاۋاز تېزلىكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى بىزگە مەلۇم، شۇڭا كۈرەشچى ئايرۇپىلانلاردىن باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بەرگەندە، ئىتتىرىش كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ئەمما دېڭىزدا يۈرۈش سۈرئىتى بىر قەدەر ئاستا بولىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىشتە مەخسۇس قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىشقا توغرا كېلىدۇ ھەمدە راكېتا ماتورىدىن پايدىلىنىپ تېزلىكنى ئاشۇرمىسا بولمايدۇ. ئۇنداق بولسا، ھەربىي پاراخوتلاردىكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەر قانداق قويۇپ بېرىلىدۇ؟ 

ئىلگىرى، ھەربىي پاراخوتلاردىكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسى پاراخوت زەمبىرىكىگە ئوخشاش يانتۇ ئورنىتىلاتتى. ئۇنىڭ ئىگىلەيدىغان ئورۇن كۆلىمى چوڭ، قويۇپ بېرىش سېگمېنتى كىچىك بولۇپ، تۈزۈلۈشى ۋە تەڭشەش ئۇسۇلىمۇ بىر قەدەر مۇرەككەپ ئىدى. 1980-يىلى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «كىلوف» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد بىلەن قوراللانغان يادرو ئېنېرگىيىلىك ئوكيان چارلاش پاراخوتى تۇنجى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى تىك قويۇپ بېرىدىغان قۇرۇلمىنى قوللاندى. كېيىن، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز ئارمىيىلىرى بۇ خىل ئۈنۈملۈك قويۇپ بېرىش شەكلىنى قوللاندى. 

باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى تىك قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسىنىڭ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرى بار. بىرىنچىدىن، ئاسمانغا تىك كۆتۈرۈلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ھەر تەرەپلىمە ھۇجۇم قوزغىيالايدۇ، ئۇ قويۇپ بېرىش يۆنىلىشىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. ئىككىنچىدىن، تىك قويۇپ بەرگەندىكى سۈرئەت يانتۇ قويۇپ بەرگەنگە قارىغاندا ئون ھەسسە تېز بولىدۇ ھەمدە بىر قانچە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى بىرگە قويۇپ بېرىپ، ئوخشاشمىغان يۆنىلىشتىكى نىشانلارغا زەربە بەرگىلى بولىدۇ. تىك قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسى قوللىنىلغاندىن كېيىن، ھەربىي پاراخوتلاردا زاپاس ساقلانغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرنى كەڭ ئاساسىي پالوبىنىڭ ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. بۇ چاغدا قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسى يەنە زاپاس ساقلاش قۇرۇلمىسىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. بۇنداقتا باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرنى زاپاس ساقلاش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپلا قالماي، بەلكى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ. ئىلگىرىكى قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسىغا ئوخشاش دېڭىز ئۈستىدە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى ۋاقىتلىق قاچىلاش كەتمەيدۇ. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى تىك قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسى جەڭ جەريانىدىكى ئىنكاسىنىڭ توغرىلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/54368.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#