دانىيە

دانىيەنىڭ تولۇق ئاتىلىشى -دانىيە پادىشاھلىقى . قەدىمىي گود تىلىدا‹‹den›› ‹‹ساھىل ، ئورمان ››دېگەن مەنىدە .‹‹mark›› ‹‹زېمىن ، دۆلەت ›› دېگەن مەنىدە .

ئۇيغۇرچە نامى دانىيە پادىشاھلىقى
قىسقارتىلغان نامى دانىيە 丹麦
ۋاقىت رايونى ياۋروپا ۋاقتى (شەرقى1- ۋاقىت رايونى)
دۆلەت تىلى دانىيە تىلى
نوپۇس زىچلىقى 129.4 \ كۋادرات كىلومېتر
خەنزۇچە نامى 丹麦王国
قىتئە تەۋەلىكى ياۋروپا قىتەسى
پايتەختى كوپېنھاگېن
نوپۇسى 5 مىليون 64 مىڭ
يەر مەيدانى 42 مىڭ 959 كۇۋادىرات كىلومېتر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دانىيەدانىيەنىڭ تولۇق ئاتىلىشى -دانىيە پادىشاھلىقى . قەدىمىي گود تىلىدا‹‹den›› ‹‹ساھىل ، ئورمان ››دېگەن مەنىدە .‹‹mark›› ‹‹زېمىن ، دۆلەت ›› دېگەن مەنىدە .

 دانىيەنىڭ يەر مەيدانى 42 مىڭ 959 كۇۋادىرات كىلومېتر ، 2006-يىللىق نوپۇسى 5 مىلىيۇن 450 مىڭ بولۇپ، ئاھالىنىڭ %95 نى دېنماركلار، قالغانلىرىنى گېرمان، ئىنۇىت (ئسكىموس)، سىگان ۋە كۆچمەنلەر ئىگەللەيدۇ . گېرمان تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە دېنمارك تىلى دۆلەت تىلى. دۆلەت بايرىمى كۈنى ( 1849-يىلى) 4-ئاينىڭ 16-كۈنى، دانىيەنىڭ يېڭى ئاساسى قانۇنى يولغا قويۇلغان كۈنى.

دانىيەدانىيە زىمىنى ئەسلىدىلا گۇتلار(گېرمان تىل ئائىلىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەجدادى) نىڭ بولۇپ كېيىن بۇ يەر غەربى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان. مىلادى 985-يىلى قۇرۇلغان قۇدرەتلىك دانىيە پادىشاھلىقى شىمالى ياۋرپادىكى قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيىسى دۆلەتلىرنىڭ بىرى بولۇپ شىۋىتسىيىنىڭ بىر قىسمى ۋە نورۋىگىيە، ئەنگىلىيەلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى بويسۇندۇرغان. مىلادى 1397-يىلى شىۋىتسىيە، نورۋىگىيەلەرنى بىرلەشتۈرۈپ كارما ئىتتىپاقىنى قۇرغان. 1849-يىلى ئىتتىپاق پارچىلىنىپ ئاساسى قانۇنلۇق پادىشاھلىق تۈزۈم ماقۇللانغان. بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان.  1944-يىلى ئىسلاندىيە دانىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەققىل بولغان.  فاروئېر تاقىم ئاراللىرى ۋە گىرىنلاندىيەدىن ئىبارەت ئىككى مۇستەملىكىسى بار. دانىيە 1949-يىلى شىمالى ئاتلانتىك تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان.

دانىيە زىمىنى پۈتۈنلەي دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىگى 400 مېتىردىن ئاشمايدىغان يۇتلاندىيە يېرىم ئارىلى ۋە زىلاندىيە قاتارلىق تۈزلەڭلىك ئاراللىرىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ،  تۇپرىقى مۇنبەت.

دانىيىلىكلەرنىڭ %95 ى  پروتىستانت دىنىنىڭ لۇتېر مەزھىبىگە دىنىغا، %1 پروۋسلاۋىيە دىنىغا، %2 پروتىستانت دىنىغا  ئىشىنىدۇ. كۆپ قىسمى دىنغا ئىشەنمەيدۇ.

دانىيە كرونېرى، (2006-يىلى) 5.946كرونېر = بىر دوللار. 2004-يىلى 6.587 كرونېر = بىر دوللار. 2002-يىلى 7.8947كرونېر = بىر دوللار . دانىيە 1973-يىلىدىن بۇيان ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ئەزاسى. 2010-يىلىدىن باشلاپ ياۋرو ئاساسلىق پۇل بىرلىكى.

دۆلەت بايرىقى

دانىيە بايراقىنىڭ تېگى قىزىل رەڭدە بولۇپ ،بايراق يۈزىنىڭ سەل سول تەرىپىدىن باشلاپ ،ئاق رەڭلىك كىرېسىت شەكلى بېرىلگەن .

 دۆلەت گىربى

دانىيە سېرىق رەڭلىك قالقان ئاساسلىق شەكىل قىلىنغان .قالقان يۈزىدە پادىشاھلىق تاج كىيگەن ئۈچ شىرنىڭ رەسىمى بار .ئۇنىڭ ئەتراپىغا توققۇز دانە قىزىل يۈرەك شەكلى بېزەلگەن .شىر بىلەن قىزىل يۈرەك باتۇرلۇق ،ساداقەتلىك ،ئاق كۆڭۈللۈكنىڭ سىمۋولى .قالقاننىڭ ئۈستى تەرىپىدە بىر دانە پادىشاھلىق تاجنىڭ شەكلى بولۇپ ،ئۇ دانىيەنىڭ قەدىمكى پادىشاھلىق دۆلەت ئىكەنلىكىنىڭ سىمۋولى .

دانىيە 2006 -يىلى دانىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 243 مىليارت 398 مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 45015 دوللار توغرا كەلگەن. دانىيەنىڭ 2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى %3.

ئۇزۇن مەزگىل ئىمپىرىيە مەركىزى بولغان دانىيەنىڭ سانائەت ئاساسى ياخشى،  ئۆي قۇشى ۋە سۈت كالىسى باقمىچىلىقى يۈكسەك تەرەققى قىلغان، پۇخرالارنىڭ ساپاسى يۇقىرى دۆلەت بولۇپ، يىللاردىن بۇيان دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. 2005-يىلى دانىيىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %1.4 ، سانائەت %24.6، مۇلازىمەت %76 نى ئىگەللىگەن بولۇپ 2005-يىلى مۇقىم تېلفون ئابونتى 3 مىليون 350 مىڭ، يانفون ئابونتى 5 مىليون 469 مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 5 مىليۇن 469 مىڭ بولغان.[1][0]

دانىيەكوپېنھاگېن شەھىرى دانىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. شىمالىي ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى. ئۇ دانىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا قاتناش تۈەۈنى، دانىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا پورتى. پورتتا يىلىغا توختاپ ئۆتىدىغان پاراخوتلار 35 مىڭدىن ئاشىدۇ، دانىيىنىڭ سىرتقى دۆلەتلەر ئارا بولىدىغان سودىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى شۇ پورت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. كوپېنھاگېن شەھىرى دانىيىنىڭ زېلاند ئارىلىنىڭ شەرقىي دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېرى بوغۇزى ئارقىلىق شۋېتسىيىنىڭ مالمې شەھىرى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. كوپېنھاگېن شەھىرىنىڭ ئورنى ناھايىتى مۇھىم بولغانلىقتىن، 11-ئەسىردىكى كىچىك بىر بېلىقچى يېزىسى 15-ئەسىرگىچە تېز تەرەققىي قىلىپ، دانىيە پادىشاھلىقىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان. ھازىر ئۇنىڭ ئاھالىسى بىر مىليون 372 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984) . بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى پۈتۈن دانىيە ئاھالىسىنىڭ 1/4 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.

 كوپېنھاگېن شەھىرىنىڭ سانائىتى تەرەققىي قىلغان. بولۇپمۇ كېمىسازلىق، ماشىنىسازلىق خىمىيە، ئېلېكتر، ئېلېكترون سانائىتى، يېمەك-ئىچمەك سانائىتى، توقۇمىچىلىق سانائىتى قاتارلىق سانائەتلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، بۇ جايدىكى سانائەت ئورۇنلىرى پۈتۈن دانىيىدىكى سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ 1/3 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#