ۋىتمان

ۋىتمان ئامېرىكىنىڭ 19-ئەسىردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن دېموكراتىك شائىرى، ئۇ «ئامېرىكىنىڭ شېئىرىيەت ئاتىسى» دەپ تونۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋىتمان
باشقا نامى Walt Whitman
تۇغۇلغان ۋاقتى 1819-يىلى
كەسپى شائىر
خەنزۇچە ئىسمى 沃尔特·惠特曼
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1892-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋىتماننۇرغۇن ئىلغار شائىرلار، مەيلى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىلىك ماياكوۋېسكى بولسۇن، مەيلى چىلىلىق پابلو نېرودا بولسۇن ياكى ئىسپانىيىلىك لوركا بولسۇن، ياكى جۇڭگو لۇق گومورو بولسۇن، ھەممىسى مەلۇم دەرىجىدە ۋىتمان (1819-1892-يىللار) نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 

ۋىتمان ئامېرىكىنىڭ 19-ئەسىردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن دېموكراتىك شائىرى، ئۇ «ئامېرىكىنىڭ شېئىرىيەت ئاتىسى» دەپ تونۇلغان.

ۋىتمان 1850-يىلى ئۇ ياغاچچىلىق قىلغاچ، «گىياھ ياپرىقى» توپلىمىنى يېزىشقا كىرىشكەن. «گىياھ ياپرىقى» توپلىمى ۋىتماننىڭ شېئىرلار ئومۇمىي توپلىمى. «گىياھلار» ھەرقانداق يەردە ئۈنۈۋېرىدۇ، ئەڭ زور ھاياتىي كۈچكە ئىگە، دېگەن مەنىدە ئۇنىڭغا «گىياھ ياپرىقى» دەپ نام بەرگەن. ئۇ ئاددىي ئادەملەرنىڭ سىمۋولى ھەم تەرەققىي قىلىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ سىمۋولى شۇنداقلا «گىياھ ياپرىقى» توپلىمى ۋىتماننىڭ ئۆزىنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك غايىسى ۋە ئۈمىدىنىڭ سىمۋولى. 

«گىياھ ياپرىقى» توپلىمى قويۇق غايىۋى پۇراققا تولغان. ۋىتمان يۇقىرىغا ئۆرلەۋاتقان دەۋردە تۇرۇۋاتقان ئامېرىكىغا يورۇقلۇق ئۈمىدىنى باغلىغاچقا، ئۇ كەلگۈسىدىكى ئامېرىكا «دېموكراتىيە زېمىنى» ، «دوستلۇق شەھىرى» بولىدۇ، قۇللۇق تۈزۈمى بولمايدۇ، بەلكى زۇڭتۇڭ، شەھەر ھاكىمى «پەقەتلا ھەق ئالىدىغان ياللانمىلار» بولىدۇ، دەپ قارىغان. دېموكراتىيە، ئەركىنلىككە تەلپۈنگەنلىكتىن، ئۇ 1848-يىلى ياۋروپا خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي كۈرىشىگە ئاۋاز قوشۇپ، ئادەم قېلىپىدىن چىققان قۇلدارلىق تۈزۈمىگە كەسكىن قارشى تۇرغان، ئىلغار ئىدىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان كىشىلەرنى مەدھىيىلىگەن. ئۇنىڭ داڭلىق شېئىرى «ئېخ، كاپىتان! مېنىڭ كاپىتانىم» قۇلدارلىق تۈزۈمىنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈن قەستكە ئۇچراپ قۇربان بولغان قەھرىمان، ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى لىنكولىنغا ھەسرەت بىلەن تەزىيە بىلدۈرۈپ يېزىلغان. 

«گىياھ ياپرىقى» توپلىمىدىكى شېئىرلاردا «ئۆزلۈك» پۇرىقى كۈچلۈك. ئەمما، ۋىتماننىڭ شېئىرلىرىدىكى «مەن» خەلق، چوڭ «مەن» دىن ئىبارەت. ئۇ شېئىرلىرىدا «ئۆزلۈك» ئارقىلىق تەبىئەتنى ئۆزگەرتكەن، يېڭى قۇرۇقلۇقنى ئاچقان، يېڭى قۇرۇقلۇقنى قۇرۇۋاتقان بارلىق ئامېرىكا ئەمگەكچى خەلقىنى مەدھىيىلىگەن. مەسىلەن، «مەن ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىدىم» دا شائىر باشتىلا: «مەن ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىدىم، ئوخشىمىغان تۈرلۈك مەدھىيىلەرنى ئاڭلىدىم». ئۇنىڭ كەينىدىنلا ئۇ «ماشىنا ئۇستىسىنىڭ ناخشا ئېيتىۋاتقىنىنى»، «ياغاچچىنىڭ ناخشا ئېيتىۋاتقىنىنى»، «تامچىنىڭ ناخشا ئېيتىۋاتقىنىنى» . . . «كېچە-كۈندۈزدە مەۋجۇت بولغان ھەممە نەرسىنى كېچە-كۈندۈز كۈيلەۋاتقاننى»، «كەچتە. . . ئاغزىنى يوغان ئېچىپ، ئۆزلىرىنىڭ ساغلام ۋە رىتىملىق ناخشىسىنى ئېيتىۋاتقىنىنى» ئاڭلىدىم، دەپ يازىدۇ. شائىر ئۆزىنى ئەمگەكچىلەر ئارىسىغا قويىدۇ، شېئىردىكى «ئۆزلۈك» ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكىچە «يېڭى ئادەم» لەرنىڭ ئوبرازى. 

«گىياھ ياپرىقى» دىكى شېئىرلاردا تەبىئەت دۇنياسى قىزغىن مەدھىيىلەنگەن. ۋىتماننىڭ قەلىمىدە گۈزەل تەبىئەت دۇنياسى ئادەملەرنىڭ رەقىبى ئەمەس، ئادەملەر دەردىنى چىقىرىۋالىدىغان پاسسىپ قوبۇللىغۇچمۇ ئەمەس، بەلكى تېتىك يۈكسىلىۋاتقان، كىشىلەر پەخىرلىنىدىغان ۋە قانائەت ھاسىل قىلىدىغان تەبىئەت قىلىپ يېزىلغان. مەسىلەن: «چوڭ يول ناخشىسى»، «ئۆزۈمنىڭ ناخشام» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئامېرىكىنىڭ گۈزەل تاغۇ دەريالىرى مەدھىيىلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ ئورمانلىرى، ئوتلاقلىرى، ئېتىزلىرى، دېڭىزلىرى، شۇنىڭدەك تۈرلۈك-تۈمەن تەبىئەت مەنزىرىلىرى تەسۋىرلىنىپ، ئادەمنى جاسارەت بىلەن يۈكسىلىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. 

«گىياھ ياپرىقى» توپلىمى بەدىئىيلىك جەھەتتە «ئەركىن» شېئىر شەكلىنى ئىجاد قىلىپ، يېڭى ئۇسلۇب ياراتتى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#