باقىلە

باقىلە قۇرت ئۆلتۈرۈش، ئىششىق تارقىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋان قىلىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش خۇسۇ سىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى باقىلە
ئەرەبچە نامى باقىلا
ئىنگلىزچە Garden Pea
چىقىش ئورنى شىنجاڭنىڭ ھەممە يەرلىرىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
باشقا نامى كۆك پۇرچاق
خەنزۇچە نامى 豌豆
پارسچە نامى باقىللە
ئوردۇچە نامى باكلە
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

باقىلەبۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك قارا پۇرچاقنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ، «باقىلە» نامىدا دورىغا ئشلىتىلىدۇ. دورا ئەشيانىڭ شەكلى شارسىمان، ئۆزى چوڭ، ئۈستى قار پوستلىق، رەڭگى قىزغۇچ، توپا رەڭدە كېلىدۇ، تەمى، پۇرىقى سۇس كېلىدۇ .

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

مەجۈنى ئەدەس.

ئۈنۈملۈك تەركىبى

ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدە ئۆسۈملۈك ئاگلوتىنىن ((Phytagglutinin بار. يەنە ئاقسىل، ياغ، قەنت ماددىلىرى بار.

ئۈچەي قۇرت كېسەللىكى ھەر خىل ئىششىقلار، ئاشقازان ئاغرىقلىرى، داغ، بەرەس، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ھەيز راۋان بولماسلىق، ئىچ سۈرۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلدۇ.

1. باقىلەدىن 10 گرام، قەنبىلدىن 5 گرام، شاپتۇل يۇپۇرمىقىدىن 10 گرام، كاۋا مېغىزىدىن 7 گرام، فۇپەلدىن 7 گرام ئېلىپ، سوقۇپ تالقانلاپ، 10 گرامدىن ئىچىپ بەرسە قۇرت ئۆلتۈرىدۇ. 2. باقىلەدىن 15 گرام ئېلىپ سوقۇپ، گۈل يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلاپ، يەرلىك ئورۇنغا چاپسا ئىششىق قايتۇرىدۇ. 3. باقىلەدىن 15 گرام، ئاق ماش، بەرەڭگى كابىلى، تاۋۇز ئۇرۇقى قاتارلىقلار 10 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە، ھەيزنى راۋان قىلىدۇ.

مىقدارى 

3~ 5 گرام

ئەكىس تەسىرى

تەستە ھەزىم بولىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

 سۆئتەر، تۇز، سېرىقماي.

ئورۇنباسارى

ماش.

كۈزدە ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى پىشقاندا يىغىۋېلىندۇ.

ساقلاش 

قۇرۇتۇپ ساقلىندۇ.[0]

كۈزدە ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى پىشقاندا يىغىۋېلىندۇ.

تەستە ھەزىم بولىدۇ.

تەستە ھەزىم بولىدۇ.

 سۆئتەر، تۇز، سېرىقماي.

ماش.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=426

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=426

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#