چىپار بۇغا

چىپار بۇغا

چىپار بۇغا ھازىر دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنجى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان بولۇپ ، ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۇنى ئوۋلىشىغا يول قويۇلمايدۇ . 

ئۇيغۇرچە نامى چىپار بۇغا
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى بۇغا ئائىلىسى
كەنجى تىپى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 斑鹿
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى ئاچا تۇياقلىقلار تۈركۈمى
تۈرى چىپار بۇغا
كەنجى سىنىپى ھەقىقىي سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چىپار بۇغاچىپار بۇغىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.5 مېتىر كېلىدۇ . ئەركەك چىپار بۇغىنىڭ تۆت تال مۈڭگۈزى ، قىسقا ، توم قۇيرۇقى بولىدۇ . ئۇ ناھايىتى مۇلايىم بولۇپ ، دائىم قۇلىقىنى دىڭگايتىپ ، كۆزلىرى نۇرلۇق. چىپار بۇغا بەدىنىدە مىيخۇا گۈلىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئالىتاغىل بەلگىسى بار .

چىپار بۇغاچىپار بۇغا نۇرلۇق كۆزلىرىنى يۇغان ئېچىپ ، ئەتراپنى كۆزىتىدۇ . يىرىتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قالغۇدەك بولسا ، چاقماق تېزلىكىدە قېچىپ بىردەمدىلا كۆزدىن غايپ بولىدۇ . چىپار بۇغا بەدىنىدىكى مىيخۇا گۈلىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئالىتاغىل بەلگىسى بىلەن داڭق چىقارغان . چىپار بۇغا ئادەتتە يىلدا ئىككى قېتىم تۈك تاشلايدۇ . باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغاندا ، ئۇلار چىپار بەلگىسى روشەن بولغان « يازلىق كېيىم » نى كېيىپ ، ئۆزىنى ئەتراپتىكى مۇھىتقا تېخىمۇ ماشلاشتۇرىدۇ . كۈز كېلىپ دەل -دەرەخلەر غازاڭ تاشلاشقا باشلىغاندا ، ئۇلار سۇس ئاق رەڭلىك ، چىپار بەلگىسى تۇتۇق بولغان « قىشلىق كېيىمىنى » كېيىپ ، رەڭلىك مول بولمىغان قىش مەنزىرىسى بىلەن بىر گەۋدىگە  ئايلىنىپ كېتىدۇ . چىپار بۇغىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى ، ئۇ تۇزنىڭ پۇرىقىنى پۇراپلا قالسا ، خۇددىي چىۋىن ھەسەلگە ئوۋلاشقاندەك زادىلا چىدىيالماي قالىدۇ . شۇڭا ، كىشىلەر چىپار بۇغىنى ئوۋلىماقچى بولغاندا ، ئۇلار پائالىيەت قىلىدىغان جايلارغا ئازراق تۇز چىچىپ قويۇش ئارقىلىق قىلتاققا چۈشۈرىدۇ . لېكىن ، چىپار بۇغا ھازىر دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنجى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان بولۇپ ، ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۇنى ئوۋلىشىغا يول قويۇلمايدۇ . 

چىپار بۇغاچىپار بۇغا چاۋشىيەننىڭ شىمالىغا ، ياپۇنىيگە ۋە تىنىچ ئوكياننىڭ روسىيە تەرەپتىكى قىرغاقلىرىغا ، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىي ، ئەنخۇينىڭ جەنۇبىي ، تەيۋەن ، سىچۇەن ، جياڭشى ، جېجىياڭ قاتالىق جايلىرىغا تارقالغان . قەدىمدىكى زاماندا چىپار بۇغا بۇنىڭدىنمۇ كۆپ جايلارغا تارقالغان بولۇپ ، بۈگۈنكى كۈندە بۇلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز قالدى . [0]

چىپار بۇغا1. يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى، تاباشىر، كەتىرالاردىن يەتتە گرامدىن ئېلىپ سۇپۇپ قىلىپ ئىچىپ بەرسە كونا ئىسھالغا شىپا بولىدۇ.

2. سۆئلەپ بىلەن بۇغا مۈڭگۈزىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ، تۇخۇم سېرىقىغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

3. ئاقاقىيا، ئانارگۈلى، ئەنجىباھار، بۇغا مۈڭگۈزىدىن بەش گرامدىن ئېلىپ سۇپۇپ قىلىپ ئىچىپ بەرسە قان توختىتىدۇ.

4. مەرۋايىت بىلەن بۇغا مۈڭگۈزىنى كۆيدۈرۈپ سۇپۇپ قىلىپ سەپسە، ئېغىز يارىسىغا شىپا بولىدۇ.

5. بۇغا گۆشىنى سېرىقچېچەك بىلەن ياكى زىغىر يېغى بىلەن قورۇپ يېسە، باھنى قوزغايدۇ.

فارماكولوگىيەلىك تەسىرى

1. يۈرەك قان تومۇرلارغا بولغان تەسىرى: سىبىرىيە چىپار بۇغىسىنىڭ يۇمران مۈڭگۈزىدىن چىقىرىپ ئېلىنغان يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى جەۋھىرى كۆپ مىقداردا ئىشلىتىلسە، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، ئەتراپ قان تومۇرىنى كېڭەيتىدۇ. 

2. پانتوكىرىن پۈتۈن بەدەننى قۇۋۋەتلەش تەسىرىنى بېرىدۇ. 

3. قارا تايغان بۇغا مۈڭگۈزىنىڭ كەسمىسىنى فىزىئولوگىيىلىك ئاش تۇز ئېرىتمىسىگە چىلاپ، تەييارلانغان سۇيۇقلۇقتىن ئورۇقدىنى ئېلىپ تاشلانغان ئاق چاشقانغا كىرگۈزۈلگەندە، ئۇلاردا جىنسىي بەز ھورمونلىرىدا كۆرۈنگەندەك جىنسىي بەز خىزمىتىنى قوزغىتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن. 

4. يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى ئۇزاققىچە ساقايمىغان ۋە بىخلىما گۆش ئۈنۈپ چىقىش ناچار بولغان يارىلارغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/1476819.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#