دىرىژابىل

دىرىژابىل

دىرىژابىل بىر خىل قەدىمىي ئۇچقۇ. ئىنسانلار ئايروپىلان بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ كۆكتە ئۇچۇش خىيالىنى دىرىژابىل ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغان. 

ئۇيغۇرچە نامى دىرىژابىل
چەتئەلچە نامى airship
خەنزۇچە نامى 飞艇

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دىرىژابىلدىرىژابىل بىر خىل قەدىمىي ئۇچقۇ. ئىنسانلار ئايروپىلان بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ كۆكتە ئۇچۇش خىيالىنى دىرىژابىل ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغان. 

دىرىژابىل يەل خالتىسىغا ھىدروگېن، گېلىي، ئىسسىق ھاۋا قاتارلىق گازلار تولدۇرۇلۇپ، لەيلىتىش كۈچى ھاسىل قىلىش ئارقىلىق كۆككە كۆتۈرۈلىدۇ. ئۇ يەنە قۇيرۇقىغا ئورنىتىلغان ماتور ۋە پىرقىرىغۇچنىڭ ياردىمىدە ئالدىغا قاراپ ئۇچىدۇ. ئادەتتە دىرىژابىل گەۋدە، ماتور، يۈك بۆلمىسى ۋە مەشغۇلات بۆلمىسىدىن ئىبارەت تۆت قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. 

دەسلەپكى دىرىژابىللار شارغا ئوخشاش ئېقىم لىنىيە شەكىللىك يەل خالتىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ھەجمى ئانچە چوڭ ئەمەس ئىدى، ئاران بىرنەچچە توننا يۈك كۆتۈرەتتى. كېيىن مېتال، ياغاچلار بىلەن رامكىلىنىپ، ناھايىتى چوڭ ياسىلىدىغان بولدى، يۈك كۆتۈرۈشچانلىقى نەچچە ئون توننىغا يېتىپ، تېزلىكى ئادەتتىكى كېمىلەردىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ، مۇساپىسىمۇ نەچچە مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى، بۇنىڭ بىلەن ئوكيان ئاتلاپ يىراق مۇساپىلىك توشۇش، ئۇزاق مۇددەت چارلاش ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان بولدى. 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھىدروگېن قاچىلانغان دىرىژابىلغا ھاۋادا بىرنەچچە قېتىم ئوت كېتىپ، دىرىژابىل قاتنىشى بىر مەھەل پەسكويغا چۈشۈپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايروپىلاننىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى بىلەن، دىرىژابىللار ئاۋىئاتسىيە قاتنىشى ساھەسىدىن بارا-بارا سىقىپ چىقىرىلدى. 

دىرىژابىل20 -ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن كېيىن، نېفىت باھاسى جىددىي ئۆرلىگەنلىكتىن، ئالىملارنىڭ نەزىرى يەنە ماي تېجەيدىغان ئۇچۇش قورالى − دىرىژابىلغا چۈشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، پەن-تېخنىكىنىڭ ئالغا بېسىشى بىلەن، ساپلىقى يۇقىرى، ئوت كەتمەيدىغان گېلىينى كۆپلەپ ئىشلەپچىقارغىلى؛ دىرىژابىلنىڭ قۇرۇلمىسىنى كومپيۇتېر ئارقىلىق ھەم يەڭگىل، ھەم پۇختا لايىھىلىگىلى؛ ئۆزى يەڭگىل، كۈچىنىشى يۇقىرى بولغان تىتان ياكى ئاليۇمىن قېتىشمىسى ماتېرىياللىرى ۋە خىمىيىۋى تالا تېرىلىك ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، دىرىژابىلنىڭ ئۆز ئېغىرلىقىنى ئۈچتىن بىر ھەسسە يەڭگىللىتىپ، قارشىلىق كۈچىنى ئالتىدىن بىر ھەسسە ئازايتىپ، يۈك كۆتۈرۈشچانلىقىنى بىر ھەسسە ئاشۇرغىلى بولغانلىقتىن، دىرىژابىل قايتا باش كۆتۈردى. 

ھازىرقى چوڭ تىپتىكى دىرىژابىللارنىڭ ھەجمى نەچچە يۈز كىشىلىك تەنتەربىيە مەيدانىغا تەڭ كېلىدۇ. نەچچە يۈز يولۇچى ئولتۇرغىلى ياكى نەچچە يۈز توننا يۈك قاچىلىغىلى بولىدۇ، ئۇدا نەچچە كۈن، ھەتتا نەچچە ھەپتە ئۇچالايدۇ، مۇساپىسى نەچچە مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدۇ. دىرىژابىلنىڭ ئۇچۇش مۇساپىسى ئۇزۇن بولۇپلا قالماي، بىخەتەر، مۇھىتنى بۇلغىشى تۆۋەن، يۈك كۆتۈرۈشچانلىقى يۇقىرى بولۇپ، تىك ئۇچۇپ قونالايدۇ، توشۇش خىراجىتى ئايروپىلاننىڭ بەشتىن بىرىگە، ئاپتوموبىلنىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، قاتناش-ترانسپورت، قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق تارماقلاردا كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ نەچچە يۈز توننا ئېغىرلىقتىكى چوڭ تىپتىكى سۇ كۈچى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى، چوڭ تىپتىكى راكېتا، رېئاكتور(ئاتوم قازىنى) قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىلغان ئورۇندىن پۈتۈن پېتى نەق مەيدانغا بىۋاسىتە يۆتكىلىيەلەيدۇ، يەنە بىنالارنى پۈتۈن پېتى قۇراشتۇرۇش، قۇدۇق جازىلىرىنى يۆتكەش، يۇقىرى بېسىملىق توك لىنىيىسى تارتىش، تۇرۇبا ياتقۇزۇش قاتارلىق ئىشلارنىمۇ قىلالايدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#