ئاگرونومىيە

ئاگرونومىيە

ئاگرونومىيەنىڭ ئىنىگلىزچە ئاتىلىشى agronomy agricultural sciences بولۇپ، مەخسۇس يېزا-ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ تەبىئىي قانۇنىيىتى ۋە ئىقتىسادىي قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

ئۇيغۇرچە نامى ئاگرونومىيە
كەسىپ دائىرىسى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش
خەنزۇچە نامى 农业学
چەتئەلچە نامى agronomy agricultural sciences

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاگرونومىيەنىڭ ئىنىگلىزچە ئاتىلىشى agronomy agricultural sciences بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى ھۆكۈمەت بىۋاستە تەسسىس قىلغان تەبىئىي پەن تۈرىدۇر. ئۇ سانائەت، ئاگرونومىيە، مېدىتسىنا، پەلسەپە، ئىقتىساد ئىلمى، قانۇن، پىداگوگىكا، ئەدەبىيات، تارىخ، باشقۇرۇش ئىلمى قاتارلىق ئون بىر خىل پەن تۈرىنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەخسۇس دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان، مەھسۇلاتلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش قانۇنىيىتى ھەمدە ئۇنىڭ سىرتقى شەرت-شارائىت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، زىيانداشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۇپراق ۋە ئوزۇقلۇق، تېرىقچىلىق قانۇنىيىتى، ئېرسىي سورت يېتىشتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەرنى تەتقىق قىلىدۇ. ئاگرونومىيە يېزا-ئىگىلىك مۇھىتى، مەھسۇلات ۋە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، يېزا-ئىگىلىك قۇرۇلۇشى ۋە يېزا-ئىگىلىك ئىقتىسادى قاتارلىق تەرەپلەرگە چېتىلىدىغان بولغاچقا، بىز ئۇنى مەخسۇس يېزا-ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ تەبىئىي قانۇنىيىتى ۋە ئىقتىسادىي قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن دەپ ئاتايمىز. ئاگرونومىيە كەسپى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، ئېرسىي سورت ھاسىل قىلىش، ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش شۇنداقلا ئىگىلىك باشقۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئاساسىي نەزىرىيە، تېخنىكىلار بىلەن تونۇشۇش، يېزا-ئىگىلىككە دائىر ئورۇنلاردا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا ۋە لايىھىلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش، ئېچىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش، ئىگىلىك باشقۇرۇش، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئىقتىساسلىق خادىملارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشنى ئۆزىنىڭ تەربىيىلەش مۇددىئاسى قىلغان بولىدۇ. ئاگرونومىيە كەسپىدە تەربىيىلەنگەنلەر ئۆزىدە تۆۋەندىكىدەك بىلىم قۇرۇلمىلىرىنى ھازىرلىغان بولىدۇ: 

1. مۇكەممەل ھالدا ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق تەبىئىي پەن ئاساسىغا ئىگە بولىدۇ. 

2. بىئولوگىيە ئىلمى ۋە ئاگرونومىيە ئىلمىنىڭ ئاساسىي بىلىم، ئاساسىي قانۇنىيەتلىرىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان بولىدۇ. 

3. يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بولۇپمۇ يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە ئۇسۇللىرىنى ئىگىلىيەلەيدۇ. 3. يېزا-ئىگىلىك ساھەسىدىكى سىجىل تەرەققىيات ئېڭىنى ئۆزىدە ھازىرلاپ، يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە بۇنىڭغا دائىر پەن-تېخنىكىلارنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلەيدۇ.

4. يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، يېزا خىزمىتىگە دائىر مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە، تۈزۈلمىلەرنى ئېنىق بىلەلەيدۇ. 

5. يۇقىرى سەۋىيىدىكى تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش، تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش، تىل ۋە يېزىق جەھەتتىكى ئىپادىلەش ماھارىتى، مۇستەقىل ھالدا ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆزىدە ھازىرلىيالايدۇ.

يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئىشلەپچىقىرىش شەرتلىرىنىڭ مۇرەككەپلىكى، ئاگرونومىيە كەسپىنىڭ ئۆز ئىچىگە ئېلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە تۈرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى بەلگىلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە نەزىرىيىۋىلىكى كۈچلۈكلىرىمۇ، ئەكسىچە ھالدا ئەمەلىيەتچىللىكى كۈچلۈك پەنلەرمۇ بار. مۇناسىۋەتلىك پەنلەرنىڭ ئۆزئارا سىڭىشىشى نەتىجىسىدە، پەنلەرنىڭ تەتقىقات مەزمۇنى كۈنسېرى ئۇلغىيىپ، تەتقىقات دائىرىسى ھەدەپ كېڭيىۋاتىدۇ. ئومۇمەن ھازىرقى ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، ئورمانچىلىق ئىلمى ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىلمىنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىلىم سىستېمىسى بولغاندىن سىرت، دېھقانچىلىق ئىلمىنىمۇ ئومۇملاشتۇرۇپ تۆۋەندىكىدەك بەش تەركىبىي قىسىمغا بۆلۈشكە بولىدۇ، بۇ ھەر بىر تەركىبىي قىسىم يەنە نۇرغۇن تارماق ئىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

1. دېھقانچىلىق مۇھىت ئىلمى ؛

2. مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئىلمى؛ 

3. سورت يېتىشتۈرۈش ئىلمى؛ 

4. چارۋىچىلىق ئىلمى؛ 

5. دېھقانچىلىق قۇرۇلۇش ئىلمى قاتارلىقلار. 

يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىنىڭ تەسىرىدە، ھازىرقى يېزا-ئىگىلىك ئىلمى مەيلى ماكرو ياكى مىكرو ساھەدە بولسۇن ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ كەلمەكتە، ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى، نۇرغۇن يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، كۆپ خىل ئىلىم ۋە كۆپ خىل كەسىپلەر ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئاگرونومىيە ئىنچىكە كەسىپلەرگە بۆلۈنۈش ئاساسىدا ئۇنىۋېرساللىققا، پىشىپ يېتىلىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە ۋە بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن يېڭى-يېڭى ساھەلەر، يېڭى كەسىپلەر ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلمەكتە.[0]

ئاگرونومىيەنىڭ ئىنىگلىزچە ئاتىلىشى agronomy agricultural sciences بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى ھۆكۈمەت بىۋاستە تەسسىس قىلغان تەبىئىي پەن تۈرىدۇر. ئۇ سانائەت، ئاگرونومىيە، مېدىتسىنا، پەلسەپە، ئىقتىساد ئىلمى، قانۇن، پىداگوگىكا، ئەدەبىيات، تارىخ، باشقۇرۇش ئىلمى قاتارلىق ئون بىر خىل پەن تۈرىنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن،

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#