بېلىز

بېلىز (Belize) ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى بىر دۆلەت بۇلۇپ، ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى بىردىنبىر ئىنگلىز تىلى ھۆكۈمەت تىلى بولغان دۆلەت. يەر مەيدانى 22.966 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، پايتەختى بېلموپان. پۇل بىرلىكى بېلىز دوللىرى.

ئۇيغۇرچە نامى بېلىز
قىتئە تەۋەلىكى شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى
پايتەختى بېلموپان
دۆلەت تىلى ئىنگلىز تىلى
نوپۇسى 359 مىڭ (2015-يىلى)
خەنزۇچە ئاتىلىشى 伯利兹
ۋاقىت رايونى UTC-6
دۆلەت شېئىرى 《自由的土地》
سىياسى تۈزۈلمىسى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى
نوپۇس زىچلىقى 14 ئادەم / كۋادرات كىلومېتىر (2014-يىلى)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بېلىزبېلىز (Belize) ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى بىر دۆلەت بۇلۇپ، ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى بىردىنبىر ئىنگلىز تىلى ھۆكۈمەت تىلى بولغان دۆلەت. يەر مەيدانى 22.966 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، پايتەختى بېلموپان. پۇل بىرلىكى بېلىز دوللىرى. ئاھالىسى 350 مىڭدىن ئاشىدۇ (2015-يىلى)، بۇنىڭ يېرىمىدىن كۆپىنى قارا ۋە ئاق تەنلىكلەردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكى خەلقلەر، قالغىنىنى ئىندىئانلار، نېگىرلار، ئاق تەنلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىنگلىز تىلى بىلەن ئىسپان تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. 

بېلىز ئوتتۇرا ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان. شەرقتە كارىپ دېڭىزىغا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ. دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئىككى خىل قاراش بار: بىرىچنى، تەۋەسىدىكى ئاساسلىق دەريا بېلىز دەرياسىنىڭ نامىدىن پەيدا بولغان. يەنى فرانسۇز تىلى balise (ماياك، لەيلىمە بەلگە) دىن پەيدا بولغان دەپ قارىلىدۇ. بەزىلەر پايتەخت ۋاللېس دەرياسى ( Wallis) بويىغا قۇرۇلغاچقا شۇنداق ئاتالغان دەيدۇ. بۇ دەريانىڭ نامى شوتلاندىيە تەۋەككۈلچىسى wallace Peter ياكى wallis Peter نىڭ ئىسمىدىن كەلگەن. بۇ ئادەم 1610-يىلى بۇ جايغا كېلىپ، پۈتكۈل بېلىزنى يۈتىۋالماقچى بولغان. ئىسپان تىلىدا W ھەرپى بولمىغاچقا، wallis سۆزى Vallis قا ئۆزگىرىپ، Balis ياكى Belice دەپ ئوقۇلغان؛ 

ئىككىنچى، 1638-يىلى شوتلاندىيىلىك دېڭىز قاراقچىسى بوت. ۋېلىز دەسلەپ بۇ جايغا كەلگەن ۋە ئۇنى بېىسۋالغان، كېيىن كىشلەر مۇشۇ دېڭىز قاراقچىسىنىڭ ئىسمىدا بۇ جاينى «بېلىز» دەپ ئاتىغان.

بېلىزبېلىز مېكسىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، كارىپ دېڭىز بويىغا جايلاشقان دۆلەت. بۇ ئورۇن 1973-يىلىدىن ئىلگىرى ئەنگلىيەگە قاراشلىق گوندوراس دەپ ئاتالغان.

بېلىزنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئاھالىسى مايالار بولۇپ، 16-ئەسىردە ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان.

17-ئەسىردە ئەنگلىيە تاجاۋۇز قىلىشقا باشلاپ، 1862-يىلى بېلىزنى رەسمىي ھالدا ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسى دەپ جاكارلىغان ۋە «ھوندۇراس» دەپ ئاتىغان.

1964-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىچكى ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈلۈپ، ئەنگلىيىنىڭ ئالاقە فېدېراتسىيىسى بولغان.

1973-يىلى ئەنگلىيەگە قاراشلىق بېلىزگە ئۆزگەرتىلگەن.

 1980-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن دۆلەت نامىنى بېلىز جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتكەن. بىراق ئۇ يەنىلا ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىز ئەزاسى. بېلىز دېگەن نام شۇ دۆلەتتىكى ۋاللىس دېگەن دەريانىڭ نامىغا ئاساسەن قويۇلغان.

1981-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇستەقىل بولغان.

ئورنى 

بېلىز بېلىزنىڭ يەر مەيدانى 22 مىڭ 966 كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، دۆلەتنىڭ شىمال قىسمىنى تۈزلەڭلىك، سازلىقلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ. جەنۇبىدا مايا تاغلىرى جايلاشقان. دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دېڭىزدا قۇرۇقلۇق دېڭىز قىرغىقى بىلەن شەرقىي قىسمىدىكى دېڭىزدا قۇرۇقلۇق دېڭىز قىرغىقى بىلەن تەكشى سوزۇلغان دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ مارجان ئاراللىرى بار. 

كىلماتى 

بېلىزنىڭ كىلماتى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان كىلمات تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃25-℃27 بولىدۇ. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 2000 مىللىمېتر، جەنۇبىي قىسمىدا 4000 مىللىمتېرغا يېتىدۇ. ھاۋاسى ئىسسىق، ھۆل-يېغىنى مول بولغانلىقتىن دۆلەتنىڭ 70% يېرىنى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. 

بايلىقى 

شىمالىي تەرەپتىكى دېڭىز قىرغاقلىرىدا مول نېفىت بايلىقى بار. 

دۆلەت بايرىقى

بېلىزبېلىزنىڭ دۆلەت بايرىقى تېگى كۆك بولۇپ، ئاستى ۋە ئۈستى بىردىن قىزىل سىزىق بىلەن قىرلانغان، بايراقنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا يېشىل زەيتۇن شېخى بىلەن ئورالغان بېلىز دۆلەت گېربى سىزىلغان. كۆك رەڭ كەڭ ئاسمان بىلەن بىپايان ئوكياننى، قىزىل رەڭ غەلبە بىلەن قۇياش نۇرىنى، يېشىل زەيتۇن شېخى تىنىچلىق بىلەن بېلىزنىڭ مول ئورمان بايلىقىنى بىلدۈرگەن. بېلىز ئىلگىرى ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى ئىدى. 19811 - يىلى سېنتەبىردە مۇستەقىل بولۇپ، ئەنگلىيە فېدېراتسىيەسىگە ئەزا بولغان.

دۆلەت گېربى

بېلىزبېلىز دۆلەت گېربىگە بېلىزنىڭ دۆلەت دەرىخى ھەم بېلىزلىقلارنىڭ ئىپتىخارى بولغان بىر تۈپ يېشىل پالساندر دەرىخى سىزلغان. بېلىزنىڭ ئورمان بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، دۆلەت زېمىنىنىڭ %70 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. پالساندر دەرىخىدىن پالساندر ياغىچى، كاسالىپىنىيە ياغىچى ۋە يېقىلغۇ ياغىچى قاتارلىق قىممەتلىك ياغاچ ماتېرىياللىرى كۆپ چىقىدۇ، ياغاچ تەييارلاش سانائىتى خەلق ئىگىلىكىدە ناھايتى چوڭ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى دولقۇن يېرىپ، ئالغا بېسىۋاتقان يەلكەنلىك كېمە بېلىقچىلىق بىلەن دېڭىز ساياھەتچىلىكىنى بىلدۈرىدۇ؛ سول تەرەپنىڭ ئۈستىدىكى بۇلۇڭغا بېلىز بىلەن ئەنگلىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلدۈردىغان ئەنگلىيە بايرىقى ۋە گىرەلەشتۈرلۈپ قويۇلغان كالتەك بىلەن پالتا سىزىلغان؛ ئوڭ تەرەپنىڭ ئۈستىدىكى ھەرە بىلەن پالتا «ئورمان دۆلىتى» بېلىزنىڭ تەرەققىي تاپقان ياغاچ تەييارلاش ئىشلىرىغا سىمۋول قىلىنغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئىككى يېنىغا پالتا بىلەن كالتەك تۇتۇپ تۇرغان بىردى يەرلىك ئاھالە سىزىلغان بولۇپ، ياغاچ كېسىش بىلەن جاھاندارچىلىق قىلىدىغان يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ سىمۋولى بولغان. قالقاننىڭ ئاستىدىكى لېنتىغا بېلىزنىڭ «چوڭ تېرەكنىڭ ئاستى سالقىن» دېگەن خەت يېزىلغان.

بېلىزبېلىز ئىقتىسادىي جەھەتتە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. %60 تىن كۆپرەك ئەمگەك كۈچى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقىدا شېكەر قومۇشى، ئاپېلسىن، بانان، پالما، شال، كۆممىقوناق، پۇرچاق قاتارلىق زىرائەت ۋە مېۋىلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. چەت ئەللەرگە شېكەر ئېكسپورت قىلىدۇ. ئۇنىڭ سانائەت ئاساسى ئاجىز، ئاساسلىق شېكەر ۋە ئورمانچىلىق سانائىتى بار. شېكەر سانائىتى ئەنگلىيە كاپىتالىستلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ.[0]


 1980-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن دۆلەت نامىنى بېلىز جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتكەن. بىراق ئۇ يەنىلا ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىز ئەزاسى. بېلىز دېگەن نام شۇ دۆلەتتىكى ۋاللىس دېگەن دەريانىڭ نامىغا ئاساسەن قويۇلغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#