مۈشۈك
مۈشۈك ، مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋانلار تۈرىگە تەۋە ، ئۆي مۈشۈكى ، ياۋا مۈشۈكى بولۇپ ، دۇنيادىكى ئائىلە دائىرىسى كەڭ بولغان ئەرمەك ھايۋانلار . ئۆي مۈشۈكى ئەجدادىنىڭ كىلىش مەنبەسى پەرەزلەرگە ئاساسلانغاندا قەدىمكى گرېتسىيىدىن باشلانغان قەدىمكى مىسىر قۇملۇق مۈشۈكى ، پارسنىڭ پارس مۈشۈكى ، ھازىر ئىنسانلار تەرىپىدىن كۆندۈرۈلگىنىگە 3500يىل بولدى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مۈشۈك، تۈرى كۆپ خىل، ئۇ چاشقاننىڭ كۇشەندىسى. ھەر قايسى جايلاردا بېقىلىدۇ. ئۇنىڭ سېرىق، قارا، ئاق، كۈل رەڭ قاتارلىق ھەرخىل رەڭلىرىدىن بار؛ بەدىنى ئاجىز – ئورۇق ئىپار مۈشۈكى، تاشقى كۆرۈنۈشى خۇددى يولۋاس، تۈكلىرى ئىنايىن يۇمشاق، قۇيرۇقى ئۇزۇن، بىلى قىسقا، كۆزى ئالتۇن، كۈمۈشتەك نۇرلۇق، بەدەننى ئىنتايىن كىچىك، كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرشىگە ئېرىشەلەيدۇ. مۈشۈكنىڭ كۆزى بىر كۈندە ۋاقتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. يەنى ئەتىگەندە چىلان ئۇرۇقىدەك، چۈشتە سىزىق شەكلىدە، كەچتە تولۇق ئايدەك بولىدۇ.
مۈشۈك بەدىنى باش، بويۇن، گەۋدە، پۇت-قولدىن ئىبارەت بەش قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، كۆپ قىسملىرنىڭ تۈكى بار، ئاز ساندىكىلىرنىڭ تۈكى يوق.
مۈشۈكنىڭ ھەرىكىتى ئىنتايىن چاققان. ئۇ ئادەتتە بېلىق، چاشقان، توشقان قاتارلىقلارنى يەيدۇ. مۈشۈك ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىك بېلىق ۋە چاشقان، مۈشۈك بولسا كېچىسى ھەركەت قىلىدىغان ھايۋان، كېچىدە نەرسىكەرنى ئېنىق كۆرۈشى ئۈچۈن زور مىقداردا تائۇرېنغا مۇھتاج، ھالبۇكى، چاشقان ۋە بېلىقنىڭ بەدىنىدىمۇ تائۇرېننىڭ تەركىبى قىسىملىرى بار. شۇڭا مۈشۈك، بېلىق، چاشقان يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، مۈشۈك بولسا چاشقاننىڭ كۇشەندىسى، شۇڭا چاشقانلارنىڭ مايسا قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ زىيانغا قارىتا ئۈنۈمىنى ئېلىشقا بولىدۇ.
قىسقا تۈكلۈك مۈشۈك، ئۇزۇن تۈكلۈك مۈشۈك، تاغىل مۈشۈك، پارس مۈشۈكى، بېرما مۈشۈك، سىئام مۈشۈكى، قار ئايىغى مۈشۈك قاتارلىقلار. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.