ئاق مەۋسەل
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاق مەۋسەل مەۋسەلنىڭ تۈگۈنەك غولىدىن ئىبارەت بۇلۇپ يۈرەك ۋە ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ، ئاشقازان، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئاق مەۋسەل بولسا گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بۇلۇپ باھار پەسلىدە 2-3 يىل بولغان ئاق مەۋسەلنى يىغىۋېلىندۇ، تاغ باغرىدىكى ئورمانلاردىن چىقىدۇ.
ئاق مەۋسەل، ئاق سەندەل، بىدىمىشكى قاتارلىقلارنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ ئەرەق تارتىپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە، يۈرەك چالاڭغۇراش ۋە يۈرەك ئاجىزلىقىغا شىپا بولىدۇ.
ساقلاش
ئاق مەۋسەليىلتىزىنى كېسىۋەتكەندىن كېيىن پاكىز يۇيۇۋېتىپ، 3-4 كۈن قاتتىق ئاپتاپقا سېلىنىدۇ، ئاندىن شامال ئۆتىشىدىغان يەرگە دۆۋىلەپ قويۇپ، 3 كۈن ئەتراپىدا سۇيىنى پارلاندۇرىمىز،ئاندىن يەنە قۇرۇتىمىز، مۇشۇنداق2-3 قېتىم قايتىلايمىز،ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، ئارىلاشما ماددىلىرىنى چىقىرېۋىتىپ، ئاپتاپ چۈشمەيدىغان قۇرغاق جايدا ساقلىنىدۇ.
سۇپۇپى مەۋسەل
يۈرەك ئاجىزلىقى، يۆتەل، قان تۈكۈرۈش، قان قۇسۇش،ئۆپكە ياللۇغى، ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى، نېرۋا ئاجىزلىقى، باھ ئاجىزلىقى قاتارلىقلار كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
كۆپ خىل گلوكوزىد، كۆپ خىل سىتروئىدلىق ساپونىن، شىلىمشىق ماددىلار بار.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى) [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.