ماگنىتوگورسكى

روسىيە فىدراتسىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ پولات-تۆمۈر سانائەت مەركىزى، جەنۇبىي ئورال تاغلىرىنىڭ شەرقىي باغرى بىلەن ئورال دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان. ئەتراپىدا ئورال رايونى بويىچە ئەڭ چوڭ ماگنىتلىق تۆمۈر كان جايلاشقان.

نامى ماگنىتوگورسكى
دۆلىتى رۇسىيە
يەر مەيدانى 37585 كۇۋادرات كېلومېتىر
چەتئەلچە نامى Magnitogorsk
خەنزۇچە نامى 马格尼托哥尔斯克
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
نوپۇسى 410 مىڭ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماگنىتوگورسكىروسىيە فىدراتسىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ پولات-تۆمۈر سانائەت مەركىزى، جەنۇبىي ئورال تاغلىرىنىڭ شەرقىي باغرى بىلەن ئورال دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان. ئەتراپىدا ئورال رايونى بويىچە ئەڭ چوڭ ماگنىتلىق تۆمۈر كان جايلاشقان. شۇڭا شەھەرگىمۇ «ماگىنتوگورسكى—ماگنىتلىق شەھەر» دەپ نام قويغان. شەھەر ئاھالىسى 410 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980)، 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن باشلاپ بۇ جايدىكى مول تۆمۈر كانلىرىنىڭ ئېچىشىغا ئەگىلىشىپ، بۇ شەھەر روسىيە فىدراتسىيەسى بويىچە چوڭ تىپتىكى پولات سانائەت بىرلەشمە كارخانىسى بولۇپ شەكىللەنگەن. پولات سانائىتىدىن باشقا ماشىنىسازلىق سانائىتى، كوكس كۆيدۈرۈش سانائىتى، مېتالچىلىق سانائىتى تەرەققىي قىلغان. شەھەرنىڭ تۆمۈر يول، تاشيول، تۇرۇبا ترانسىپورتى تەرەققىي قىلغان. شەھەردە كان سانائەت ئىنىستىتوتى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار.

ماگنىتوگورسكىماگنىتوگورسكى  — 1929 - يىلى ئەسلىدىكى كەنت ماگنېت كازاك ئاساسىدا قۇرۇلغان . دەسلەپتە بۇ شەھەر پەقەت شۇ جايدىكى پولات - تۆمۈر بىرلەشمە كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىشچىلار ئولتۇراقلاشقان ھەم ئىشلىتىلىشكە باشلىغان، ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا، سىتالىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بەش يىللىق پىلانىدا 1931 - يىلى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈلۈپ شەھەر بولغان. ئەتراپىدىكى ماگنىت تاغلىرى ئىچىدە تۆمۈر تەركىبى مول، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن 60 - يىللارغىچە تېز تەرەققىي قىلغان. 

ماگنىتوگورسكىماگنىتوگورسكى روسىيەدىكى ئەڭ چوڭ پولات - تۆمۈر كەسپىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر ئەتراپىدا 1929 - يىلى قۇرۇلغان ماگنىتوگورسكى پولات - تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ، ھازىرقى ئىشچى - خىزمەتچىلىرى 60 مىڭ ئادەمگە يەتتى. شەھەردە تەخمىنەن 140 شىركەت، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى چارروسىيە ھەرخىل پولات - تۆمۈر مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان. ئەڭ زور كۆلەملىك بىر قىسىم شىركەتلەر ئىشلەپچىقىرىدىغان كران، يىرىك ماشىنىلار، پولات بۇيۇملار، چاتقۇچ دېتال ماترىياللىرى قاتارلىقلار بار. ئىچىدە يەنە بىر قانچە چوڭ تىپتىكى بىناكارلىق شىركىتى، بىر ئاياغ كىيىم زاۋۇتى ۋە نەچچە يۈز كىچىك تىپتىكى مۇلازىمەت شىركەتلىرى.[0]

 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/72433.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#