چېن چۈەنگو
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1973-يىلى 12-ئايدىن 1977-يىلى 3-ئايغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە 1-جۈن بىلەن 3-شى توپچىلار تۈەنىدە خىزمەت ئۆتىگەن.
1977-يىلى 3-ئايدىن 1978-يىلى 3-ئايغىچە خېنەن ئۆلكىسى جۇمادىيەن ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى زاۋۇتىدا ئىشچى بولغان.
1978-يىلى 3-ئايدىن 1981-يىلى 12-ئايغىچە جېڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇغان.
1981-يىلى 12-ئايدىن 1983-يىلى 10-ئايغىچە خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جۇماديەن شىنديەن گۇڭشېسىدا خىزمەت ئۆتىگەن.
1983-يىلى 10-ئايدىن 1985-يىلى 4-ئايغىچە خېنەن ئۆلكىسى جۇمادىيەن پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ كاتىپى بولغان. (مۇئاۋىن ھاكىم دەرىجىلىك)
1985-يىلى 4-ئايدىن 1988-يىلى 9-ئايغىچە خېنەن ئۆلكىسى جۇمادىيەن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.
1988-يىلى 9-ئايدىن 1992-يىلى 9-ئايغىچە خېنەن ئۆلكىسى سۈيپىڭ ناھىيەسىنىڭ پارتكوم شۇجىسى بولغان.
1992-يىلى 9-ئايدىن 1994-يىلى 4-ئايغىچە خېنەن ئۆلكىسى جۇمادىيەن كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سۈيپىڭ ناھىيەسىنىڭ پارتكوم شۇجىسى بولغان.
1994-يىلى 4-ئايدىن 1996-يىلى 3-ئايغىچە خېنەن ئۆلكىسى پىڭدىڭشەن شەھىرى كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.
1996-يىلى 3-ئايدىن 1998-يىلى 1-ئايغىچە خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لوخې شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان.
1995-يىلى 3-ئايدىن 1997-يىلى 7-ئايغىچە، ۋۇخەن ئاپتوموبىل سانائىتى ئۇنىۋېرسىتېتىدا سودا - سانائەت باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىدا ئىقتىساد ئىلمى كەسپىدە ماگىستىرلىق ئوقۇغان.
1998-يىلى 1-ئايدىن 2000-يىلى 1-ئايغىچە خېنەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.
2000-يىلى 1-ئايدىن 2001-يىلى 1-ئايغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئۆلكە باشلىقىنىڭ ئورۇنباسارى بولغان.
2001-يىلى 1-ئايدىن 2003-يىلى 4-ئايغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.
2003-يىلى 4-ئايدىن 2004-يىلى 1-ئايغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.
2004-يىلى 1-ئايدىن 2005-يىلى 11-ئايغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.
2005-يىلى 11-ئايدىن 2009-يىلى 11-ئايغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، خېنەن مەمۇرىيەت ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان.
2009-يىلى 11-ئايدىن 2010-يىلى 1-ئايغىچە خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان.
2010-يىلى 1-ئايدىن 2011-يىلى 8-ئايغىچە خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان.
2011-يىلى 8-ئايدىن 2016-يىلى 8-ئايغىچە شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىزاڭ ھەربىي رايونى پارتكومنىڭ 1 - شۇجىسى بولغان.
2016-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.
پارتىيە 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.
2016-يىلى 8-ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى نىڭ قارارىدا: يولداش چېن چۈەنگو شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، دائىمىي ھەيئەت ئەزالىقى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزاسى، دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، سېكىرتارلىقىغا تەيىنلەنگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.