نىكولا ساركوزى

نىكولا ساركوزى

نىكولا ساركوزى 1955-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى پارىژ دا تۇغۇلغان، فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى 23-نۆۋەتلىك پرىزدىنتى، خەلق ھەرىكىتى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى نىكولا ساركوزى
باشقا نامى نىكولا ساخكوزى
يۇرتى پارىژ
كەسپى ئادۇۋكات، سىياسىيون
خەنزۇچە باشقا نامى 萨科齐 ، 尼古拉·保罗·斯特凡纳·萨科齐·德纳吉·博乔
خەنزۇچە ئاتىلىشى 尼古拉·萨科齐
دۆلەت تەۋەلىكى فرانسىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1955-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى پارىژ نانتەر 10-ئۇنىۋېرسىتى
دىنى كاتولىك

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نىكولا ساركوزىفرانىسىيە جۇمھۇرىيىتى 23-نۆۋەتلىك پرىزدىنتى نىكولا ساركوزىنىڭ ئوقۇش ھاياتى سىياسى ھاياتىنىڭ ئەكسىچە ناھايىتى توسالغۇلۇقتا ئۆتكەن ۋە ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىغان. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى قىينىلىپ تۈگىتىپ، ئاران تەستە 1973-يىلى پارىژ 10-ئۇنىۋېرسىتى يەنى نانتەر ئۇنېۋېرسىتىنىڭ قانۇن فاكۇلتىتىغا كىرگەن. ئوقۇش نەتىجىسى ناچار بولغاچقا، دادىسى ئۇنى ياخشى كۆرمىگەن.

ئۇنېۋېرستتىكى تۆت يىللىق ئوقۇشنى بەش يىلدا تاماملاپ، ئىككى يىلدىن كىيىن، ئادوۋكاتلىق چوڭ ئىمتىھانىنىڭ چېكىدىن ئون نومۇر بىلەن ئۆتۈپ (تولۇق نومۇر 20، تۆۋەن چەك 10 نومۇر) ئادوۋكاتلىق ئۇنۋانىنى ئالغان ۋە ماگىستىرلىقىنى تۈگەتكەن.

1979-يىلى، فرانسىيە نىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق سىياسى ئالى مەكتىپى بولغان «پارىژ سىياسى پەنلەر ئنىستىتۇتى»غا كىرىپ، ئىككى يىلدىن كىيىن، لاياقەتلىك بولالماي ئاياقلاشتۇرغان.

نىكولا ساركوزى1981-يىلى بىر ئادوۋكاتلىق كابىنتىغا پراكتىكانت بولۇپ كىرگەن. 1987-يىلى، باشقا ئىككى ئادوۋكات بىلەن بىرلىشىپ، ئايرىم كابىنت قۇرغان.

مەكتەپتىن بەزگەن ياش ساركوزى 1974-يىلىلا ئوڭچىل پارتىيە «جۇمھۇرىيەت ئۈچۈن دېموكىراتىيە» گە ئەزا بولۇپ كىرگەن.

ئىككى يىلدىن كىيىن يېڭىدىن قۇرۇلغان پارتىيە «جۇمھۇرىيەت ئۈچۈن توپلىنىش» قا قاتناشقان ۋە پارىژ نۆيى رايونى شۆبىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

كىيىنكى يىلى نۆيى رايونىنىڭ شەھەرلىك قۇرۇلتاي مەسلىھەتچىىلىكىگە سايلانغان.

1983-يىلى، نۆيى شەھەر رايونىنىڭ شەھەر باشلىقى تۇيۇقسىز كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلىپ سايلام ئۆتكۈزۈلگەن. ساركوزى مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى شاغلى پاسكۇۋاغا قارشى ئۆزىنى نامزات كۆرسەتكەن. ساركوزىنى بىر قوللاپ ئۆستۈرگەن پاسكۇۋا بۇنى بىر خائىنلىق دەپ بىلگەن.

28 ياشتا، نىكولا ساركوزى فرانسىيەنىڭ ئەڭ ياش شەھەر باشلىقىغا ئايلىنىدۇ.

1987-يىلدىن 1988-يىىلىغا قەدەر، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى رادىئو ۋە خىمىيىۋى زەھەرلىك ماددىلارغا قارشى بۆلۈمگە مەسئۇل بولغان. بۇ مەزگىلدە، «چىرنوبىل ئاپىتى» گە چېتىلىپ قېلىپ، سىياسى سەتچىلىككە قالىغان.

1988-يىلىدىكى جۇمھۇرىيەت رەئىسى سايلام مەزگىلىدە، ژاك شىراكنىڭ نامزاتلىقى ئۈچۈن ئىشلىگەن ۋە ئۇنىڭ قىزى كلود شىراك ۋە دوستى ئېدۇۋارد باللادۈر بىلەن يېقىن دوست بولغان.

1993-يىلىدىكى پارلامنىت سايلىمىدا، ئوڭچىللار غەلىبە قازانغان ۋە ساركوزى باش مىنىستىر ئېدۇۋارد باللادۈرنىڭ ھۆكۈمىتىدە مالىيە مىنىستىرىگە ئۆستۈرۈلگەن ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. 

1995-يىلىدىكى پرىزدىنت سايلىمىدا، ژاك شىراكنى تاشلاپ، بالادۈرنىڭ نامزاتلىقى ئۈچۈن ئىشلىگەن. شىراك ئائىلىسى بۇنى بىر قاتتىق خائىنلىق دەپ بىلگەن. سايلامدا ژاك شىراك ئۈزۈپ چىققان ۋە ساركوزى ۋەزىپىلىرىدىن ئايرىلغان. 

1997-يىلىدىكى پارلامىنت سايلىمىدا، سولچىللار غەلىبە قازانغان ۋە ساركوزى كونا پارتىيەسىدىن ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن «خەلق ھەرىكىتى بىرلىكى» نىڭ باش كاتىپى بولغان.

1999-يىلى، «فرانسىيە مۇسۇلمانلار مەدەنىيتى مەسلىھەتچىلىكى» نىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان. ياۋروپا پارلامىنت سايلىمىدا، ساركوزىنىڭ پارتىيىسى باشقا ئوڭچىل پارتىيەلەرگە ئوخشاشلا مەغلۇپ بولغان ۋە ساركوزى بارلىق سىياسى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن.

2002-يىلىدىكى پرىزدىنت سايلىمىدا، ساركوزى بۇ نۆۋەت ژاك شىراكنىڭ نامزاتلىقىنى قوللىغان.

سايلامدىن كىيىن، ساركوزىنىڭ خائىنلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىغان شىراك باش مىنىستىرلىككە ژاڭ-پىيەر راففارەننى تاللىغان ۋە ساركوزىنى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە مەسئۇل قىلغان.

2004-يىلىدىكى ھۆكۈمەت تەشكىلىنى ئۆزگەرتىشتە، نىكولا ساركوزى دۆلەت پۇل-مۇئامىلە ۋە سانائەت مىنىستىرلىكىنىڭ ئاچقۇچىنى قولىغا ئالىغان. بۇ مەزگىلدە، فرانسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا-سانائەت گۇرۇھلىرى بولغان «فرانىس تېلېكوم» ۋە «فرانسىيە گاز-توك شىركىتى» لىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى شەخسلەر ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزىلگەن.

2004-يىلى سېنتەبىردە «خەلق ھەرىكىتى بىرلىكى» نىڭ رەئىسلىكىگە نامزات كۆرسەتكەن ساركوزى، شۇ يىلى 28-نويابىردا%85 ئاۋاز بىلەن رەئىسلىككە سايلانغان. ساركوزى مىنىستىرلىكتىن ئىستىپا بەرگەن.

2005-يىلى مايدا، ھۆكۈمەت شۇنچە تىرىشقان «ياۋروپا ئاساسى قانۇنى» خەلق رايىدىن ئۆتمىگەنلىكى ئۈچۈن، راففارەن ھۆكۈمىتى ئىستىپا بەرگەن. نىكولا ساركوزى دۆلەت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ بەلگىلىنىدۇ ۋە ئوخشاش ۋاقىتتا، پارتىيىسىدىكى ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرغان ۋە يۇقىر سەينا ۋىلايىتى ئومۇمى مەسلىھەتچىلىكىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆتىگەن.

2005-يىلى 20-ئىيۇن، پارىژ رايونى ئەتراپىغا زىيارەتكە كەلگەن مىنىستىر ساركوزى «بۇ رايونلارنى كارشەر بىلەن تازىلاش» سۆزىنى قوللانغان. بۇ ئىپادە پۈتۈن فرانسىيەدە قاتتىق غۇلغۇلا ۋە سىياسى سەتچىلىك قوزغىغان. شۇ يىلى سېنتەبىردە، ئۇ يەنە بارلىق ساقچى مەركەزلىرىنىڭ فرانسۇزلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە توسالغۇ بولىدىغان كىشىلەرگە قارىتا ھۇشيارلىقىنى كۈچەيتىشنى سورىغان. بولۇپمۇ يۆتكىلىپ يۈرىدىغانلار، قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە شەھەر ئەتراپى ياشلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

بۇ نۇتۇق يەنە قايتىدىن پۈتۈن فرانسىيەدە نارازىلىق قوزغىغان. يەنە شۇ يىلى، 26-ئۆكتەبىردە، ئارژانتۆي رايونىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ساركوزى رايوندىكى بەزى ياشلار تەرىپىدىن ھاقارەتلەنگەندىن كىيىن، ئۇلارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن «داشقال» سۆزىنى ئىشلىتىپ، نارازىلىقلارنى پەللىگە يەتكۈزگەن.

2006-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، چەتئەللىكلەرگە قارىتا قانۇننى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ، كۆچمەنلەرنىڭ فرانسىيەگە كىرىشىنى تەسلەشتۇرگەن. بولۇپمۇ «ئائىلە بىرلىشىش» تېخىمۇ قاتتىقلاشقان. ساركوزى يېڭى قانۇننى ئاقلاش ئۈچۈن، «جاپالىق كۆچمەنلىك»تىن «تاللانما كۆچمەنلىك»نىڭ تېخىمۇ توغرىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

كۆپلىگەن ئافرىقا دۆلەت باشلىقلىرى «ساركوزى قانۇنى» دىن قاتتىق نارازى بولغان. گەرچە ساركوزى مەخسۇس سېنېگال ۋە مالى دۆلەتلىرىگە بېرىپ قانۇنىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما «ئرقۋاز» لىقتا ئەيىپلەنگەن.

2007-يىلى 14-يانىۋار، سىياسى پارتىيىسى نامىدىن پرىزدىنت سايلىمىغا نامزات بولغان. سايلام پائالىيىتىنىڭ شوئارى «كۆپ پۇل تېپىش ئۈچۈن كۆپ ئىشلەش» بولۇپ، بۇ شوئار كىيىن نۇرغۇن پائالىيەتلەردە مەسخىرە ئۈچۈن قوللىنىلغان. 21-ئاپرىلدىكى بىرىنچى سايلام ۋە 6-مايدىكى ئىككىنچى سايلامدا %53 تىن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن، رىقابەتچىسى بولغان سوتسىيالىستلار پارتىيىسى نامزاتى روۋايال خانىمنى يېڭىپ چىقىپ، جۇمھۇرىيەت رەئىسلىكىنى قولىغا ئالغان.

ژاك شىراك بىلەن پەرقىنى ئايرىش ئۈچۈن، ساركوزى ھوقۇققا چىقىپلا ھۆكۈمەتكە بەزى سولچىللارنى تەكلىپ قىلغان ۋە ئايال مىنىستىرلەرنى كۆپەيتكەن. «فرانسۇز دوختۇر» لەقىمى بولغان «چىگراسىز دوختۇرلار» جەمىيىتىنى قۇرغان سوتسىيالىست بەرنار كۇشنەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە بېكىتىلگەن. كۆچمەن ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، ئەرەپ مىللىتىدىن بولغان رەشىدە داتې ئەدلىيە مىنىستىرلىكىگە تەيىنلەنگەن. ئوتتۇرىچىل پارتىيە رەھبىرى ئەرۋې مورەن مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنى باشقۇرغان.

2009-يىلىدىكى يىللىق «يېزا ئىگىلىك سالونى» نى زىيارەت قىلىۋاتقان ساركوزى، قولىنى سىقىشنى رەت قىلغان بىر پۇقرانى «يوقال بىچارە قوڭالتاق» دەپ ھاقارەت قىلغان ۋە بۇ سۆز شۇ كۈنىلا پۈتۈن دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ باش تېمىسى بولۇپ قالىدۇ. يەنە بۇ سۆز ھەر قېتىملىق نامايىشتا مەسخىرە ئوبىكتى بولۇپ قوللىنىلغان.

ھۆكۈمەت تەشكىلىدىلا پەرق پەيدا قىلمىغان ساركوزى يەنە ئۆزىنىڭ شەخسى ئىستىلىدىمۇ بۇرۇنقى پرزدىنتلاردىن پەرقلەنگەن. ياسىنىشقا، ئالى تۇرمۇش ۋە بەدخەجلىكتە ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراقلىقى فرانسىيەدىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى ئاخباراتلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان ۋە فرانسۇزچىدا يېڭىدىن «بلىڭ-بلىڭ» (ئۇيغۇرچىدا ۋال-ۋۇل سۆزىگە توغرا كېلىدۇ) سۆزىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپ بولغان. شۇنىڭ بىلەن «بلىڭ بلىڭ پرىزدىنت» دېگەن لەقەم مەيدانغا كەلگەن.

2009-يىلى، ساركوزىنىڭ ئالى مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىنى قالدۇق ئوقۇۋاتقان 23 ياشلىق ئوتتۇرانچى ئوغلى ژاڭ ساركوزى ئۆزىنى ياۋروپانىڭ ئەڭ باي سودا رايونى، نۆيىدىكى ئېپادنىڭ باش مۇدىرلىقىغا نامزات كۆرسەتكەن. بۇ ئىش فرانسىيەدىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيادا غۇلغۇلا ۋە سەتچىلىك قوزغىغان. فرانسىىيەدىكى ھەر قايسى ئاخباراتلار بۇنىڭ ساركوزىنىڭ ئۆز ئورنىغا دېپلومۇمۇ يوق ئوغلىنى قويۇشى دەپ قاراپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ بانانغا ئايلىنىپ قېلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى قاتتىق جاكارلاشقان.

فرانسۇزلار تەرەپ-تەرەپتىن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىلتىماس يېزىپ كىچىك ساركوزىنىڭ نامزاتلىقتىن ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلىشقان. نەتىجىدە، بۇ قەدەر قاتتىق غەزەپلەردىن، ژاڭ ساركوزى نامزاتلىقتىن ۋاز كەچكەن.

2012-يىللىق فرانسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئۇتتۇرۇپ، ئۇدا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىدىن قۇرۇق قالغان.

2014-يىلى 7-ئايدا، فرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ساركوزى چىرىكلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىپ تۇتۇپ تەكشۈرۈپ سوراق قىلىنغان.

2016-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى، ساركوزى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتىغا پارتىيە ئىچىدە تۇنجى نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاشتا مەغلۇپ بولۇپ، ئارقىدىنلا ساركوزى سىياسىي سەھنىدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىغان.

نىكولا ساركوزىساركوزىنىڭ ھاياتى ناھايىتى قىزىقارلىق بىر رومانغا ئوخشايدۇ. ياش ۋاقتىدىلا دادىسىغا ئوخشاش ئاياللارغا ئامراق ساركوزى گەرچە ئوقۇش ھاياتى غەلبىلىك بولمىسىمۇ ئەمما سىياسىيغا قىزىققان. دادىسى باشقا ئايالنىڭ كەينىدىن كېتىپ ئىككى ئاكىسى بىلەن قالغان ساركوزىنى ئانىسى يالغۇز چوڭ قىلىغان. ساركوزىنىڭ دادىسى ۋىنگىرىيەلىك چوڭ بىر بۇرژۇئا ئائىلىسىدىن بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ۋىنگىرىيەدىن فرانسىيەگە قېچىپ كەلگەن ۋە ساركوزىنىڭ ئاپىسى بىلەن تونۇشۇپ توي قىلغان. ساركوزىنىڭ ئانىسىنىڭ تېگى گېرىتسىيەلىك يەھۇدى بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىيلارغا قارشى قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىن، ساركوزىنىڭ يەھۇدى چوڭ دادىسى دىنىنى خىرىستىيانغا ئۆزگەرتكەن. تاكى ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغىچە، ھىچكىم بۇ ئائىلىنىڭ ئەسلى يەھۇدى ئائىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن. نىكولا ساركوزى 17 ياشتا ژاك شىراكنىڭ پارتىيىسى ئەينى ۋاقىتتىكى ئاجىز بىر پارتىيە خەلق ھەرىكىتى پارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. بىر يىل تىرىشىش ئارقىلىق ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىنمۇ ئۆتۈپ پارىژ ناڭتەر ئۇنىۋىرسىتى قانۇن فاكۇلتىتىغا ئوقۇشقا كىرىگەن.

ئىشتا ئەستايىدىل ۋە چاققان، گەپكە ئۇستا بۇ ياش ناھايىتى تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ، 28 ياشتا پارىژ رايونى نۆيې شەھرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان. شۇ يىلى باش شەھەر باشلىقىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇنىڭ يېقىنىنىڭ قىزى مارې بىلەن توي قىلىپ ئىككى ئوغۇللۇق بولغان. فىرانسىيەدە توي خېتى شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە ئېلىنغان ۋە شەھەر باشلىقى بىر جۈپ ياشنى شەخسەن ئۆزى تەبرىكلىگەن.

نۆيې فرانسىيەدىكى ئەڭ باي بىر شەھەر بولۇپ، داڭلىق شەخسلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى بۇ يەردە تويىنى ئۆتكۈزەتتى. نىكولا ساركوزى نۇرغۇن بايۋەچچە دوستلىرىنى شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە تويىغا گۇۋاھچى بولۇش جەريانىدا تونۇغان.

بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن، مالىيە مىنىستىرلىقىغا ئۆسكەن ساركوزى ئاخىرى سېسىلىيا بىلەن توي قىلغان. ئىككىسىنىڭ بىر ئوغلى بولغان. ساركوزى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ سايلانغاندىن كىيىن، ئىككىسىنىڭ ئارىسى بۇزۇلۇشقا باشلىغان.

2006 يىلى كۈزدە، پۈتۈن مەملىكەتتە تېگى كۆچمەن ياشلار نامايىش قىلىپ، ماشىنىلارغا ئوت قويۇپ، قالايمىقانچىلىق پۈتۈن فرانسىيەنى بىر ئالغان مەزگىللەردە، سېسىلىيا كىچىك ئوغلى لۇئىنى ئېلىپ نيو-يوركتا داڭلىق سودىگەر، مىليادىر غىشاغ ئاتتىياس بىلەن ئالتە ئاي بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئۇلارنىڭ سۈرىتىنى تارتىپ «پارىژدا مۇسابىقە» گېزىتىدە ئېلان قىلغان مۇخبىر ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىشتىن ھەيدەلگەن. سايلامنىڭ ئىككىنچى ئايلىنىشىدا، ساركوزىنىڭ ئايالى بولغان سېسىلىيا يولدىشىغا بېلەت تاشلىمىغان. جۇمھۇرىيەت باشلىقى بولۇپ يېرىم يىلدىن كىيىن، ئۆكتەبىردە ئىككىيلەن رەسمى ئاجراشقان.

كىيىنكى يىلى ئىككىنچى ئايدا، ساركوزى ناخشىچى ۋە مودېل كاغلا بىغۇنى بىلەن توي قىلىغان. بىر ئايدىن كىيىن، سېسىلىيا نيۇيوركتا ئاتتىياس بىلەن كاتتا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.[3]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#