جوۋ شىڭچى

جوۋ شىڭچى

جوۋ شىڭچى 1962-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى شياڭگاڭدا تۇغۇلغان. جۇڭگونىڭ داڭلىق كومىدىيە ئارتىسى، رېژىسسور، سىنارىست ھەم فىلىم ئىشلىگۈچى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى جوۋ شىڭچى
باشقا نامى 星爷、星仔、阿星
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1962-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 174سانتىمېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 周星驰
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى شياڭگاڭ
يۇلتۇز تۈركۈمى سەرەتان يۇلتۇز تۈركۈمى
بەدەن ئېغىرلىقى 70كىلوگىرام

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جوۋ شىڭچىجوۋ شىڭچى (ئىنگلىزچە ئىسمى«ستېۋىن چوۋ») 1962-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى شياڭگاڭدا تۇغۇلغان. جۇڭگونىڭ داڭلىق كومىدىيە ئارتىسى، رېژىسسور، سىنارىست ھەم فىلىم ئىشلىگۈچى سۈپىتىدە تونۇلغان. 

2013-يىلى، «دەۋر ژورنىلى» جوۋ شىڭچىنى «ئاسىيادىكى قەھرىمان» دەپ تەرىپلەپ، «ئەگەر جۇڭگودا چارلىز چاپلىن بار دېيىشكە توغرا كەلسە، ئۇ دەل جوۋ شىڭچىدۇر» دىگەن يۇقىرى باھانى بەرگەن.

جوۋ شىڭچىجوۋ شىڭچى ۋە ئۇنىڭ تۆت قېرىندىشىنى تۇل قالغان ئانىسى بىر قوللۇق بېقىپ قاتارغا قوشقان. جوۋ شىڭچى كىچىكىدىن تارتىپلا ناھايىتى ئاددى ھالەتتە ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئۇنىڭ ئوقۇشتىكى ئىپادىسىمۇ ئادەتتىكىچىلا بولۇپ، ئالاھىدە خاراكتېرىمۇ يوق ئىدى. ھەتتا كېيىن قۇرۇلۇشتا ئىشلەپ يۈرگەن چاغلىرىدا تۈزۈكمۇ پۇل تاپالمىغان. 

جوۋ شىڭچى كىچىكىدىن تارتىپ لياڭ چاۋۋېي (شياڭگاڭنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى، كىنو-فىلىم ساھەسىدە «شياڭگاڭدىكى بەش يولۋاسنىڭ بىرى» دەيدىغان نامى بار) بىلەن يېقىن دوسىت ئىدى. بۇ ئىككەيلەن بالىلىق چاغلىرىدا بىللە ئوينىغاچ «چولپانلىق چۈشى»نىڭ ھوزۇرىنى تەڭ سۈرەتتى. 

جوۋ شىڭچى1980-يىلى، جوۋ شىڭچى تېلېۋزىيە ئىستانسسىنىڭ تەكلىپلىك ئارتىسى بولۇش بىلەن ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىنى باشلىدى. 1982-يىلى، ئۇ ئارتىس بولۇشقا نىسبەتەن قىزىقىشى سۇسلاپ كەتكەن دوستى لياڭ چاۋۋېينى باشلاپ، سىمسىز تېلېۋىزىيەنىڭ 11-نۆۋەتلىك ئارتىس تەربىيەلەش سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىدۇ.

بۇچاغدا لياڭ چاۋۋېي ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، جوۋ شىڭچى ئۆتەلمەيدۇ. ئۇ كېيىن تىرىشىپ يۈرۈپ، كەچلىك سىنىپقا كىرىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىر يىلدەك يۈگۈر-يىتىم ئىشلارنى قىلىدۇ. 1983-يىلى «430-نومۇرلۇق مۇكا» ناملىق بىر بالىلار پىروگراممىسىغا رىياسەتچى بولۇپ، تۆت يىل موشۇ خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1987-يىلى ئۇ «ھاياتلىق سەپىرى»، «جاھانكەزدى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئالىدۇ. 1988-يىلى، رېژىسسور لى شيۇشيەننىڭ نەزىرىگە ئىلىنىدۇ ھەمدە كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى كىنوسى بولغان «چاقماقتەك زەربىدارلار»دا خېلى مۇھىم بولغان بىر ئەرنىڭ رولىنى ئالىدۇ. ئۇ بۇ فىلىمدىكى ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن تەيۋەننىڭ 25-نۆۋەتلىك «ئالتۇن ئات مۇكاپاتى»دىكى «ئەڭ مۇنەۋۋەر يانداش ئەر رولچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.

جوۋ شىڭچىنىڭ رول ئېلىش داۋامىدىكى لوگىكىغا ئانچە چۈشۈپ كەتمەيدىغان، تاقا-تۇقا سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى، «تاققا-تۇققا مەدەنىيىتى»گە يول ئېچىپ، شياڭگاڭ مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسىغا ئايلاندى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ رول ئالغان كىنولار بىلەت كىرىمى رىكورتى يارىتىشقا باشلىدى ھەمدە شياڭگاڭنىڭ كومىدىيىلىك كىنو ساھەسىگە يېڭى بىر چىقىش يولى كۆرسەتتى ۋە يېڭى بىر كولمىناتسىيە نۇقتىسىنى بەلگىلىدى.

جوۋ شىڭچىجوۋ شىڭچى «كومىدىيە شاھى» دەپ شۆھرەتلەنگەندىن كېيىن، قۇرۇلۇش سودىگىرىنىڭ ئەتىۋارلىق كەنجى قىزى ھېسابلىنىدىغان يۈ ۋىنفىڭ ئىسىملىك بىر قىز بىلەن ئارلاشقان ھەمدە ئۇنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ سودا ساھەسىگە قەدەم باسقان. بۇ ئىككىسى 13 يىل سۆرىشىپ يۈرگەندىن كېيىن، 2010-يىلى 3-ئايدا ئايرىلىپ كەتكەن. 2012-يىلى، يۈ ۋىنفىڭ سوتقا ئەرز قىلىپ، جوۋ شىڭچىدىن 70 مىلىيون تەلەپ قىلغان. ئۇ «جوۋ شىڭچى مېنىڭ ياردىمىم ئارقىلىق سودا ساھەسىگە يۈرۈش قىلغان ھەمدە غايەت زور پايدىغا ئېرىشكەن. بازار قىممىتى 800 مىلىيونغا ئەرزىيدىغان بىر تۈردىن ئەسلى مەن 80 مىلىيون پايدىغا ئېرىشىشىم كېرەك ئىدى، لېكىن جوۋ شىڭچى ماڭا 10 مىلىيون بىرىپلا قۇتۇلماقچى بولدى»دېگەن. 2012-يىلى 3-ئايدا، جوۋ شىڭچى ئىپادە بىلدۈرۈپ: «ئۇ 10 مىلىيوننى مەن سوۋغات تەرىقىسىدە بەرگەن، يۈ ۋىنفىڭغا قەرز ئەمەسمەن» دىگەن. شۇنىڭ بىلەن يۈ ۋىنفىڭ سوتقا رەسمىي ئەرز سۇنغان. لېكىن شياڭگاڭ ئالىي سوتى يۈ ۋىنفىڭنىڭ ئەرزىنى قوللىمىغان ھەمدە قايتۇرۋەتكەن.

جوۋ شىڭچىنىڭ خەلقى-ئالەمگە ئاشكار بولغان قىز دوستى پەقەت يۈ ۋىنفىڭ؛ لېكىن بەزى كىشىلەر جوۋ شىڭچى بىلەن لو خۇيجۈەن، جاڭ مىن، مو ۋىنچۇ قاتارلىق ئايال چولپانلارنىڭ كەينىدىن سۆز-چۆچەك قىلىشىدۇ.

جوۋ شىڭچىجوۋ شىڭچى شۇنىڭدىن باشلاپ بىر قاتار نادىر فىلىملەردە ئۆزگىچە ئوبرازلارنى ياراتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپچىلىككە تونۇش ھەتتا ياد بولۇپ كەتكەن فىلىملىرىدىن «قىمار پىرى»، « ھەجۋىيلەشتۈرۈلگەن غەربكە ساياھەت»، «ئالامەت ئاشپەز»، «شاتلىققا تولغان ئائىلە»، «تاڭ بوخۇ بىلەن دىيەن چيۇشياڭ»، «كىچىك مەنسەپدار»، «سوراقچى»، «ئەلىيۇلئەلا سۇچىخار»، «شياۋلىن پۇتبولى»، «گۇمپا» قاتارلىقلار بار.

جوۋ شىڭچى1996-يىلى، جوۋ شىڭچى باش رول ئالغان ھەمدە رېژىسسورلىقىنى قىلغان «ئالامەت ئاشپەز» ناملىق فىلىم، «ۋىنىست خەلقئارا كىنو فىسىتۋالى»دا كۆرەك فىلىم بولۇپ باھالانغان.

2001-يىلى، ئۇ ئىشلىگەن «شياۋلىن پۇتبولى» ناملىق فىلىم 63 مىلىيونلۇق بىلەت كىرىمى رىكوردىنى ياراتقان.

2006-يىلى، ئۇنىڭ «گۇمپا» ناملىق فىلىمى شىياڭگاڭ كىنوچىلىقىغا ئاتالغان 24-نۆۋەتلىك «ئالتۇن پىل مۇكاپاتى»دا، 16 تۈر بويىچە نامى ئاتالغان ھەمدە «يىللىق ئەڭ نادىر كىنو مۇكاپاتى»نى قولغا كەلتۈرگەن. 2004-يىلى، «دەۋر

ژورنىلى» بۇ فىلىمنى شۇ «يىللىق ئەڭ نادىر ئون كىنونىڭ بىرى» دەپ باھالىغان.

2013-يىلى، ئۇ سىنارىيەلەشتۈرگەن ھەمدە رېژىسسورلۇق قىلغان «غەربكە ساياھەت: شاگىرتلارنى بويسۇندۇرۇش» ناملىق فىلىممۇ قالتىس ئالقىشقا ئېرىشكەن. بۇ فىلىم جەمئىي 23 تۈرلۈك كىنوچىلىق رىكوردىنى بۇزغان ھەمدە يەر شارى مىقىياسىدا 218 مىلىيون دوللارلىق يۇقىرى بېلەت كىرىمىگە ئىگە بولغان.

جوۋ شىڭچى ئىشلىگەن ۋە قاتناشقان فىلىملەر ئالتە قېتىم شياڭگاڭ كىنو بىلەت كىرىمى رىكوردىنى ياراتقان، سەككىز قېتىم يىللىق چىمىپىيون بولغان. ئۇنىڭ شىياڭگاڭدىكى كىنو بېلەت كىرىم رىكوردىنى ئەڭ كۆپ قېتىم ياراتقۇچى ھەمدە ئەڭ كۆپ يىللىق چىمپىيۇن بولغۇچى دىگەن شۆھرىتىنى تېخى ھازىرغىچە ھىچكىم تەۋرىتەلىگىنى يوق.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#